تىزىملاتقان 2015-1-17 ئاخىرقى قېتىم 2015-4-21 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 2073 نادىر 0 يازما 216
ئۆسۈش
2.43%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 33619
buradar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 15:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ؟ مىنىڭ سىلدىن سو ...
بۇرۇن خىمىيەدە مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ، ئوكسېگىنلىق كۆيۈش ۋە ئوكسېگىنسىز كۆيۈش . بەلكىم شۇڭا تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىكى ( قۇياشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە ) ھىدروگېن بىلەن گېلىينىڭ رېئاكسىيىسىنىمۇ كۆيۈش دەمدىكىن . يەنە بىرسى تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىكى ھىدروگېن بىلەن گېلىينىڭ رېئاكسىيىسى ئاددىي خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئەمەس ، تېمپۇراتۇرا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغاچقا ئاتوم مولېكۇلىلارنىڭ رېئاكسىيىسى ئاۋۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇپ يادرو رېئاكسىيىسى يۈز بېرىپ كەتكەچكە ، يېڭى ئاتوم ھاسىل بولىدۇ ( خىمىيىلىك رېئاكسىيىدە ئۇنداق ئەمەس ) .
يەنە بىرسى ، نۇر يىلى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى قۇياش سېستىمىسى دائىرىسىدە ئىشلەتسە ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ ، ئۇششاق سانلار ئادەمنى ئاۋارە قىلىدۇ ، ھازىر بىز بىلىدىغان قۇياش سېستىمىسىدىكى ئەڭ يىراق ئاسمان جىسمىمۇ 6000 يىلدىن كېيىن ئوربېتىسىدىكى قۇياشتىن يىراق نۇقتىغا بارغاندىكى ۋاقىتتىمۇ قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى ئاران 0.014 نۇر يىلى ئەتراپىدىلا ، مۇشۇ كىچىك ئارلىقمۇ يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقىنىڭ 937 ھەسسىسىگە تەڭ ، يەنى قۇياش نۇرى يەر شارىغا 8 مىنۇتتا يېتىپ كېلىدۇ ، دېمەك 8 مىنۇتنى 1 يىلغا بۆلسىڭىزلا يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقىنىڭ نەچچە نۇر يىلى كېلىدىغانلىقى چىقىدۇ .