- تىزىملاتقان
- 2014-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 831
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
  66.2%
|
ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم
ئەلسۈيەر ئۇكا، ھەپتە ئىچىدە مەرھۇم توغرىسىدا بۇلۇنغان گەپلەر مۇنبەرلەردە ناھايىتى قىزىق نوقتا بۇلىۋاتىدۇ، مەن بۇ توغرىسىدىكى بارلىق تېما، بارلىق ئىنكاسلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم.
سىز مەركىزى شەھەردە ئىشلەيدىكەنسىز، شۇنداقلا مۇخبىر ئىكەنسىز، مەن بولسام تەكلىماكاننىڭ جەنۇبى گىرۋىكىدىكى ئاددى بىر ئوقۇتقۇچى.سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆتكۈممۇ يوق ھەم ئۆتەلمەيمەن.
نىمىلا بولسۇن نەچچە كۈندىن بۇيان سىز قاتارلىق نۇرغۇن ئادەملەر تېما ۋە ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق مەرھۇمغا بولغان «ساداقەت ۋە ھىسداشلىق»نى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىپادىلەشتى، ئەمما ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان «غۇرور»نى ئويلىشىشقا تازا ئەھمىيەت بىرىپ كىتەلمىدى. ساختا ھىسداشلىققا غۇرورنى سېتىۋەتكەنلكىنى ئويلاشمىدى.
سىزنىڭ بۇ توغرىسىدىكى تېما ۋە مەزمۇنلارنى دىمەيلا قۇياي، ئەمما سىز تېمىدا يۇرۇتۇپ بەرمەكچى بولغان «تۆھپىكارلار فوندى» قۇرۇشنى ئەڭ توغرا ئوتتۇرغا قويغان بولسىڭىزمۇ نىمىشقا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يەنى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئۈلگۈرتۈپ مەيدانغا ئېلىپ چىقىسىز، «فوندى» قۇرۇش توغرا بولسىمۇ نىمىشقا مەرھۇمنىڭ ئۆچمەس روھىنى ۋە غۇرورىنى ئويلاشمايسىز، بۇ مەزمۇننى ئوتتۇرغا قۇيۇش «قار ياغقاندا قۇشقاچ تۇتۇش»قا ئوخشاپ قالمامدۇ، يەنە كىلىپ «فوندى» دىگەننى بىر سەكرەپلا تورغا چىقىپ، توردا تەشۋىق قىلىپ قۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەقسەت، نىشان، تۈزۈم، ئۆلچەملىرىنى ئويلىشىپ بىخ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بۇلۇپ ئاندىن تەشۋىق قىلىپ «ياشارتسا» بۇلىدۇ.
سىز يالقۇن روزىدىن «خاتامۇ» دەپ سورسىڭىز بولمايدۇ، مەن يالقۇن روزى ئەپەندىمنى تۇنۇمايمەن، ھەم ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالمايمەن.
سىزگە جاۋاپ: سىزنىڭ قىلغىنىڭىز خاتا ئەمەس، توغرا، ئەمما ئۇسۇل خاتا، كىچىكلىك قىلماڭ. |
|