ئىزدىنىش كىتابخانىسىدىن مۇكاپات ئۇچۇرى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداش؛ار، خەيرلىك مىنۇتلاردا يەنە سىلەر بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولىۋاتقىنىمىزدىن تولىمۇ مەمنۇنمىز.كىتابخانىمىز 2015-يىل كىتاب يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي ئاۋاز قۇشۇش ئۈچۈن بىر يىلدا كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يازغان ئوقۇرمەنلەرگە 15000 (ئونبەش مىڭ) يۈۋەنلىك كىتابنى سوۋغا قىلىش پائالىيتىنى تەشكىللىگەن ئىدۇق. پائالىيەت باشلىنىپ نۇرغۇن قىرىنداشلار بىزگە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا مەمنۇنلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تەسىراتلىرىنى يىزىپ بەس-بەستە بىزگە ئەۋەتىشتى.بىز پائالىيتىمىزنىڭ 1-ئىيىدا 15پارچە كىتاب ئوقۇش تەسىراتى تاپشۇرىۋالدۇق.قايتا-قايتا كۆرۈش ئارقىلىق تۈۋەندىكى 10 پارچىنى مۇكاپاتلاشقا لايىق دەپ قارىدۇق.
تۆۋەندە 2015-يىل 1-ئايلىق پائالىيتىمىزدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىمىنى بايانات قىلىمىز :
نادىر تەسىرات ماقاللىرى
1.كىتابنىڭ نامى: ‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ›
ئاپتۇرى:ئەسئەت سۇلايمان
نەشىر ۋاقتى: 2000-يىلى 7-ئاي
ئوقۇرمەن: فۇجەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرى مۇھاجىرلار ئونۋېرسىستىدىن ئۆمەرجان
ئالاقە نۇمۇر: 1131 ****181
2. كىتابنىڭ نامى: ‹ بۈيۈك شاھمات تاختىسى ›
ئاپتۇرى:زېگىنوۋ بىرژىنىسكى(ئامېرىكا)
نەشىر ۋاقتى: 2013-يىل 8-ئاي نەشىر قىلىنغان
ئوقۇرمەن: ئۆمەرجان ئىسمايىل
قۇمۇل شەھىرىدىن
ئالاقە نۇمۇر: 5255****133
3. كىتابنىڭ نامى: ‹ خەتنە توي قوشاقلىرى ›
ئاپتۇرى: تۇرسۇن قۇربان
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ
مارالبېشى ناھىيسىدىن
ئالاقە نۇمۇر: 1653****132
4. كىتابنىڭ نامى: ‹جاللات خېنىم›
ئاپتۇرى: ياسىنجان سادىق چوغلان
نەشىر ۋاقتى: 2006-يىل3–ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن:ئايزۆھرە ياسىن
چەرچەن ناھىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
5. كىتابنىڭ نامى: ‹مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە›
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىل 10–ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن:مەنزىرەمخان رەھمان
چەرچەن ناھىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
6. كىتابنىڭ نامى: ‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا›
نەشىر ۋاقتى: 2012-يىل4–ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن:ئادىلە مۇخپۇل
چەرچەن ناھىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
7. كىتابنىڭ نامى: ‹ جاللات خېنىم›
ئاپتۇرى: ياسىنجان سادىق چوغلان
نەشىر ۋاقتى: 2006-يىل3–ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن: نۇربىيەم قۇدىرەت
پوسكام ناھىيە رۇسلان كومپىيۇتىرخانىسى
ئالاقە نۇمۇر: 6753****151
8. كىتابنىڭ نامى: ‹ بايقىساڭ توپىمۇ-ئالتۇن› بىلگايتىسنىڭ ياشلارغا تەۋسىيەسى
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن
نەشىر ۋاقتى: 2006-يىل3–ئاي1-نەشرى
ئوقۇرمەن: تەمىنلەنمىگەن
ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايۇنى تيەن ئەن خۇايۈەن ئولتۇراق رايۇنى
ئالاقە نۇمۇر: تەمىنلەنمىگەن
9. كىتابنىڭ نامى: ‹ ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ›
ئاپتۇرى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش
نەشىر ۋاقتى: 2011-يىلى4-ئاي
ئوقۇرمەن: ئىلھامجان ئابلىمىت
قاراشەھەر ناھىيسى
ئالاقە نۇمۇر: 1015****189
10. كىتابنىڭ نامى: ‹سۆيگۈ ۋە قىساس›
ئاپتۇرى: ئابدۇلئەھەت ئابدۇرەشىت بەرقى
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىل9-ئاي1-بېسىلىشى
ئوقۇرمەن: گۈلنىسا نىياز
خۇاجوڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىسىتى(华中师范大学)
ئالاقە نۇمۇر: 7715****132
يۇقۇرىدا ئىسمى چىققان ئوقۇرمەنلەر تور كىتاپخانىمىزغا چىقىپ 50يۈەن قىممىتىدىكى خالىغان كىتاپنى تاللاپ ئېلۋېلشىڭىزلارنى سورايمىز.
نادىر يېزىلغان تەسىراتىتىن ئۈنچىلەر
(مەزكۇر تەسىرات ماقالسىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى)
«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» سۈرگەن خىياللار
ئادىلە مۇخپۇل (چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى)
ئاپتور ھەققىدە
ئابدۇقادىر جالالىدىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرستېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۇگۈنكى زامان ئەدەبىياتى يۆنىلىشىدە ماگىستىرانتلار يېتەكچىسى...................
ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى
ئاپتور ئەسەرنى كىملىك توغرىسىدىكى «ئىچكى ئۆلكىلەرگە باردىم، كىشىلەر مەندىن سەن كىم؟ دەپ سوراشتى. ‹مەن ئۇيغۇر› دېسەم، ئىنكاس قايتۇرالمىدى. ياپونىيىگە باردىم. كىشىلەر مەندىن سەن كىم؟ دەپ سوراشتى. ‹مەن ئۇيغۇر› دېسەم گاڭگىراپ قېلىشتى. ياشلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنازاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ، لېكىن مېنى بىلمەيدۇ. كىشىلەر نوپۇسى 100 مىڭغا بارمايدىغان ئېسكىموسلارنى تۇنۇيدۇ، لېكىن 10 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ. مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم، ‹ئۇيغۇر› دېگەن ئىبارىنى يەتتە- سەككىز قۇر چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىپتۇ. تېخى بۇنچىلىك بايانلارنى بەزى قامۇسلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ. چىۋىن، چاشقان، قۇرت- قوڭغۇزلار ھەققىدىكى بايانلار بىر- ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن. ..............
ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىم.
مەن ئەسەردىن مول، ئۈزگىچە، چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئېرىشتىم. ئەسەردە تۇنۇلغان يازغۇچىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2002- يىلى ئىيۇلدا ياپونىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئايالىنى يوقلاش پۇرسىتىدە خوكۇرىكۇ ئىلغار پەن- تېخنىكا ئالىي ئىنىستىتوتىنىڭ بىلىمشۇناسلىق بۆلىمىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن بىر يىللىق ئىلىمىي زىيارەتتە بولغان ۋاختىدىكى كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرى يېزىلغان.
ئەسەرنى كىرىش سۆز قىسمىدىن باشلاپ ئوقۇغان ئىدىم، ماڭا ئوقۇشنى باشلاپلا تۆۋەندىكى بايانلار ناھايىتى تەسىر قىلدى ۋە مېنى ئويلاندۇردى.
مەن مەۋجۇتمەن،لېكىن مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى دۇنيا تۇنىمايدۇ ۋە ئىتراپ قىلمايدۇ. ئامېركا نېگىر يازغۇچىسى رالفا ئېللىسون «كۆرۈنمەس ئادەم» دېگەن رومانىدا «مەن ئۆزۈمدىن باشقا ھىچكىم ئەمەس، لېكىن شۇنى بايقىدىمكى مەن بىر كۆرۈنمەس ئادەم!» دەپ يازىدۇ. دەرۋەقە مەندىمۇ سوقۇپ تۇرغان ئىنسانىي يۈرەك بار، تۇمۇرلىرىمدا ئېقىپ تۇرغان ئىسسىق قان بار. مەنمۇ پىكىر قىلىمەن، باھار پەسلىدە غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ، خوشال بولىمەن. لېكىن مېنى ھىچكىم تۇنىمايدۇ، ئاۋازىمنى ھىچكىم ئاڭلىمايدۇ.
مانا، يۇقۇرقى بايانلارغىلا ئاپتورنىڭ يۈرەك نىداسى، قاتتىق ئېچىنىشى، ئۆزلۈك، كىملىك ھەققىدىكى يۈرەك ساداسى يۇشۇرۇن ھالدا ئىپادىلەنگەن. بۇ كىتاپقا ئاپتورنىڭ ياپونيىدىكى مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئاپتور بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يات ئىقلىمدىكى ناتونۇش ئوبرازىنى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق چۈشەنگەن يەنى بۇ كىتاپقا ئاپتورنىڭ ياپونيىدىكى روھى كەچۈرمىشلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى خاتىرلەنگەن. ياپونىيىدىكى ئاپتورنى زىل- زىلگە سالغان نازۇك تۇيغۇلار ئاپتورنىڭ كۈچلۈك قەلىمى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىپ بېرىلگەن.
ئەسەر ئارقىلىق ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى نىشانغا ئالغان، پەلسەپىۋى تېرەنلىككە ئىگە كۈچلۈك، كىشىنى قايىل قىلىدىغان بايانلارنى ئوقۇپ، ئاز بولمىغان تەسىراتلارغا ئېرىشتىم. ئاپتورنىڭ تىسوروگنىڭ تەبىئى مۇھىتى شۇنچىلىك ئۇچۇق، شۇنچىلىك چىن، تەبىئى تەسۋىرلىشىدىن ئۆزەمنى شۇ يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلسام، جۇڭگۇ بىلەن ياپونىيە، ئۇيغۇر بىلەن ياپۇنلار ئۈستىدىكى مەيلى مىللى خارەكتىر بولسۇن، مىللى خۇسۇسيەت بولسۇن، مىللى ئالاھىدىلىك بولسۇن ۋە ياكى مىللى ئۆرۈپ- ئادەت، يوسۇن - پوسۇن بولسۇن ھەر قايسى، ھەممە تەرەپلەردە خېلىلا ياخشى، قايىل قىلارلىق تەسىراتلارغا ئېرىشتىم ۋە چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈم. ئاپتورنىڭ «103- نومۇرلۇق» ياتاقتا تۇرۇپ سىرتقا قاراپ، ھەر خىل كىشىلەرنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ، ئۇستىلىق بىلەن باھا بېرىشلىرىدىن، ياپونىيە خەلقىنىڭ خارەكتىردىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلدىم ھەمدە ماڭا پۈتۈن ئەسەردە ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ ياپونيىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان سۈپەتلىك تەربىيە كۆرگەن ئۇيغۇرلارغا يازغان سالام خەت سۈپىتىدىكى زىيارەت سۇئاللىرىغا 500 يۈزدىن ئارتۇق ئادەمدىن پەقەت 10 دىن ئارتۇق كىشىدىنلا جاۋاپ خەت كەلگەنلىكى ۋە جاۋاپ خەتتىكى بەزى بايانلار ناھايىتى بەك تەسىر قىلدى، يەنە بەزى بايانلاردىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقىم، ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز :-تەسىرات ئەۋەتكەندە ئادىرىسىڭىزنى تولۇق يىزىڭ،ئاندىن ئىرىشمەكچى بولغان كىتابنىڭ ئىسىمىنى چۇقۇم يىزىڭ!
كىتاب ئوقۇش خاتىرىسنى (تەسىراتىنى) ئەۋەتىش ئىلخەت ئادرېسى :
1574027108@qq.com
obul21c@126.com
دىققەت:يۇقارقى ئىككى ئادرېسقا تەڭلا يوللاپ بىرىڭ.
مەسلىھەت سوراش ئۇسۇللىرى :
1.ئىزدىنىش qq : 124596386
2. باھالاش گوروپپىسى تېلېفون : 13899198079
2015-يىلنىڭ ھەممىمىزگە خەيرلىك يىل بولۇشى ئۈچۈن كۆپرەك كىتاب ئوقۇيلى !
(ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ ئالاھىدە ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى)
مەزكۇر پائاليەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئىزدىنىش كىتاپخانسىغا مەنسۇپ.
پائاليەتكە قارتا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەر بولسا بىزگە خەت يوللاش شەكلى ئارقىلىق دىسىڭىز بولىدۇ.
خەت ساندۇقى:obul21c@126.com
ئىزدىنىش كىتاپخانىسى
http://izdinix.taobao.com
2-ئايلىق كىتاب ئوقۇپ تەسىرات يىزىش پائالىيتىمىز باشلاندى، 25-چىسلا خۇلاسە قىلىنىدۇ.ئوقۇرمەنلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىشىنى ئۆمىد قىلىمىز.