بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 00:06
پالۋانغا مەرسىيە
يۈسۈپ نەمەنشاھ
پالۋان ئىدىڭ سادىر ئىدىڭ ئابدۇراخمان، ۋەتەن دىدىڭ خەلقىم دىدىڭ ئابدۇراخمان. جاسارەتتە جەسسۇر ئىدىڭ ئابدۇراخمان، بەيگىلەردە شاش تۇلپارتىڭ ئابدۇراخمان، ئۆزلۈكۈمدىن نۇر تاراتقان ئابدۇراخمان.
پالۋان كەتتى، يورۇق يۇلتۇز ئۆچۈپ كەتتى، تارىم،باغداش بۇندا سەنچۈن پىغان چەكتى مانا كەتتىڭ ئەزىز ۋەتەن سەنسىز قالدى. سەن بىلەن بىللە چاپقان دۇلدۇللار قالدى، پالۋانلارنىڭ باھادىرى ئابدۇراخمان.
ئەلۋىدا !ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن دۇئا بېرەر بۇگۈن ، ئەل شىرزاتى ئۈچۈن ! تۇلپار كىشنەپ،بوتا بوزلار ئاھ! سەن ئۈچۈن تەڭرى تېغى پوتا باغلار پالۋان ئۈچۈن، ۋەتەن ئوغلىسەن زەپەردەس ئابدۇراخمان!
قوي يىلى قەھرىتاننىڭ يىگىرمە بىرى قومۇلدا يېزىلدى.
|