- تىزىملاتقان
- 2011-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14453
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
ئۆسۈش
  11.13%
|
يەرلىكتە ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناھايىتى زور بىر خاتالىق ...............مۇشۇنداق دېھقانلار ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ باشقا يەردىن كەلگەنلەرگە كۆتۈرە بىرىش پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ ، بۇنىڭ بىلەن مۇنداق مەسىلىلەر كىلىپ چىقىدۇ :
1. چىقىم قىلىنغان پۇل باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كىتىدۇ ، دىمەك شۇ جاينىڭ ئۆزىدە خەجلەنمەيدۇ ، يەرلىك مالىيىگە پايدىسى يوق .
2. يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ، ئەسلىدىن ئۆزى خەجلەيدىغان پۇلنى ئۆزىنىڭ تېپىش ئىمكانىيىتى تۇرۇقلۇق يەرلىك بۇ پۇرسەتنى خەققە بىرىدۇ .
3. يازمىدا دىيىلگەندەك چىقىم كۆپىيىپ كىتىدۇ ، يەرلىكتىكى ئىش باشقۇرغۇچىلار قۇرۇلۇش قىلغۇچى خۇجايىن بىلەن بىرلىشىپ دېھقانلارنى كۆپرەك شۈلۈشى سەۋەپلىك چىقىم زىيادە كۆپىيىپ كىتىدۇ .
4. ئىجتىمائى ئادىللىق يامان تەسىرگە ئۇچراپ ، يەرلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ، يۇقىرىقىدەك قانۇننى كىلەر-كەلمەس ھەيۋە قىلىپ پارتىيە - ھۈكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرىدۇ .
5. ئىجتىمائى نارازىلىقلاردىن يىغىلغان نامۇۋاپىق ئىشلارغا سەۋەپچى بۇلىدۇ . بۇنداق مىساللار بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى ، ھەممىمىز ئازدۇر - كۆپتۇر بىلىمىز .
چۈشەنمەيدىغىنىم : مۇشۇنداق ھەق ئېلىش ئىشلىرىدا قانۇن ئۈگىنىسەن دەپ پوپوزا قىلىش قايسى قانۇندا باردۇ دەيمەن ؟ مۇشۇنداق قىلغانلار ئۆزلىرى قانۇننى ياخشى ئۈگۈنۈشى كىرەك مىنىڭچە .............. |
|