قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 854|ئىنكاس: 11

مائارىپنىڭ خاراكتېرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:30:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ خاراكتېرى
ئالىپ ئوغۇز


مائارىپ كىشىلەرگە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈشتىن سىرت ئۇ يەنە كىشىلەرگە ئەخلاقى_ پەزىلەت ،ئۆزىنى قەدىرلەش ،ئۆزىنى يارىتىش ،گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۆگىتىدۇ .  مەيلى ئائىلە مائارىپى بولسۇن ياكى سىستېمىلاشقان جەمئىيەت مائارىپى بولسۇن، ئۇ ئىنسان قەلبىدە يورۇقلۇقنى ئاپىرىدە قىلىدىغان بۆشۈك .
  ھەقىقى مائارىپ دەل ئىنساننىڭ خاسلىقىنى يارىتىشقا يول قۇيۇشتىن باشلىنىدۇ . بىز ئۇنى نوقۇل ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم تەجىرىبىللىرىنى يەتكۈزىدىغان، شۇنداقلا مەلۇم تۈزۈلمە بەلگىلىگەن قىممەت قاراشقا كىشىلەرنى مەجبۇرلايدىغان سىستېما دەپ قارىساق.ئۇ ھالدا مائارىپ بىلەن تۈرمىنىڭ ھېچ قانداق پەرقى قالمايدۇ .تۈرمىنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇمۇ مائارىپقا ئوخشاش ئادەم تەربىيىلەشنى ئالدىنقى نىشان قىلىدۇ . تۈرمە جىنايەتچىلەرنىڭ مۇددىئاسىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئەينى جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ . مائارىپ ئەركىن ئاساستا كىشىلەرنى تەربىيىلەيدۇ ،تۈرمە تەربىيىلەشنى مەجبۇرى يۈرگۈزىدۇ . بۇ مائارىپ بىلەن تۈرمىنىڭ پەرقى . بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىق تەرىپى ئادەم تەربىيىلەش .
    بىراق شۇنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى. مائارىپتا تەربىيە ئېلىۋاتقان ۋە ئېلىپ بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي ماسلاشقان ياخشى پۇقرا بولىشى ناتايىن مەسىلەن ، بىز گېزىت ۋە تېلېۋىزورلاردىن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ چىققان، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ توساتتىن جىنايەت يولىغا ماڭغانلىقى ۋە باشقا قەبىھ قىلمىشلارنى قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى،  مائارىپنىڭ كۈچى مەلۇم كىشىلەردە ئالاھىدە رول ئوينىسا ، بىر قىسىم كىشىلەردە قىلچە رول ئوينالمايدۇ .مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆز مەقسىتىگە لايقلاشتۇرئالمايدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش، تۇرمىدى تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يامان ئادەم بولىشى ناتايىن مەسىلەن، پەلەستىن ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى مۇبارەك ئەپەندى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى  ماندىللا ئەپەندى.... قاتارلىق تالاي خەلق پەرۋەر كشىلەر جىنايەت سادىر قىلمىغان بولسىمۇ بىراق،  ئۇزاق يىل تۈرمىدىكى تەربىيەنىڭ تەمىنى تېتىغان .ئۇلار مەلۇم جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە نىسبەتەن جىنايەتچى بولسىمۇ لېكىن ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە قىممەت قارشى شۇنداقلا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ئۆلچەم قىلساق، ئۇلار گۇناھسىز بولۇپ چىقىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قىممەت قاراش ۋە ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى يۈرگۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن ئېتىلغان ، ھەرخىل ئۇسۇلدا خارلانغان ۋە تۈرمىگە جىنايەتچى دەپ سولانغانلار. ھازىرقى قىممەت قارىشىمىز ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىمىزدە گۇناھسىز بولۇپ چىقتى . دېمەك ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈرمىدىكى تەربىيە بىلەن مائارىپىدىكى تەربىيە بىر گۇرۇھ بىلەن باشقا بىر گۇرۇھ ،بىر شەخس بىلەن باشقا بىر شەخس ئوتتۇرسىدىكى قىممەت قاراشنىڭ تىركىشىشىدىن ئىبارەت . بۇنىڭدا كىم غالىب كەلسە شۇ ئۆگەتكۈچى ،كىم مەغلۇپ بولسا شۇ ئۆگەنگۈچى رولىنى ئۆتەيدۇ .بۇ يەردە مۇتلەق ھالەت مەۋجۇت ئەمەس .چۈنكى قىممەت قاراش ۋە كۈچ ھامان ئۆزگىرىپ تۈرىدۇ . شۇنداقلا  بۇرۇنقى مائارىپ شەكلى ھازىرقى مائارىپ شەكلىگە ئوخشىمايدۇ .كەلگۈسىدىكى مائارىپ شەكلىمۇ ئېنىقكى بۈگۈنكى مائارىپ شەكلىدىن پەرقلىنىدۇ . تۈرمىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس .
    بىز مائارىپنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تۇرمە بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .ئۆتمۈش دەۋرلەردە مائارىپ ھامان كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئىدارە قىلىدىغان قورالى بولۇپ كەلدى. مائارىپنىڭ شەكلىنى كۈچلۈكلەر ئۆز مەنپەتنى چىقىش قىلىپ ئاجىزلارغا تۈزۈپ بەردى. لېكىن ، بۇ ھوقۇق دەۋرنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن مەجبۇرلاش ۋە ئېزىش تۈسىنى يوقىتىپ ئىختىيارلىق دېگەن بىر سۆزگە جەملىدى .ئۇنىڭ مەجبۇرلاش ۋە تېڭىش خاراكتېرى پەقەت تۈرمىدىلا ساقلىنىپ قالدى .
    تۈرمە جىنايەتچىلەرنى مەجبۇرى تۈرگە ئايرىيدۇ . لېكىن، مائارىپى ئەينى جەمئىيەتنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىيدۇ .مەلۈم جەمئىيەت نوپۇزىنى ۋاكالىتەن بالىلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان ئائىلە مائارىپىمۇ بالىلارنى تۈرگە ئايرىيدۇ. بىز ھامان ئاتا_ ئانىمىزنىڭ باھالىشى ۋە تۈرگە ئايرىشىغا ئۇچراپ تۇرىمىز . بىزنىڭ ياغاچچى ياكى تۆمۈرچى بولىشىمىزنى مائارىپ بېكىتىدۇ .ئۇ بىزگە سالاھىيەت تامغىسىنى ئۈرىدۈ . شۇنداقلا بىزنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىز ئىكەنلىكىمىزنى كۆزىتىدۇ .كۆزىتىش ۋە باھالاش  تۇرمىدە بىۋاسىتە بولسا ، مائارىپتا ۋاسىتىلىك بولىدۇ . تۈرمىدە ،بىرەر جىنايەتچىنىڭ تۈرمىنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالسا، بىۋاسىتە چارە كۆرىلىدۇ ۋە بىۋاسىتە باھالىنىدۇ.لېكىن، مائارىپتا ئۇنىڭ شەكلى كىشىلەرنىڭ قەدىر _ قىممىتىنى مەلۇم چەكتە ساقلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . مائارىپتا تۈرگە ئايرىش ۋە باھالاش نومۇر چېكى ،ئىنتئام  قەغىزى ، دىپلوم , ئەلالارنى  مۇكاپاتلاش ...قاتارلىق يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جارى قىلدۇرۇلىدۇ . بۇنىڭدا تەربىيە ئالغۇچى نومۇرغا قاراپ ياكى ئەلالار قاتاردىكى تىزىملىككە قاراپ ،ئۆزىنىڭ ياخشى ياكى ناچار ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئەدەبىيات كىتابلىرىمىزدا تەسۋىرلەنگەن، مەلۇم تۈزۇلمە قىممەت قارىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخسلەرنىڭ ئىش_ پائالىيىتىمۇ ، ۋاسىتىلىك ھالدا ھەرىكەت ئۆلچىمىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ ھەم باھالايدۇ  شۇنداقلا شۇلاردەك بولۇشقا بىزنى ۋاسىتىلىك ئۈندەيدۇ . مانا بۇ مائارىپنىڭ ۋاستىلىق مەجبۇرلاش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر .بۇ يەردە بىزنىڭ قانداق ئادەم بولىشىمىز ئۆزىمىزگە ئەمەس بەلكى مەلۇم جەمئىيەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ھەم شۇ تۈزۈلمە ۋە قىممەت قاراشنى يەتكۈزىدىغان مائارىپ ئىرادىسىگە باغلىق .بۇ خىل مائارىپنىڭ ئاڭ قاتلىمى بىزنىڭ ئېڭىمىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ . بۇنىڭغا پۈتۈنلەي لايىقلاشقانلار  جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىختىساسلىق كىشى ياكى ئالاھىدە خادىم دېگەن ھەرخىل سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ ئەتىۋارلىنىدۇ. بۇ باھاغا ئېرىشەلمىگەنلەر مەيلى يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇشتىن قاتتى نەزەر ،ئۈزلۈكسىز تەربىيەنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر . مائارىپ ئىرادىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، گاھىدا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قېرىغىچە تەربىيىلىنىدۇ  . بۇنىڭ پايدىسى شۇكى، بىز مەلۇم سالاھىيەتكە ئىگە بولىمىز. بۇنىڭ زىيىنى شۇكى، ياشلىقىمىزنىڭ تالاي گۈزەل چاغلىرى، بۇ باھاغا ئېرىشىش يولىدا غازاڭدەك قۇرۇپ كېتىدۇ .

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4823
توردىكى ۋاقتى: 1404
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ بولسا كىشىلەرنى تەربىيەلەپ ئۇنى جەمىيەتكە لايىق ئادەم قىلىش. لېكىن ھەممە كىشى بۇنداق بولمايدۇ. ئۇلار قانداق بۇلىشىنى ئۆزى تاللايدۇ. يازمىدا پەلەستىن مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ياسىر ئاراپات بۇلىشى كىرەكقۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...‹‹ياسىر    ئاراپات   ....››  ئەستايدىلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ...

0

تېما

0

دوست

41

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33924
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:24:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 13:14
مائارىپ بولسا كىشىلەرنى تەربىيەلەپ ئۇنى جەمىيەتكە لاي ...

يازمىدا تۈرمىدە ياتكان كىشىنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس.ھازىر ئۆيىدە ئوتتۇرۇپ سىياسون بولىدىغان، قەلەمنى مەيدىگە قىستۇرۇپ ئەدىب بولىدىغان. گەپ قىلىپ ناتىق بولۇدىغان ئىشلار يەنە ئاۋۇپ قالدى. توپا يەمسەن دېسە، مۇتقا بەسە يەيمەن دسېەەندەك مۇنبەرگە پۇل ئاممىغاندىن كېيىن يازىۋىرىدىغا گەپكەن. بۇ تېمىمىۇ ئۇ بۇ جورناللاردىكى بەت ئىسراپچىلىقىدەك تېمە بوپتۇ.بوممىسا پەلەستىن بىلەن مىسىرنىڭ ئەلبەشىسىنى پەرقلەندۈرەلمىگەن ئادەم چوڭ قالپاق كىيىپ چىقامتى مۇنەر كوچىسىغا. ئوقۇپ قويساقلا بولدى.

0

تېما

0

دوست

41

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33924
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ كىشىلەرگە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزۈشتىن سىرت ئۇ يەنە كىشىلەرگە ئەخلاقى_ پەزىلەت ،ئۆزىنى قەدىرلەش ،ئۆزىنى يارىتىش ،گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئۆگىتىدۇ .  


ما گەپمۇ گېزىتتىن كەلگەن خاتا گەپ بوپتۇ. بۇنداق ماقالا يازغان ئادەم يېڭى ئىدىيىنى مەيدانغا قويىشى، ياكى توغرا قاراشنى ئالغا سۈرىشى كېرەك ئىدى. مارىپ كىشىلەرگە كەلگۈسىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئۈگۈتىشى كىرەك. مانا بۇنى مارىپ دەيمىز.
بولدىلا مۇشۇنچىلىك دەيچۇ

6

تېما

0

دوست

2280

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 575
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:26:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئوغوز ئەپەندى:سىز ماقالىڭىزدا ئوتتورغا قويغان  مائارىپنىڭ خارەكتىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلمەن.نۆۋەتتكى  مائارىپنىڭ مەلۇم بىر سىياسىي ئۇسقۇرۇلما ،ئىدىلوگىيە ئۈچۈن مەقسەتلىك ياكى مەجبۇرەن خىزمەت قىلدۇرۇلشىدەك رىئاللىق مائارىپ ئەسلى مەقسىتىدىن چەتنەپ كەتكەن  بۇلۇپ بۇنى  بىر پاجىئە دىمەي  بولمايدۇ. ئامېرىكنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپ نەزەريىسىنىڭ ئاساسچىسى دىۋىينىڭ«دېمۇكىراتتىيە ۋە مائارىپ»دېگەن ئەسىرنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقساق مائارىپنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ ۋە توغرا بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.
ماقالىڭىزدا بىر خاتالىقىنى بايقىدىم: مۇبارەك پەلەستىن خەلىقىنىڭ داھىيسى ئەمەس بەلكى مىسىرنىڭ تەختتىن چۈشۈۋېتىلگەن سابىق ئەلباشى. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەسلى داھىيسى ياسىر ئەرافات ئىدى. ئۇ 2008–يىلى قازا قىلىپ كەتتى. ھازىر بولسا ئابباس. تۈزۈتۈۋېلىشىڭىزنى سورايمەن.

0

تېما

0

دوست

735

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33038
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 14:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق قىلغاندا ئىجاتچانلىققا ئىىگە،تەپەككۈر قىلالايدىغان،قول سىلىپ مەشغۇلات قىلالايدىغان،مۇستەقىللىققا ئىىگە،پەزىلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13438
توردىكى ۋاقتى: 6619
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 14:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى مائارىپ دەل ئىنساننىڭ خاسلىقىنى يارىتىشقا يول قۇيۇشتىن باشلىنىدۇ .

____

نەق گەپ شۇ!.مائارىپنى ئوخشاش قېلىپتا،ئوخشاش ئۈلچەمدىكى كېسەكلەرنى تۆكۆدىغان خۇمدانغا ئايلاندۇرىۋىتىش ھالاكەتلىك يول!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )