[ بۇ مەرسىيەنىمەرھۇم بوكۇس چىنپويۇنى ئابدۇراخمانغا بىغىشلايمەن]
قىرىندىشىم ئابتۇراخمان قايدا سەن
ئابتۇرى ئەخمەت بئابباس
سۆز تەگدىمۇ،كۆز تەگدىمۇ،بىلمىدىم،
شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەپتە كۇلمىدىم.
ئىغىر كەلدى بۇ ئازاپقا ئۆلمىدىم،
قىرىندىشىم ئابدۇراخمان قايدىسەن.
چاقماق چاقتى كۆكتە دەششەت بىشىمدا،
كىتىپ قالدىڭ ئوتتۇز ئالتە يىشىڭدا.
بولالمىدىم كۇن چۇشكەندە قىشىڭدا،
قىرىندىشىم ئابدۇراخمان قايدا سەن.
مۇسۇبەتكە چۇمدى ھەممە ئۇيغۇرۇم،
ئۇچۇپ كەتتى ئۇمۇد بەرگەن قۇيغۇرۇم.
ئايرىۋەتتى بىزنى سەندىن شۇ ئۆلۇم،
قىرىندىشىم ئابتۇراخمان قايدا سەن.
ياش دىمەسكەن ئۆلۇم كەلسە باشلارغا،
كۆز تەگدىمۇ ئۇمۇد بەرگەن ياشلارغا،
تولا يىغلاپ ئاق سانجىلدى باشلارغا،
قىرىندىشىم ئابدۇراخمان قايدا سەن.
ئەجەل كەلسە بىز ئۇيغۇرغا كىلەمدۇ،
يا،رەقىپلەر چىشلىرى بۇلەمدۇ.
قىرىق ياشقا كىرمەي باتۇر ئۆلەمدۇ،
قىرىندىشىم ئابدۇراخمان قايدا سەن.
2015-1ئاينىڭ27 كۇنى
|