- تىزىملاتقان
- 2013-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3071
- نادىر
- 0
- يازما
- 311
ئۆسۈش
  35.7%
|
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 15:03 
بۇ ئەلسۆيەرگە ۋە تورداشلارغا سالغاق قورقاقمۇ يا ؟
ئاب ...
يولداش ھاياجانلانماڭ ، سىز دىگنلەرنىڭ ئاساسى بار راسىت گەپلەر ، قەرزى باركەن دىگەن گەپنى ئاندىرويىد تېلىفۇنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ 80 پىرسەنتى دىگىدەك بىلىپ بولدى ، ئەمدى گەپ توختىسۇن ، قەرزى بارلىقىنى خەلىقتىن كۆرۈشنىڭ نىمە ئاساسىي بار ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرنى نىسپەتلەشتۈرسەكمۇ 90پىرسەنتىن كۆپىرەكى دېھقان ، 2-3پىرسەنت زىيالى قالغان قىسىمى ھۆنەرۋەن كاسىپ سودىگەر دىگەندەك ، كەتمەنگە تايىنىپ جېنىنى جان ئىتۋاتقان خەلىق ئۇنداق خەۋەرنى نەدىن بىلەر ، بىلگەن بولسىدى ئىش باشقىچە بولار ئېدى ، تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئالىم كاۋاپنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئاۋارە ، مەرھۇم ئابدۇراھمانغا كۈڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى بولمىسا نەدە يۈرۈپ بىلەر مەرھۇمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ، بىلسىمۇ ئۇيغۇردىن قايسى بىرىنىڭ تۇرمۇش تەردى يوق ؟ بايلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەرت ئەلەملىرى بار نامراتلىرىمىزنىڭ ھالى مەن دىمىسەم ئۆزىڭىزگە ئايان ، خوتەندىكى يەر تەۋرەشتى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئاقكۈڭۈللىكىگە ھېچ بىر قەۋىمنىڭ سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەندىڭىز ھەققاچان .... قالغان گەپنى ئويلۇنۇپ كۆرمەمسىز . بۇيەردە قوقاق سېلىش يوق ، دىمىسىمۇ نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ تىرىشۋاتقانلار كۆپىيىپ كەتتى . ئەمما تېتىغىدەك ئەسەردىن بىرنى يازسىچۇ كاشكى ،(ئۆزىڭىز بىرنى يېزىپ باقمامسىز دەيسىز ھەققاچان . يازغۇچىلىرىمىز ، ئەدىپلىرىمىز يېزۋاتىدۇ توم توم كىتاپلارنى ، كەلسە كەلمەس پۇچەك يېزىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ، قۇچقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن دەپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەمەسمۇ دانالار ) ئاخىرىدا قوشۇپ قۇيىدىغىنىم مەرھۇمغا جەننەت ، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا سەبىر تىلەيمەن ...... |
|