قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 710|ئىنكاس: 8

يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 18:04:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە
دوڭپېيلۈن

(ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمىسى)

    يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئەدەبىيات ساھەسىدە بەس-مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىدۇر. سۆز مەنىسىدىن قارىغاندا، شېئرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى شېئىرنىڭ شەكلىگە قارىتىلغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان قاراشلار ئاشۇ نوقتىدىن چىقىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن: دۆلىتىمىزئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى جى شەنلىن مەيۈسلۇك ئىلكىدە :« يېڭى شېئىرىيەت ھازىرغىچەئۆزىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىنى تېپىپ چىقالمىدى»دەيدۇ، بىراق، مەنچە يېڭى شېئىرلارنىىڭ بىرلككە كەلگەن ئىپادىلەش شەكلى يوق بولۇپ،بۇ ئۇنىڭ ئامىتىدۇر، ئەمدىلا ئازادلققائېرىشىپ، ۋەزىندىن قۇتۇلغان يېڭى شېئىرلارئەگەر يەنە بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلغا مۇراجىئەت قىلسا، بۇ خۇددى بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلغاندەك بىر ئىش بوپ قالمامدۇ؟ شۇڭا يېڭى شېئىرلارنىڭ يەنى ئەركىن شېئىرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن شەكلى يوق بولۇپ، بۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلانغۇچىلارنىڭ ھەم شېئرىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن، ئەگەر كىم بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش قانۇنىيتىنى تېپىشقا ئۇرۇندىكەن ئۇھالدا ئۇ تۇيۇق يولغاكىرىپ قالىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ۋېن يىدو تەشەببۇس قىلغان رەسىم گۈزەللىكى ،قۇرۇلما گۈزەللىكى، مۇزىكىلىق گۈزەللىك ۋە بىرقىسىم ئەدەبىيات نەزەرىيەچىللىرى تەشەببۇس قىلغان يېڭى شېئىرىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار 80نەچچە يىلدىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىنىش جەريانىدا ئاللىمۇقاچان كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلغان بولاتتى.
   مەن بۇيەردە يېڭى شېئىرلارنىڭ ۋەزىنلىشش زۆرۈرلىكىنى تامامەن ئىنكار قىلمايمەن،ئەمىلىيەتتە، يېڭى شېئىر ئىجادىيەت ئەمەلىيتىدىكى ھەرخىل ئىزدىنىش، شېئىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلارئىنتايىن مۇھىم، بىراق، ئەگەر بىز يېڭى شېئىرىيەتنىڭ شېئىرىي شەكىل قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدەنگىنىمىزدە پەقەت قارىغۇلارچەشېئىرنىڭ شەكلىگىلا ئېسلىۋېلىپ باشقانەرسىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، بۇ مەسلىنىڭ ئەسلى ئۆزىنى تاشلاپ قويۇپ ئارتۇقچەياكى قۇشۇمچە مەسلىلەرگە ئېسىلىۋالغانلىق بولىدۇ.
   مەنچەيېڭىچە شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسدا مۇھىمنىڭ مۇھىمى شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكىدۇر، ئەگەرئۇنىڭغا سەل قاراپ شېئىرلارنىڭ شەكىل گۈزەللىكى، مۇزىكىلىق گۈزەللىك قاتارلىقلارغائېسلىۋالدىكەنمىز، بۇ تېخمۇ ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ.
   مەنەدېگەن نېمە؟ بەزىلەر ئۇنى سوبىكتىپ ئىدىيۋى ھېسىيات بىلەن مۇھىت يەنى سىتىرولۇق تۇيغۇنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى دەيدۇ،ئەدەبىي ئەسەردە ئىدىيۋى ھېسىيات ھەرگىزمۇيالىڭاچ ئوتتۇرغا چىقماستىن بەلكى مەلۇم ئوبىكىتلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىپادىلنىدۇ، بۇ يەردىكى ئوبېكىتلار ھەرگىزمۇ ساپ ئوبىكتىپ شەيئى بولماستىن،ئىدىيۋى ھېسىيات بىلەن بىرىككەن ئوبېكىتتۇر، شۇڭلاشقا،ئاتالمىش مەنە دېگىنىمىزشائىرنىڭ ئىدىيۋى ھېسىياتى بىلەن شېئىردا تەسۋېرلەنگەن تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭبىرلىكىدىن بارلىققا كەلگەن مۇھىت بولۇپ، شائىرنىڭ قايناق ھېسىياتى بىلەن تۇرمۇشتىكى ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ بىرىكمىسى. ۋاڭ گوۋيىنىڭ قارىشىچە، ھېسىياتبىلەن مۇھىت مەنىنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى بولۇپ، ئۇ ئىككىسنىڭ بىرىكىشى مەنىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكىدۇر، ھېسىياتنىڭ چىنلىقى، ئوبرازنىڭ جانلىقلىقى، تىلنىڭ توغرىلىقى مەنىنىڭ يادىروسىدۇر، جۇ گۇاڭچىيەن: « ھەربىر شېئىردا مەلۇم مەنە بولىدۇ،مەيلى شائىر بولسۇن ياكى ئوقۇرمەن بولسۇن بىر پارچە ئېسىل شېئىرنى چۈشەنگەندە كۆزئالدىدا شېئىردا تەسۋېرلەنگەن مۇھىت خۇددى رەسىمدەك نامايەن بولىدۇ-دە، ئوقۇرمەننىڭ تورمۇشدىكى ئازاپ، ھەسىرەتلىرى تۇماندەك تاراپ كېتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ يەنەشېئىرنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ رولى ئۈستىدە ناھايىتى ئەتىراپلىق توختالغان بولۇپ،ئۆزەمنىڭ شېئىر ئىجادىيتىم جەريانىدىكى كۆزقارشلىرىمنى ئۇنىڭ قارشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا شۇنداق ئېيتالايمەنكى،شېئىرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچتەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يەنى كەيپىياتلاشتۇرۇش،تەپسىلاتلاشتۇرۇش،ئوبرازلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۈچتەرەپنى ھازىرلىغان شېئىر مەنەگۈزەللىكىگە ئىگە شېئىرلاردۇر.
    كەيپىياتلاشتۇرۇش  دېگىنىمىز شېئىردىكى كەيپىيات يەنى ھەسرەتلىك  ياكى شاد-خورام، ئۈمىدۋار ياكى چۈشكۈن،ئىللىق ياكى قوپال قاتارلىقلار بولۇپ، ئومۇمەن ئېيتىقاندا شائىر كەيپىياتنىڭ مۇھىتتىكى شەكللىنىشى،ئۇ ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان مەپتۇن كارلىققا ئىگە بولۇپ،ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگەتارتىپ، ئۇلارنى ئاپتورنىڭ ھېسياتى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ مېڭىپ شېئىرىي كەيپىيات ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ، تەپسىلاتلاشتۇرۇش بولسا شېئىرنىڭ ھېكايىچىلىقى،درامماتتىكىلىقى بولۇپ، ئۇ شائىرنىڭ ھېسىياتى، غايىسى، ئىرادىسى تەپسىلاتنىڭ تەرتىپى ئىچىدە ئەكىس ئېتىدىغان بولۇپ، ئۇ شائىرلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى مۇھىت ئىچىگەباشلاپ كېرىدىغان ئەپچىل پىكىردۇر، ئىماگلاشتۇرۇش بولسا ئوبراز بولۇپ،مەنە ئىماگ ئاساسىدا يۇرۇتۇلىدۇ، ئىماگسىز شېئىرلارنىڭ ھېچقانداق تەمى بولمايدۇ.شۇڭلاشقاكەيپىياتلاشتۇرۇش، تەپسىلاتلاشتۇرۇش، ئىماگلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىر پارچەشېئىرداكەم بولسا بولمايدىغان مەنە گۈزەللىكنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىدۇر، بۇ ئۈچنىڭ بىرلىششدىن بىر بىر پارچە شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكى بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، مەنەگۈزەللىككى بار شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ، شائىر بارلىققاكەلتۈرگەن مەنىلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ.
     مەنە ــــــ شېئىرنىڭ روھى، شېئىرنىڭ مەنەگۈزەللىكى بىر پارچە شېئىرنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان-قازانمىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساستۇر، پەقەت مۇشۇ ئاساس بولغاندىلا شېئىرنىڭ باشقا تەرەپلىرى ئاسانلا ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ، ئەگەر سىز شېئىرنىڭ شەكىل گۈزەللىكنى يەنى ۋەزىن گۈزەللىكنى ئىستىسىڭىز مىسرالارنى رەتلىسىڭىز، مۇزىكىلىق گۈزەللىكنى ئىستىسىڭىز رېتىم ۋە قاپىيە جەھەتتە ئازىراق ئەجىر قىلسىڭىز، لىرىكىلىققائىگە بولسۇن دېسىڭىز مىسرالىرىڭىزغا رومانتىك تۈس بەرسىڭىز، پەلسەپىۋىلىككە ئىگەبولسۇن دېسىڭىزمىسىرالاردا ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تەركىبلەرنى كۆپەيتسىڭىز،سىپايە قىلىشنى ئويلىسڭىز ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن پايدىلانسىڭىز ، يۇمۇرلۇق قىلىشنى ئويلىسڭىزقىزىقارلىق تىلدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.....بىراق، ئەگەرشېئىرلىرىڭىزدا مەنەبولمىسا بۇ شېئىر روھىدىن ئايرىلغان بولىدۇ-دە، باشقاتەرەپلەرگە قانداق كۈچسىڭىزمۇبەرىبىر. مەنىسى بولمىغان شېئىر مەيلى ئەنئەنىۋى شېئىرلار بولسۇن ياكى ئەركىن شېئىرلار بولسۇن قانچىلىك ئوبرازلىق، قاپىيسى قانچىلىك ياخشى، شەكلى قانچىلىك كۆركەم بولشىدىن قەتئىينەزەر شېئىر ھېسابلانمايدۇ.
   يېڭى شېئىرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ بۇيۇنتۇرقىدىن قۇتۇلۇپ بۈگۈنگىچە ئازكەم بىر ئەسىرۋاقىت بولدى، بۇ جەرياندا گەرچەبىرقىسىم ناچار شېئىرلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ،بىراق، بىر مەزگىللىك تۇراقلىششدىن كېيىن شۈجىمونىڭ «كامبىرىج بىلەن خوشلىشش»، دەيۋاڭ شۈنىڭ«يامغۇرلۇق كوچا»، زاڭ كېجانىڭ «ئات»،ئەيچىڭنىڭ« دايەنخې ــــ مېنىڭ ئانام»، خېجىڭ جىنىڭ«يەنئەنگە قايتىش»، سېڭ جونىڭ «قىيادىكى دەرەخ»، لوفۇنىڭ«چىگرادىن يۇرتقا»،شۇتىڭنىڭ «دۇب دەرىخىگە» قاتارلىق ئاز بولمىغان نادىرئەسەرلەرمۇ بارلىققا كەلدى،ئۇلار بىر قىسىم ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ  مەنە جەھەتتىكى ئىلغارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى ھېلىھەم ئۆزىگە رام قىلىپ، قىممىتىنى يۇقاتماي تۇرماقتا.
    بىراق،ئادىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ،ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئاتالمىش ئاۋانگارتلار ھېچنېمىچىلىك پۇزىتسىيەسى بىلەن كلاسسىك شېئىرلارغا ۋارسلىققىلىشدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگەقارشى تۇرۇپ، قارا قۇيۇق غەربنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيەسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ،قارىغۇلارچە شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلىكى، پەلسەپىلىكلىكىنى قوغلىشىپ، شېئىرنىڭ مەنەگۈزەللىكنى چەتكە قېقىپ شېئىرنى چۈشنىكسىز، تەمسىز ئەقلىي شېئىرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر تىلنىڭ ماھىيىتىنى قوغلىشىپ شېئىرنى مەنەگۈزەللىكىدىن ئايرىلغان ئاغزاكى ھېكايىگە ئوخشاش ماغزاپ شېئىرلار نىيازدى.ئەقلىي شېئىر ياكى ماغزاپ شېئىر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەنە گۈزەللىكدىن ئايرىلغان ساختاشېئىر بولۇپ، بۇنداق شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرگە ھېچقانداق شېئىرىي لەززەت بېرەلمەيدۇ،چۈنكى كىممۇ باش قاتۇرۇپ بىر پارچە ئەقلى شېئىرنى ئوقۇشنى خالىسۇن؟ كىممۇ قىلچەمەزىسى بولمىغان ماغزاپ شېئىر ئوقۇشنى خالىسۇن؟ يېڭى شېئىرلارنىڭ خارابلىققايۈزلىنىشى شائىرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت بولۇپ، بۇئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىگە قىلغان ھاقارەتتۇر.
    شېئىرگەرچە تىل سەنئىتى بولسىمۇ، ئۇ جاپالىق ئىجادىيەتنىڭ مېۋىسى، مەيلى سىز مۇھىت ئارقىلىق ھېسىياتنى ئىپادىلەڭ ياكى ھېسيات بىلەن مۇھىتنى تەسۋىرلەڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ماھىرلىق بىلەن جايىدا ئىشلىتىشىڭىز،نەپىس بولغان شېئىرىي مەنە ئىپادىلىشڭىزگە مۇھتاج، ئۇلار شائىر يېتىشنى ئويلايدىغان نىشان ھەم شېئىرنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم.

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 20:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى شېئىرىلارمۇ دەۋرىنىڭ ئىنكاسى...!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2770
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 21:04:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ كەمتۈك جايلىرى شۇكى ، ھازىرقى زامان شېئىرلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسالغا ئالماپتۇ . پاكىتلىق سۆزلەيمىز گەپ دىگەننى .

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 00:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بىراق،ئادىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ،ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئاتالمىش ئاۋانگارتلار ھېچنېمىچىلىك پۇزىتسىيەسى بىلەن كلاسسىك شېئىرلارغا ۋارسلىققىلىشدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگەقارشى تۇرۇپ، قارا قۇيۇق غەربنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيەسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ،قارىغۇلارچە شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلىكى، پەلسەپىلىكلىكىنى قوغلىشىپ، شېئىرنىڭ مەنەگۈزەللىكنى چەتكە قېقىپ شېئىرنى چۈشنىكسىز، تەمسىز ئەقلىي شېئىرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى،›› شېئىريەتتىكى كىلاسسىك ئەنئەنىلىرىمىز نېملەرنى كۆرسىتدۇ ؟ ئۇلار غەرپنىڭ قايىسى شېئىريەت قاراشلىرىنى ئېلىپ كىردى ؟

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 10:29:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alipoguz يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 00:44
‹‹بىراق،ئادىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ،ئەدەبىي ...

كىلاسسىك ئەنئەنىللىرىمىز دېگەندە مەنچە جوڭگو كىلاسسىك شېئىريتىنىڭ بەدىئيلىك جەھەتتىكى گۈزەللىكى ۋە مەنە جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇق كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك. ئەمىليەتتە بۇلار ئۇيغۇر شېئرىيتىگىمۇ ماس كېىدۇ.

0

تېما

0

دوست

934

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:41:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ئۇيغۇر ئاۋانگارت  شېئىرىيەت مۇنبىرى›› دىكى شېئىرىلارمۇ يېڭى شېئىرىيەتكە تەۋە...

12

تېما

0

دوست

1060

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ...ئەدەبىيات -سەنئەت نەزرىىلىرى يېڭىدىن ئوتترۇغا قويلۇپ تۈرىدۇ .ئىپادىلەش ئۈسۈللىرىمۇ داۋاملىق يېڭلىنىپ تۈرىدۇ ...يېڭىچى شېئىريىتمىزدە ئاۋانگىراتلىق رولىنى ئويناۋاتقان ،شېئىر يېزش ئۈسلىنى جانلىق ئىسلاھ قىلىۋاتقان ياخشى شائىرلىمۇ بار ،ئەمما تەقلىتچىلىك قىلۋاتقانلارمۇ بار .نېمىلە بولسۇ ن يېڭى شېئىريەت ئۇيغۇر شېئىريىتنىڭ گۈللنىشگە زور ھەسسە قوشتى

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 13:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alipoguz يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 12:48
شۇنداق ...ئەدەبىيات -سەنئەت نەزرىىلىرى يېڭىدىن ئوتترۇغ ...

توغرا ئېيتتىڭىز،  «يول بۇرۇن يوق ئىدى كېيىن كىشىلەرنىڭ مېڭىشدىن پەيدا بولغان'(لۇشۈن)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )