- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 41
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
  13.67%
|
مەلۇم بىر گېزىت. مەلۇم بىر يازغۇچى، مەلۇم بىركىشى دېگەندەك تۇتسا سېپى يوق، ئاتىسا ئېتى يوق ئاتالمىلار بىلەن ماقالە يىزىشنىڭ ئۆزى ساختىپەزلىككە، قارا نىيەتلىككە كىرىدۇ. بۇ ماقالا مانا مۇشۇنداق يىزىلىپتۇ. ماقالا مەزمۇنىدىن شەخسىي قەلەمنى دەپ كوللىكتىپنىڭ نام ھوقۇقىنى خار قىلىشتىن باشقا نەرسە چىقمايدىكەن. بىر ئاپتور بولغۇچىنىڭ قايسى مەتبۇئاتقا ئەسەر بەرگىنىنى ئۆزى بىلىدۇ، ئۆزىدىن باشقا بەك بىلىپ كەتسە بىر ئىككى يېقىنى بىلىدۇ. ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قايغۇسىدا يۈرگەن بۇ كۈنلەردە كىمنىڭ نەگە، نېمە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتە قىلىپ توسۇپ قويىدىغان نەدە چولىسى بولسۇن. يەنە كىلىپ جەمىيەتتىكى بىر ئادەم بىر مەتبۇئاتقا تىلفۇن قىلسا، ئۇچۇر قىلسا ماقۇل دەيدىغان ھاڭۋاڭتى تەھرىرلەرمۇ يوقتۇر بۇ كۈندە. مۇشۇنداق ئۆزىنى دەپ دەپ ئۆزى تەۋە بولغان توپنى سېسىتىپ ماقالا تەييارلايدىغان ئادەملەردىن قاچانمۇ قۇتۇلار ئۇيغۇر جەمىيىتى. مەنچە مەسىلە ماقالىدىمۇ ئەمەس، ماقالىدا ئېنىق بولمىغان كىشىلەردىمۇ ئەمەس، ماقالا يازغۇچىنىڭ ئۆزىدە بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى ئەلشىر ناۋايى ئادەم ئۆزى قانداق بولسا ئەتراپىدىكىلەرگە شۇنداق كەيپىياتتا بولىدۇ دېگەن. ئومۇمى توپنى سۆكۈپ يىزىلغان ئەخلەت تىمىلارنى تەستەقلىمىسا بولىدۇ باشقۇرچۇىلار. ئۆزىنى تىللاپ بەرگەن تىمىلار ئارقىلىق مۇنەر قىزىتقىچە. |
|