بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 12:18
پالۋانلارنىڭ خانى بىر پالۋان
-ئەركىم
رەقىبىڭگە ئاتقان ھەر مۇشتۇڭ،
مېنىڭ مۇشتۇم ئىدىغۇ دوستۇم.
مەدەتكارتى ساڭا ئون مىليون،
قەلبىدە لىق ئارمان ئۇيغۇرۇم.
قەددىڭ تاغقا ئوخشايتتى ھەيۋەت،
كۆك بىلەن رەڭ تالاشقان كۆزۈڭ.
مېھىر تامچىپ تۇرغان شۇ ئەبەت،
پالۋانلارنىڭ خانى سەن ئۆزۈڭ.
شۇم ئەجەلگە نە ئامال بىزدە،
شۇم خەۋەرگە پاتتى تۆنۈگۈن.
ئاقار سەلدەك ياشلار شەھەردە،
ئاقار تاۋۇت ئاستىدا كەلكۈن.
ئېھ يىراقتىن يوللايمەن سالام،
بىر كۆرۈشكەن مەڭگۈلۈك ئاداش.
كۆمۈلسىمۇ تېنىڭ ئەي ئوغلان،
روھىڭ كۆكتە پارلىغان قۇياش.
2015-يىلى1-ئاينىڭ22-كۈنى قومۇل |