سېپىل ۋە سېپىل مەنتىقىسى
(ئابدۇراخمان ئابلىكىم)
- كىتاب ئوقۇش تەسىراتىمدىن تامچە: ئەنئەنە ۋە ئېتىقاد ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
-" ئادەمدىن ھايا كەتسە، ئورنىغا بالا كېلۇر"
- ئۇيغۇر خەلق ماقالى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىز ياۋايىلارچە ، ھەرخىل خېيىمخەتەر ئىچىدە ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەي نادانلىقتا ياشاۋاتقان چېغىمىزدا بىر ئۇلۇغ ئادەم ھاياتلىق ماكانىمىز ۋە تىنچ- ئامانلىقىمىز ئۈچۈن بىزگەئەڭ مۇستەھكەم سېپىل سېلىپ بەرگەنىكەن . سېپىلنىڭ ئۈچ تەرىپى ئىنتايىن خەتەرلىك دەريالار بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك سېپىل دەريالاردىكى زەھەرلىك دۇتنىڭ بىزنى زەھەرلەپ قويۇشىدىن،كەلكۈن كەلگەندە بولسا دەريالار تېشىپ بىزنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن سوقۇلغانىكەن.
ئۇلۇغ ئادەم بىزنى مەڭگۈ سېپىلنى قوغداشقا، سېپىلدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. شۇنداق قىلغاندىلائەلدە تىنچ- ئەمىنلىك ۋە بەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلۇغ ئادەمنىڭ دېيىشىچە،بۇ سېپىل ئىنتايىنمۇستەھكەم ۋە بىخەتەر بولۇپ، بىز ئىزدەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېپىلنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن. ئۇزاتى مۇبارەك يەنە بۇ سېپىلنىڭ دۈشمىنى سېپىلنى يالاپ ئاقىدىغان ئەشۇ خەتەرلىك دەريالاردۇر، دەپتۇۋە يەنە سېپىلنىڭ دەريا يالاپ-چېقىپ ئاقىدىغان يەرلىرىنى قانداق پۇختىلاش چارىلىرىنى ئۈگىتىپ قويۇپبىز بىلەن خوشلىشىپتۇ.
شۇندىن باشلاپ بىز بۇ سېپىل ئىچىدە بىخەتەر- خاتىرجەم، ئىناق، بەخىتلىك ياشاپتۇق.ئۇلۇغ ئادەمنىڭنەسىھىتى بويىچە سېپىلنى مەزمۇتلاشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىپتۇق. بىزدىكى بۇ بەخىتلىك ھايات تالاي يىللار داۋاملىشىپتۇ. كېيىنچە، بارا- بارا سېپىل سىرتىدا يەنە باشقا شەھەرلەرمۇ قۇرۇلۇشقا باشلاپتۇ.زامان ئۆزگىرىپتۇ. سېپىلدىكى بەزى ئادەملەر سېپىل سىرتىدىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ باشقىچە بىر خىل ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى،ئۇلار سېپىلنى قورشاپ تۇرغان دەريالاردا ئەر-ئايال دېمەي ئۈزۈپ
ئويۇن- تاماشا، ئىشقىۋازلىق قىلىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلۇغ كىشى: بۇ دەريالارنىڭ سۈيى بەكمۇ خەتەرلىك، ئۇلاردا ئېقىۋاتقىنى سۇ ئەمەس ئەيىش- ئىشرەتتىن ئاققان قان- يىرىڭدۇر، دەپ نەسىھەت قىلغانىكەن.
ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تىنچ- ئەمىنلىك بۇ نادانلارنى بىخۇدلاشتۇرغاچقا ئۇلار كەلگۈسىخىيىمخەتەرنى ئۇنتۇپتۇ؛ غەپلەت پەردىسى كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ دەريادىكى قان- يىرىڭنى سۈزۈك سۇقىلىپ كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلەپ- ئىككىلەپ سېپىلدىن چۈشۈپ دەريادا چۈمۈلۈپتۇ. ئۇلاردەريا سۈيىدە ئۆزلىرىنى تولىمۇ ئەركىن- ھوزۇرلۇق سېزىشىپتۇ. يىللار- قەرنەلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ نادانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپتۇ.ئەجداتلار نەسىھىتىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ.سېپىلدىن چۈشكەن ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار چۈشكەن جاي شورا بوپتۇ. بۇ نادانلار شورىنى ئېتىشنىڭ ئورنىغا تالاغاچىقىشىمىزغا ئەمدى ئاسان بولدى، دەپ خۇش بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. دەريا سۈيى شەھەرگە بېسىپ كىرىپتۇ. كىشىلەر ئەمدى دەريالارنىڭ ئۆز ئىشىكلىرى ئالدىدا ئاققىنىدىن شادلىنىپتۇ. گەرچە بەزىلەر دەريا سۈيىدە ئېقىپ كېتىپ تۇرسىمۇ ھېچكىم ئىبرەت ئالماپتۇ.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەريا ئۇلارغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلمايدىغان بوپتۇ.دەريادىن چىققان زەھەرلىك دۇت ئۇلارنىڭ ئەقلىنى كېسىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تولا كىشىنىڭ دەرياغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇنتۇپتۇ؛ سېپىلنى پۇختىلاش ئىشى تاشلىنىپ قاپتۇ. گەرچە بەزى ئەقلى ئويغاق،ئىمانى كامىل كىشىلەر سېپىلنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەستىن چىقارمىغان،سېپىلنى مۇستەھكەملەشنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ھەممە ئادەم بىللە قىلمىغاچقا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغاننى ئاز دەپ ئۆز قېــرىنداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپتۇ. يەنە تالاي يىللار ئۆتۈپ سېپىلنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلىكىمۇ
ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئەقىل- ھوشى جايىدا كىشىلەر قايغۇرغان بولسىمۇ ئامالسىز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر سېپىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيمايلا قاپتۇ. سېپىلنىڭ يوقاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەردىن ئىنساب، دىيانەت، شەرم- ھايا، يۇرتتىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىزا-ئاداۋەت، جەڭگى-جېدەل،ئوغرىـ-ـيالغان، زىنايى- ھارام، بەڭگىلىك باش كۆتۈرۈپ، يوقۇملۇق كېسەل، ئاغرىق- سىلاق ئاۋۇپ كېتىپتۇ.روھى ساغلام،تەندۇرۇست ئادەملەر ئاز قاپتۇ. دەريادىن كۆتىرىلگەن زەھەرلىك دۇت ئادەملەرنى سېھىر-لەپ، دىللىرىنى كور قىلىپ، ئوڭنى تەتۈر، رۇستنى قىڭغىر كۆرۈدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. لېكىن تالاي كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرنىڭ سىرىنى بىلەلمەپتۇ. بىلگەنلەرنىڭ گېپىگە ئەتراپتىكىلەر ئىشەنمەپتۇ.
كېيىن سېپىلنىڭ بىر بۈرجىكىلا قاپتۇ. شۇ بۈرجەككە قاراپ نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆزىنى سېپىلدىكىئادەملەر دەيدىكەن. لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سېپىل سىرتىدىكى ئادەملەردىن قىلچە پەرقى يوق ىكەن.بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى سېپىل ئىچىدىكى ئادەملەر دەيمىز. لېكىن قېنى بۇ سېپىلىمىز؟ پەقەت ئۆرۈلۈپچۈشەي دەپ قالغان سېپىل پارچىسى بىلەنلا ئۆزىمىزنى سېپىل ئادەملىرى دىيەلەمدۇق؟
ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ. بىرى، ئەسلى تەبىئىتىمىزدىن ياتلاشقان، ساختىلىق، ئەقىدە- ئېــتىقادسىزلىق، رىياكارلىقتىن بۇلغانغان ۋۇجۇدىمىزنى پاكلاپ ئۆزىمىزنى ھەقىقىي تونۇش؛ يەنە بىرى،گۇمراھلىق يولىغا مېڭىپ ئاخىرى بىر كۈنى دەرياغا غەرق بولۇش. ياكى بولمىسا ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن دەريانىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ، سېپىلىمىزگە سېغىنىش.
دەريا بىزگە قاراپ ئېتىلماقتا. نادان كىشىلەر دەريادا ئېقىۋاتقىنى ھاياتلىق سۈيى دەپ قارىماقتا. سېـ-ـپىلنىڭ ئاخىرقى بۈرجىكى ئۆرۈلۈپ تۈگىمەكتە… ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر سېپىل سوقۇشبىلەن ئاۋارە. لېكىن ئۇلار دەريا دولقۇنى ئالدىدا ھالسىز ۋە ئاجىز…
2000- يىل سىنتەبر، سدنېي.
(بۇ يازما بوكس چېمپيونىمىزنىڭ تۇنجى ئەسىرى)
|