- تىزىملاتقان
- 2012-12-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1460
- نادىر
- 0
- يازما
- 95
ئۆسۈش
  46%
|
كىتابقا ئامراقلىق دېگەن باشقا گەپ جىما. باللىق چاغلىرىم ،ئاكا-ئاچىللىرىم كۆرسە ئادەمنىڭ ھەۋسى كەلگۈدەك، ئاڭلىسا ئاڭلاپ- ئاڭلاپ قانمايدىغان ھېكايىلەر بار كىتابلاردىن« ئىز»«چالا تەگكەن ئوق»«ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»«ھاجى مۇرات»،
«مىڭ بىر كېچە»«مىھراپتىن چايان»«چاھار دەرۋىش»«قىزىل چاۋاقتىكى چۈش»«سۇ بويىدا»«ھاجى مۇرات» قاتارلىق كىتابلارنى نەلەدىندۇر تېپىپ، ھەر كۈنلىكى ئوقۇپ بىرەتتى. ئايسۇلۇنىڭ ئالدىغا قورقۇنۇشلۇق ئېيىق ئۇچىرىغاندا، لى شىفۇنىڭ مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ، قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلغاندا، ئابدۇراخماننىڭ شۇڭقار كەبى قەشقەر تامان ئۇچۇشلىرىنى ئويلىغاندا، ھاجىمۇراتنىڭ يۇرت ئەركىنلىكىنى دەپ كاۋكازدا ئۇرۇش قىلىپ بېشى تىنىدىن ئۈزۈلگەندە،ھېكايە يامان يەرگە كەلگەندە، تاڭ يورۇپ كىتىپ شەھىرزاد ھېكايىسىنى توختاتقاندا، ئىنقىلابچىللىرىمىز ئوقنى چالا ئېتىپ، ھەسرەت- نادامەت چەككەندە، ئوردىدىكى بىر توپ رەققاسلار شاھ ئۈچۈن پاي-پىتەك بولغاندا، مۇقەددەس ئەقىدە-ئىتىقاد نۇرلىنىدىغان يەر-مېھرابتىن چايان چىققاندا،جىيا باۋيۇ بىلەن لىن دەييۇ ھەشەمەتلىك ئوردىدا ھەشەمگە ئورلۇپ ياشاپمۇ، ۋىسالىغا يىتەلمىگەندە، شىپالىق يامۇر،كۈندۇز چاشقىنى،، قارا قۇيۇن، يەل تاپان، ، پەتەك،ھەزىرەت، گۈلدار شەيىخ،مەڭلىك ياۋلارنىڭ ئىسيانلىرى كۆتۈرۈلگەندە... ۋەقەلىككە قىزىقىپ ئاڭلايتىم. قاچانمۇ مەكتەپكە كىرىپ ساۋادىم چىقار، ئەشۇ كىتابلارنى ئۆز قولۇم بىلەن، ئۆز كۆزۇم بىلەن ئوقىيارمەن دەپ ئالدىرايتىم. شۈكىرىكىم، بۇ كۈنلەرگە ئۇلاشتىم. ھازىر ئويلىسام ئائىلىمىزدىكى كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىق مېنىڭ قەلبىمگە كىچكىمدىنلا تۇتاشقان ئىكەن. ھازىرمۇ كۈندە ئىككى سائەت كىتاب ئوقىمىسام،كۈنۈم كەچ بولمايدۇ. |
|