- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2030
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
  1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 02:08
دۇنيادا تەقدىرگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلىگەن بىرمۇ ئىنسان چىققان ئەمەس.«تەقدىرنى ئاللاھ بەلگىلايدۇ،ئاللاھدىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ»دېگۈچىلەرمۇ باشقىلارغا ئوخشاش تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشايدۇ،ھەممىنى ئاللاھقا ئارتىپ قويۇپ ئوڭدا ياتقان بىر ئىنساننى كۆرگەن كىشى يوق.ئۇنىڭ ئەكسىچە،تەقدىرگە ئىشەنمەيمەن دەپ تۇرۇپ،يەنىلا تەلىيىم ئوڭدىن كەلمىدى دەپ تەقدىردىن رەنجىيدىغانلار تېخىمۇ ساماندەك.
ئىش قىلىپ ئاللاھ بىزنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللانساق ئىككى دۇنيادا مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى،يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانساقمۇ ئۇنىڭ جاجاسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇڭا سىز تەقدىرنىڭ قانداق بەلگۈلىنىدىغانلىقىغا باش قاتۇرماي،ۋاقتىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەللەر بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىڭ،كۆپلەپ ئىلىم تەسىل قىلىپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىيىلەڭ.بۇنىڭ مۇكاپىتىنى ھەر ئىككى دۇنيادا كۆرۈسىز.
پەيغەمبىرىمىزمۇ تەقدىر توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلغاندىن باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغاننى ئەۋزەل دېگەن. |
|