- تىزىملاتقان
- 2015-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1089
- نادىر
- 1
- يازما
- 59
ئۆسۈش
  8.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەكمۇ ئېسىل يېزىپسىز، لېكىن سىياسىغا خۇمار مىللەت دېگەن گەپ بىلەن سىياسىي مىللەت دېگەن ئىككى گەپ. سىياسىي مىللەت دېگەنلىك ئىتنىڭ يەنى يەرلىك مىللەت، ئازسانلىق مىللەت دېگەنگە نىسبەتەن ئېيتىلغان. دۆلەت بېكىتكەن مىللىي تەۋەلىك سىياسىي مىللەت بولىدۇ، مەسىلەن ئامېرىكان مىللىتى، جوڭخۇا مىللىتى. ئۇيغۇر سىياسىي مىللەت ئەمەس، ئازسانلىق مىللەت ئەمەس، يەنى باشقا يەردىن كۆچۈپ كېلىپ بۇ دىياردا ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان، يەرلىكلىك شەرتىنى ھازىرلىمىغان مىللەت ئەمەس، بەلكى يەرلىك مىللەت. تۈركلەر سىياسى مىللەت چۈنكى تۈركىيە ئاساسى قانۇنىدا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كىشىلەر تۈركتۇر دېيىلگەن، شۇڭا كورتلارنىڭ قارشىلىقى ھازىرغىچە بېسىقماي كېلىۋاتىدۇ، تۈركىيەدىكى كورد مەسىلىسنىڭ بىر سەۋەبى دەل تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كوردلارنىڭ تىلىنى مائارىپتىن، ھاكىمىيەتتىن قالدۇرۇپ ئاسمىلاتسىيەگە زورۇققانلىقىدىن بولغان.
تۈركىيەدە كوردلار سىياسىي مىللەت ئەمەس، يەرلىك مىللەت. تۈرك دېگەن ئاتالما جوڭخۇا مىللىتى دېگەندەك سىياسى مىللەت نامى، تۈركىيەدە. تۈرك ئاتالمىسى تۈركلەر ئۈچۈن سۆيۈم ۋە پەخرنىڭ بەلگىسى، كوردلار ئۈچۈن زورلاپ كىيدۈرۈلۈۋاتقان تىكەنلىك تون.
رەنجىمەڭ، تۈزىتىپ قويدۇم، يازمىڭىزدىن سۆيۈنگەنلىكىم ئۈچۈن.
|
|