- تىزىملاتقان
- 2015-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 524
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  4.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-16 13:46
ئاندىن تۆۋەندىكىسى باشقا بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىم ئىدى. بۇ يەرگىمۇ مۇۋاپىق كۆردۈم. تەپەككۈر قىلىپ بېقىڭلار.
«ياق، مەن زادى قايىل بولمايدىغىنى» دەپ تۇرىۋالساڭلار ئامال يوق. ئۇمۇ ئەركىنلىكىڭلار.
«مۇنازىرىدە بىرمۇ داناغا يېڭىلىپ باقمىدىم، ئەمما بىرمۇ جاھىلنى يېڭىپ باقمىدىم» دېگەنىكەن ئەپلاتۇن.
-------------------------
بارلىق پەنلەر تەبىئەتنى، ئىنساننى (يىغىپ ئېيتقاندا يارىتىلىشنى)، ۋە قانۇنىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يىتىش مەۋقەسى ئارقىسىدا تەرەققىي قىلغان. ئىلمىيلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى: «تەبىئەت، ئىنسان، مەۋجۈلۇق دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رولى، سىرى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىزدەش»دىن ئىبارەت پەلسەپىۋىي سوئالغا (بۇلانىڭ ھەممىسى «ھەقىقەت دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالدا مۇجەسسەملىنىدۇ.) قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش ئۈچۈندۇر. پۈتۈن پەلسەپە تارىخىمۇ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقىلار ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ھاسىلىلەنگەندۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەن ۋە پەلسەپە ھەرخىل پىكىرلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويىدۇ.
شۇڭا، شەخسنىڭ تەۋە بولغان پەلسەپىۋىي چىقىش نوقتىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك ھەقىقەتكە بولغان چۈشەنچە ئوخشاش بولمايدۇ. (مەسىلەن: بەزىلەر ئىدىئالىسىت، بەزىلەر ماتېرىيالىست بولىدۇ.) نۇرغۇن كىشى ئۆزى تاللىغان مەيدان ۋە كۆز-قارىشىنى توغرا دەپ قارايدۇ. ۋە شۇ قاراش ئاساسىدا پائالىيەتلەرنى، كۆرەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا قان تۆكۈشىدۇ.
ئەمما دىندا بۇلارنىڭ جاۋابى بىردۇر. (يەنى: بارلىق مەۋجۈدادنى ئاللاھ ياراتقاندۇر. مانا بۇ بىردىنبىر ھەقىقەتتۇر.) بۇنىڭغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ۋىجدان، ئىمان مەسىلىسىدۇر. ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلىپ بولغان ئادەمگە پولاتتەك دەلىل كەلتۈرگەن بىلەنمۇ ئۆزگەرمىكى تەس. خۇددى: «ئۇلارنىڭ قەلىبلىرى پىچەتلەنگەندۇر، كۆزلىرى كوردۇر، قۇلاقلىرى گاستۇر. ھەقىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆرمەيدۇ.» دەپ كۆرسىتىلگىنىدەك...
مەيلى ئىلگىرىكى دارۋىنىزىم (مايمۇنىزىم) بولسۇن، مەيلى ئالەمنىڭ تاسادىبىي پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «تاسادىبىيچىلەر» بولسۇن، ياكى «چوڭ پارتلاشچىلار» بولسۇن، ھازىر چىقىۋاتقان «كۋانت تەڭلىمىسىچىلەر» بولسۇن، مەيلى دىيارىمىزدىكى «ھېچنىمىزىمچىلەر» بولسۇن، ۋە يەنە باشقا «... چىلەر» بولسۇن، ھەممىسى ھەققەت ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. خۇددى دارۋىنىزىم (مايمۇنىزىم)نىڭ قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكى ئاشكارە بولغانغا ئوخشاش ئۇلارنىمۇ بىركۈنى رەسۋا بولمايدۇ دېگىلى بولسۇنمۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىزدىنىش جەريانىدا ئۆز قاراشلىرىنى ياقىلاپ، نەزەرىيە ئاساسىنى چىڭىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما، بەزى نەزەرىيەلەرنىڭ تەتقىقات جەريانى بىزگە شۇنداق ئىماگلارنى (ئۇچۇرلارنى) بەرمەكتە: «كائىنات تاسادىبىي پەيدا بولغان، يارىتىلمىغان، بارلىق دىنى كىتابلار يالغان، پەيغەمبەرلەرمۇ يالغان سۆزلەپ دىن ئاستىدا كىشىلەرنى ئالدىغان ساختىپەزلەر»...
يىغىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئۆز قارىشى ۋە مەيدانى بويىچە پىرقە تائىپەلەرگە بۆلۈنمەكتە. ئەلۋەتتە قايسى پىرقىگە تەۋە بولۇشنى تاللاش ئىنساننىڭ ئۆز ئەركىنلىكىدىكى ئىش. زورلاش يوق. دىندىمۇ ھەم زورلاش يوق. كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا بۇنىڭ ئايرىلىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. خۇددى: «ئۇلار بىزگە ئازاپ كېلىدىغان كۈن قاچان كېلىدۇ دەپ سورىشىدۇ. ئەي مۇھەممەد، ئېيتقىنكى، ئۇ كۈن بەكمۇ يېقىندۇر. ئۇلار ساقلاپ تۇرسۇن، شۈبھىسىزكى بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ساقلىغۇچىلاردىنمىز.» دەپ كۆرسىتىلگىنىدەك.
شۇنداق قارايمەنكى: پەن ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانكەن، ھامان مەقسىتىگە يىتىدۇ. يەنى: ئايەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. شۇڭا، پەن ۋە دىن ھەققىدىكى مۇنازىرىدە سەۋىرچان بولمىقىمىز لازىم. يۇقىرىدىمۇ ئېيتقىنىمدەك، دىن مەسىلىسى ۋىجدان (ئىمان) مەسىلىدۇر. (بىر ئۆمۈر ئادەمنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەتقىق قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئالىم بىلەن، شاھادەت بىلەن كەتكەن ئاددىي دېھقاننى پەرقلىق قىلغان ۋىجدان، ئىمان بولماي يەنە نېمىمۇ بولالىسۇن.)
ئەلۋەتتە، ئەشۇ شاھادەت ساھىبلىرى ئۆزىنىڭ قايسى پىرقىگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسە كېرەك.
|
|