- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
  11.73%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 21:51
Jimgur0997 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 12:39 
2012-يىلى ئامېرىكا مارسقا چىقارغان «ھەۋەسكار» ناملىق ئا ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!
ئەگەر سىز ھازىرغىچە بايقالغان ئىلىم-پەن قانۇنىيەتلىرىگە ئىشەنمىسىڭىز، مەن سىز سورىغان سوئاللارغا ھەر قانداق جاۋاب بەرسەممۇ ئۇ سىزگە ئىشلىمەيدۇ.
مۇمكىن بولسا سىز مېنىڭ باغداشتىكى كائىناتتىكى ئىشلارغا ئائىت بارلىق يازمىلىرىمنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىققان بولسىڭىز. شۇنداقلا ئوتتۇرا مەكتەپ ئاسترونومىيە دەرسلىك كىتابىنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ باققان بولسىڭىز.
ئەڭ ئېگىز بۇلۇتنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ياكى ئېگىزلىكى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئاتموسفېرانىڭ قېلىنلىقى 80 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى سىز ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ، 80 كىلومېتىردىن ئۆتسىڭىز ھېچ قانداق ھاۋا يوق.
ئاتموسفېرامۇ يەر شارى بىلەن تەڭ ئايلىنىدۇ. بۇ خۇددى سىزمۇ يەر شارى بىلەن تەڭ ئايلانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنى فىزىكىدىكى نيۇتون قانۇنلىرى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
مارسقا بارىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارىدىن « A » نۇقتىدا ئايرىلىپ، « B » نۇقتىغا بارغاندا مارس بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ جەرياندا قىزىل ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىلگەن چەمبىرەكسىمان يول بىلەن ماڭىدۇ. بۇ رەسىمنىڭ ئەڭ ئوتتۇرىسىكى سېرىق شار قۇياشنى كۆرسىتىدۇ. كۆك سىزىق يەر شارى ئوربىتىسىنى، سېرىق سىزىق بولسا مارسنىڭ ئوربىتىسىنى كۆرسىتىدۇ. |
|