- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5102
- نادىر
- 0
- يازما
- 493
ئۆسۈش
  2.04%
|
ئەمىر تۆمۈرنى ئۇيغۇرلار تۆمۈرلەڭ ياكى ئاقساق تۆمۈر دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ مىللىتى توغرۇلۇق ھەرخىل كۆز قاراش بار. لىكىن مەيلى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىدا قوللىنىلغان تىل چاغاتاي تىلى ئىدى. چاغاتاي تىلى بولسا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى.
ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان تارىخى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشچە ئۇيغۇرلارنىڭ سەمەرقەند بىلەن بولغان ئالاقىسى 1500 يىلدىن ئاشىدۇ. ئەجدادىمىز ئاق ھون (ئەفتالىت)ئىمپىريەسى تەركىبىدە سەمەرقەندمۇ بولغان.كىيىن قارا خانلار دەۋرىدە سۇتۇق بۇغراخان قەشقەردىن سەمەرقەندكە يۈرۈش قىلىپ سامانىيلار سۇلالىسىغا خاتىمە بەرگەن. غەربي قاراخانلارنىڭ پايتەختى سەمەرقەند بولۇپ ئاخىرقى قاراخان سۇلتان ئوسماننى خارازىمشاھ ئالائىدىن مۇھەممەت مۇنقەرىز قىلغان.چىڭگىزخان خارازىمشاھلار مەملىكىتىنى ئىستىلا قىلغاندا شۇيەردىكى يەرلىك خەلق قىدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەتتىكەن. ھازىرمۇ دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبىكىستاننىڭ تاشكەنتكە بىرىپ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىپ قالسا ئۆزبەكلەر« خارازىملىقمۇسىز؟»«سەمەرقەندتتىن كەلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدىكەن.
قىسقىسى مىللەت ئىتنىك تەركىبىدىنمۇ بەكىرەك قوللانغان تىل موھىم ئورۇندا تۇردۇ. دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىمۇ راۋان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرغا تەۋە بولۇدۇ. بۇ بىر قانۇنىيەت.
ئۆزبىك تىلى بولسا ئۇيغۇر تىلى بىلەن فارىس تىلىنىڭ بىرىكمىسىدىن شەكىللەنگەن يىڭى تىل. |
|