- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  66.1%
|
مەن پىكىرىمنى بايان قىلاي :
تېمىدا قانداقتۇر خىزمەت فورمىسى كىيىش-كىيمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس،بەلكى ئەرزان مالنى قىممەت تېڭىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
شەخسەن كۆزقارىشىم شۇكى:
1.ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم خىزمەت فورمىسى كىيىشى كېرەك ، ئەرلەر ئەرلەرگە خاس،ئاياللار ئاياللارغا خاس فورما بولسا ياخشى بۇلاتتى ، ئەمما ماركىسنى خۇدا بىلىدىغان بەزى دۆلەتلەردە بۇخىل پەرققە ئانچە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ .مىللىي پەرققە ئېتىباردا قاراش ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس .
2.ئەرزان ،سۈپەتسىز فورمىنى قىممەت باھادا مەجبۇرىي تېڭىش مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ يانچۇق توملايدىغان ھۈنەرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان . ئەلۋەتتە بۇ يەردە يەنى خىزمەت فورمىسىدىن باشقا ،بەزى مەكتەپلەردە يەنە باشقا «مال»لارنىمۇ مەجبۇرىي تاڭىدۇ . خىزمەت فورمىسىنى ئەمەلىيەتتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇ فورمىنى كىيىپ شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىدۇ ، كۆز-كۆز قىلىپ تويغا بارمايدۇ .
3.خىزمەت فورمىسى چوقۇم ناھايىتى ئۆلچەملىك بولىشى كېرەك ، بۇ چوقۇم خىزمەت فورمىسىنى گېرمانىيىدە تىكىپ ئېلىپ كېلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما قىممەت ساتسىمۇ ئادەمگە ئانچە مۇنچە يارىشىشى كېرەكتە ؟
(خەق يۈز قارىمىسىمۇ ، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بۇ قېتىم نامىنى بىۋاستە ئاتىماي ، ئەمما مەندە كىيىنكى قېتىم دېگەن « ئاتالغۇ » يوق ) |
|