- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1214
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  21.4%
|
قەھرىمانلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار بولىشىغا كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ئۇلار دۇنيا سەھنىلىرىدە مىدال ئالسا پۇلغا كۆمۈلىدۇ، دەپ ئويلىشىمىز تەبىئىي. بۇنداق قىسمەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاددىي ئاۋام خەلقلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن ئىپتىخارلانغان ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسىيىلىك تارماقلىرىمۇ مەسئۇل بولىشى كېرەك. قەھرىمان كىم ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە خەلقى ئۈچۈن، ئانا يۇرتى ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن. بىز بىلمىگەن ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى شۇلارنىڭ ئىدارىلىرى بىلمەي قالمايدۇ. ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ. تۈگەپ كەتكەندە، يالغاندىن ۋايسىشىپ، ئىككى خالتا گۈرۈچ بىلەن بىر تۇڭ ياغنى كۆتۈرۈپ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ھال سوراشقا بارىدۇ. ھۈكۈمەتنىڭ پۇلىغا كەلگەن ئاشۇ بويۇملارنى بېرىپ بولدىمۇ، ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا باشلايدۇ. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بىر پروگراممىسىدا مەلۇم جايدىكى يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن ئادەمنى قوتقۇزۇپ قالغان بىر كونا ئەسكەر ھازىر مەلۇم بىر ئامانلىق ساقلاش شېركىتىدە ئېيىغا 1300 يۇەن مائاش ئېلىپ جان بېقىۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ راستىنلا بىر قەھرىمان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ھەم جاپالىق بولدى. ئابدۇراھمان كەبى قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭغا نېمە دېيىش كېرەك، ھازىر ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتىدۇ، بىرەر ۋەكىلىمىز مۇشۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە بىرەر تەكلىپ-پىكىر سۇنۇپ باقسا، تۆھپىكارلارنىڭ ياكى قەھرىمانلىرىمىزنىڭ كۈرەش سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىراق كاپالەتكە ئىگە بولىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بىزگە ئوخشاش ئاددىي خەلقمۇ بۇنىڭغا ھە-ھۇ دېيىشتىن باش تارتمايمىز. تېما ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللايمەن ۋە ئاۋاز قوشىمەن. |
|