- تىزىملاتقان
- 2013-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6671
- نادىر
- 0
- يازما
- 610
ئۆسۈش
  33.42%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زىرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 18:46
ئادىلە ئىسمائىل
ئەسسالام، بارلىق ۋەتەنداش قېرىنداشلار!
بۇ ئىككى ھەپتىدىن بېرى مۇنبەر ھەم ئۈندىدار سالونلىرىنى ئەلى مۇئەللىم لېكسىيەسى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر قاپلاپ كەتتى. باشقا بىر تېما ئۈستىدە ئىشلەۋاتقىنىم ئۈچۈن، ماڭا بۇ لېكسىيە ۋە باھالارنى يوللىغان دوستلىرىمنىڭ پىكرىگە پەقەت مۇنۇ قۇرلارنى قوشۇپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەندىم : .
ئەلى قۇرباننىڭ يېڭىدىن تىلى چىقىۋاتقان بالىسىنى(ناۋادا بالىسى بولسا ياكى بولغاندا) چەت-ئەلگە ياكى خەنزۇلار
ئارىسىغا ئاپىرىپ تەربىيەلەپ باقسىكەن، قوغۇن دېيەلەمدۇ. تىل مۇھىتى بىلەن ئەقىل گېنىنىڭ پەرقىنى، بۇ تاۋۇشلارنىڭ بىزگە كىمدىن كەلگىنىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەلى مۇئەللىمنىڭ دۇنيانىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى، ئۆزى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ ھېچقاچان مۇتلەق ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بىراق، ئەلى مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئەمەس دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور بىر بۆسۈش، يېڭىلىق. بىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئەلى مۇئەللىملەر چىقسۇن. ئادەم خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەت ئىچىدە يېتىلىدۇ. دەپ.
مۇشۇ پىكرىم بىلەن مۇنازىرىلەرگە سىرتتىن قۇلاق سېلىپلا ئۆتۈۋاتاتتىم. بىراق، بۇ ئەۋج شۇ دەرىجىگە يەتتىكى،لېكسىيەگە باھا بەرگەن زىۋىدە خانىمنى ھەسەتخور، ئۆپكىسى يوق دەپ بىلجىرلىغانلار بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇنىڭغا قانۇنى جاۋابكارلىق ھەيۋىسى بىلەن ››مەسلىھەت‹‹ بېرىشكە ئۆتتى. ساپاسىز لېكسىيەگە چاۋاك چالغان ساپاسىز ئاڭلىغۇچىلاردىن مىللەتكە بولغان ئۈمىدىم يوقالدى. ئەسلى ساپاسىز بولغىنى بۇ مىللەتكەن. دېگەندەك ساپانى بىلمىگەن ››ساپالىق‹‹ لارنىڭ ھاقارىتى بارا-بارا ئىككى پىسخىلوگدىن ھالقىپ پۈتۈن مىللەتكە ئاغدۇرۇلدى.
ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئەلى مۇئەللىم بىلەن زىۋىدە خانىم تەرەپدارلىرى قوزغىغان بۇ ئىنقىلابنىڭ ھەقىقىي زىيانلانغۇچىلىرى ئۇ ئىككى كىشى بولماستىن، دادىسى بىلەن ئانىسى ئۇرۇشۇپ قالسا ئارىدا بويۇن قىسىپ قالغان بىچارە بالىدەك، كىمگە ئىشىنىشنى، كىمدىن مەدەت ئېلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان گۆدەك ياشلىرىمىز بولۇۋاتىدۇ. توغرا، ئىلمى مۇنازىرىنىڭ ئىلمى نەزەرىيەلەرنى تولۇقلاش، تۈزىتىش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ئەمىلىلەشتۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بىراق، شۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز؟ سېنىڭ توغرىمۇ مېنىڭمۇ دەپ توختىماستىن تالىشىپ جېدەلنى ئۇلغايتىشىمىز كېرەكمۇ ياكى قورقۇپ يىغلاۋاتقان بالىمىزنى قۇچاققا ئېلىپ، روھىنى تېنچتلاندۇرىشىمىز كېرەكمۇ؟
يەنە سۈكۈت قىلىپ قاراپ ئولتۇرۇش تەبىئىتىمگە سىغمىدى. ھەي ئادەملەر نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلىۋاتامسەن؟ئەلى مۇئەللىمنىڭ بازار ئىگىلىگى، پىلاستىنكا ۋە لېكسىيە سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى ئېغىر ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتقان قانۇنى مەسئۇلىيەت... ئۇ قانات-قۇيرۇقىنى يېتىلدۈرۈپ ئۇچىۋالغۇچە، موزايدىن كالىغا ئايلىنىۋالغۇچە كۈتۈپ تۇرۇڭ... دەرھال مۇنبەردىكى پىكرىڭىزنى قايتۇرۇپ، ئوچۇق خەت بىلەن كەچۈرۈم سوراڭ. بولمىسا قانۇنى جاۋابكارلىقى... مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيىتىم بىلەن سۈكۈت ماڭا ھارام ... ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، ئۆزۈڭنى چۈشۈرىدىغان بۇنداق تۇترۇقسىز ھەيۋىلەردىن كۆرە، جىم ئولتۇرۇپ گەپ قىلالايدىغانلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان بولساڭ، ھېچكىم سېنى گاچىكەن، بىلىمسىزكەن دەپ قالماستى. سۆز ئەركىنلىكى دېسە، شۇنداقمۇ سۆزلەمسەن. سەن كىمنىڭ ۋاكالەتچىسى، كىمنىڭ قانۇن جارچىسى؟ ھېلىمۇ پۇت-قولىنى باغلاپ، قانۇنغا تاشلاپ بېرىۋاتقان، رەھىمسىز قانۇننىڭ سىرتمىغىدا ئەجەلسىز جان تەسلىم قىلىۋاتقان سان-ساناقسىز››ئازغۇنلار‹‹ يەتمەيۋاتامدۇ؟ ئەمدى سوتقا تارتمىغان ئالىم، راستنى سۆزلىگەن ئۇستاز قالدىما؟ مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەتمىش. سەن مىللەتكە مۇشۇنداق مەسئۇل بولامسەن؟مىللەت ئادەملىرىنى مۇشۇنداق مۇرەسسە قىلامسەن؟
مەن ئەلى مۇئەللىمنىمۇ زىۋىدە خانىمنىمۇ تونۇمايمەن. ئۇلارغا باھا- پىكىرلىرىنى ئېلان قىلىۋاتقان مۇنازىرىچىلەرنى بولسا تېخىمۇ شۇنداق.مەن ھېچكىم بىلەن ھەسەتخور كەسىپداشلاردىن ياكى كالىسى بىر قازاندا قاينىمايدىغان رەقىب قوچقارلاردىن ئەمەس.ئەزەلدىن باشقىلارغا كىملىكى، نام-ئاتىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادىتىممۇ يوق. پەقەت يىراق يات ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ۋەتەنداش خالاس. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ يازغان، سۆزلىگەنلىرىنى قانداق چۈشەنسەم، نېمىنى ھېس قىلسام ئەينەن پىكرىمنى بايان قىلماقچىمەن.
زىۋىدە خانىمنىڭ ماقالىسى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھالار ھەققىدە .
مەن زىۋىدە خانىمنى <ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىگە قىستۇرما> ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق تۇنجى ئۇچراتتىم ۋە شۇ ماقالە ئارقىلىق ئۇنىڭ جاسارەتلىك ئايال، مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز، ئىلمىلىكنى چۈشۈنىدىغان ئالىم ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ۋە مەلۇم ئاساس تىكلىگەن ياش ۋە نوپۇزلۇق پىسخولوگلارنىڭ سانى ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەلى قۇربان سۆزلىگەن لېكسىيەدىكى ئىلمى خاتالىق، نۇتۇق يېتەرسىزلىكى ۋە سەلبىي تەسىرلەرنى زىۋىدە خانىمدىن باشقىمۇ ناھايىتى كۆپ بايقىغان ۋە باش چايقىغانلار بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا نەق مەيداندا لېكسىيە ئاڭلاشقا قاتناشقۇچىلاردىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسور، لىكتورلىرىمۇ يوق ئەمەستۇ. بىراق، ھېچكىم زىۋىدە خانىمدىن بۇرۇن ھېچنېمە دېيەلمىدى. ئەلى قۇرباننىڭ ياشلار ئارىسىدىكى تەسىرىنى بىلدى. ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىڭچىلىك جەلپ قىلالمايۋاتقىنىدىن بىئارام بولدى. ئەمما ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتتى. ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىشەنمەڭلار، ئۇ ئېگىز-پەس سۆزلەۋاتىدۇ دېسە كالتەكنىڭ ئۆزۈڭگە تېگىپ كېتىشىدىن، ھەسەتخور، ئاتىلىپ قېلىشىدىن قورقتى. بىراق، بۇ ››ھەسەتخور‹‹ ئايال مەيدىسىنى كېرىپ، ھەممە ئاقىۋەتنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئوتتۇرىغا چىقالىدى. خاتا ئۇقۇم، خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ گۆدەك نوتىلارنى خاتا يېتەكلەپ قويۇش خەۋپىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن، تەلەپچان ئوقۇتقۇچىغا خاس توغرا خىسلىتى بىلەن نامايان بولدى. يېتۈك بىر پىسخولوگ بولغىنى ئۈچۈن، ئىلمى نۇقسانلارنى جايىدا بايقىدى ۋە ئۇنى ئىلمى ئۇسۇلدا شەرھلىدى. بىراق، قەلبىدىكى ئەلى قەھرىماننىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزگىنى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ››بىخۇتلىقىغا‹‹ تۇتقان قاتتىق قول پوزىتسىيەسى ئۈچۈن ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياجانلىق زەربىسىگە ئۇچرىدى.شۇ تاپتا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەسلى مەزمۇندىن ھالقىغان مۇنۇ قۇرلارنى تەۋسىيە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ:
سىلەر تەلەپچان، قاتتىق قول ئۇستازلىرىڭلاردىن رەنجىمەڭلار. ئۇلار سىلەرگە خۇددى ئۆز ئاتا-ئاناڭلارغا ئوخشاش كۆيۈنگىنى، غەم يېگىنى، توغرا ئادەم بولۇشۇڭلارنى ئىستىگىنى ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. « دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دېگەن سۆزمۇ بار بىزدە. ئەسلى رەنجىشكە تېگىشكىلى، خاتالىقلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىپ، ھېچكىمگە يامان بولماي ئۆتۈۋاتقان، ئانچە-مۇنچە ئۆيىگە چاقىرىۋېلىپ ياكى دۈمبەڭلارنى پەپىلەپ، نومۇر قوشۇپ قويۇپ، بىخۇتلۇققا بولۇشىچە قويۇۋەتكەن نان قېپى ئوقۇتقۇچىلار.مائارىپىمىزنى، كەلگۈسىمىزنى دەل شۇ بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، راھەتپەرەسلىك خاراب قىلىۋاتىدۇ. زىۋىدە خانىممۇ شۇلارغا ئوخشاش سىڭگەن نېنىنى يەپ، چېيىنى ئويناپ يۈرۈۋەرسە بولاتتىغۇ؟
زىۋىدە خانىم ھەققىدە ئابىدە ئىبراھىم قاتارلىق ئۆتكۈر پىكىرلىك ئايرىم بىلىملىك ئادەملىرمىز ناھايىتى ياخشى يەكۈنلەرنى چىقىرىپتۇ.شۇڭا مەن بۇ ھەقتىكى ئوخشاش پىكىرلىرىمنى قىسقارتىمەن.
ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆز لېكسىيەسىگە ۋە لېكسىيە رەدىيەچىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە.
ئەلى قۇربان لېكسىيەسىدىكى ئىلمى ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلار، ئەخلاق ۋە پىسخىكا كۆزقارىشىدىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەر توغرىسىدا يېتەرلىك ھەتتا ئارتۇقى بىلەن تەكلىپ-تەنقىدلەر بولۇنىۋاتىدۇ.شۇڭا مەن بۇ ھەقتە يەنە توختالمايمەن. پەقەت، مۇشۇ خاتالىقلارغا سەۋەب بولغان ئايرىم نۇقتىلارنى ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم بويىچە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. زىيادە .ئىشەنچتىن كېلىپ چىققان بىخۇدلۇق.
مېنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلغىنى ئەلى قۇرباننىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئىزدىنىپ يېڭى يول تېپىش روھى. ئۇنى-بۇنى دوراپ بېقىپ، قاملاشتۇرالمىغاندا مۇشۇ بازارغا كىردى دېگەنلەرمۇ بولدى. بىراق بۇ ياخشى يۈزلىنىشغۇ. بىر ئۆمۈر ئۆز نىشانىنى بېكىتەلمەي، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالماي ، نېمىدە مائاشقا ئۇلاشسا شۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ، مەنە-تىۋىشسىز دۇنيادىن ئۆتىدىغانلار كۆپقۇ. ئەلى قۇربان ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئامىللارنى بايقاشنى، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش ۋە كىمگە ئىشلىتىشنى شۇ قەدەر ياخشى بىلگەنكى، ئەقىلنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، نىسبەتەن يۇقىرى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقان. ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۆزگىچە بىر يېتەكلەش ئۇسلۇبى، يېڭىچە بىر بۆسۈش پەيدا قىلغان. تىرىشچانلىق، جاپاغا چىداش ۋە ئۆزىنى سۆيۈشتەك ئاكتىۋال پىسخىكىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ مۇۋاپېقىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنى ياراتقان.« دۇنيادا ئەسلىدە يول يوق ئىدى، ئادەملەر ماڭغىنى ئۈچۈن يول پەيدا بولغان» ئەلى قۇربان بۇنى ئۆز ئەمىليىتدە كۆرسەتتى.
ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە باشقىلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىش ئۇنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنىمۇ ھەممىمىز بىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئۇ دەل شۇ ئىشەنچنىڭ جاسارىتى بىلەن، ھېچنېمىنى مەڭسىتمەستىن غالىبلارچە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنداقلا يېتەرلىك خاتالىقلارنى سۆرەپ چىقتى. جىم-جىت ساھىللارنى، تىنىق كۆللەرنى تەۋرىتىۋەتتى. بىزدەك ئۈگدەپ ياتقانلار ئۇنىڭ خاتالىقلىرىدىن چۆچىدۇق، جاسارىتىدىن تەسىرلەندۇق. ئىزدىنىش روھىغا قايىل بولدۇق.
بىراق، ئىشەنچ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلا ئەمەس. باشقىلارغىمۇ ئىشىنىش، ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارقىلىق ئۆزىدىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلاپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزگىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش دېمەكتۇر. ناۋادا ئەلى قۇرباننىڭ ئىشەنچكە بولغان تونۇشى يەنە بىرئاز ساغلام يېتىلەلىگەن بولسىدى، كەلگۈسىدە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشى مۇمكىن ئىدى. بۈگۈنكىدەك ئاخىرى چىقماس مۇلاھىزىلەر بولۇنمىغان ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىمەن دەپ تېخىمۇ چوڭ خاتالىقلارغا يولۇقمىغان بولاتتى.
ئەلى قۇرباننىڭ ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز. بىراق، ياخشى نىيەت ساغلام، توغرا شەكىلدە ئىپادىلەنمىسە، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە زىيادە مۇتلەقلەشتۈرۈش ئېشىپ كەتسە، ئېنىقكى كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئەكس تەسىر بېرىدۇ. گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە بىز ئۇنى باشقۇرىمىز، ئېغىزدىن چىقىپ كەتتىمۇ ئۇ بىزنى باشقۇرىدۇ. پۇختا ئويلانمىغان، يەڭگىللىك بىلەن ئېيتىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆز بىزگە كېلىدىغان بىر باھانى پىچىپ قويىدۇ. بەلكى ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى مالىمان قىلىۋېتەلەيدۇ.
نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ماتېرىيالدىن پايدىلانماي، سائەتلەپ لېكسىيە سۆزلەش دەرۋەقە ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان. ئوقۇغۇچىغا مەنپەئەت بېرەلىگۈدەك، ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغۇدەك بىر سائەت لېكسىيە ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر، ۋاقىت كېتىدىغىنىنى بىلگۈچىلىكىم بار. بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپمۇ، ئوقۇغۇچى رازى بولغۇدەك بىر سائەت لېكسىيە سۆزلىيەلمەيدىغان، كىتابتىن كۆچۈرۈپ كەلگىنىنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىپ، سائەت توشقۇزىدىغان لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىنىمۇ تالاي كۆرگەنمەن. ئەلى قۇربان ناھايىتى زېرەك بولغىنى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ھېچ زېرىكتۈرمەستىن سائەتلەپ ئاغزىغا قارىتالىدى ھەم دەل شۇنداق قىلالايدىغىنىغا زىيادە ئىشىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن لېكسىيەگە ئىلمى، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالماي، ھازىرقىدەك مۇنازىرىلەرگە دەستەك بولۇپ قالدى.
ئۇ، مەن مۇرەككەپ بىلىملەرنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان ئاددىي سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ يەتكۈزمەكچى بولدۇم. بىراق، بۇ ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس دېدى. بۇ ناھايىتى توغرا گەپ. ئاددىيلاشتۇرۇش ئاددىي ئەمەسلا ئەمەس، ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان. نۇرغۇن ئىلىم ئادەملىرى ۋە ئەدىبلەر ئۆزى ۋە ئۆز ساھەسىدىكىلەردىن باشقا ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىغان. چەت تىلىدىن ئەينەن كۆچۈرۈۋالغان ياكى كەسپى ساھەدىلا قوللۇنىدىغان مۇرەككەپ ئاتالغۇلارنى ئەتەي سىڭدۈرۈپ، يازغان ۋە سۆزلىگەنلىرىنى باشقىلاردىن ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ چۈشىنىكسىز، جانسىز، ئۈنۈمسىز نەرسىگە ئايلىنىپ، ئەمەلى نەپ بېرەلمەيدۇ. ئومۇمنى قىزىقتۇرالمايدۇ. ئاخىرقى ھىساپتا خېرىدارلار ئەلى مۇئەللىم تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ.
ئۇ يەنە، مەن ئىككى يېرىم سائەت ئارام ئالماستىن سۆزلىدىم، دېدى. دېمەك، مەسىلە ناھايىتى ئېنىق. دەل مۇشۇ ئارام ئالماسلىق، باشتىن-ئاخىر ماتېرىيالغا قارىماسلىق ۋە پىششىق ئويلانماستىن << ئاددىيلاشتۇرۇش>> تەك بىر تەرەپلىمە يەڭگىللىكلەر ئۇنىڭ ئىپادىلەشتىكى خاتالىقلىرىغا سەۋەب بولدى. مەن ئوقۇغۇچىلارنى توختىماستىن كۈلدۈردۈم. كۈلدۈرۈش يامان ئىشمۇ دەپ چېچىلدى. كۈلدۈرۈش ئەلۋەتتە يامان ئىش ئەمەس. ئەمما كۈلدۈرىمەن دەپ، توغرا-خاتاغا دىققەت قىلماسلىق ياخشى ئىش ئەمەس. ئىككى-ئۈچ سائەتلەپ ئۆزىنى ھاردۇرىدىغان ۋە ئازدۇرىدىغان ئۇزۇن-ئۇزۇن لېكسىيەلەرمۇ زۆرۈر ئەمەس. مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىسىمۇ ياكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئەڭ تەسىرلىك مەزمۇنلارنى ئەپچىل يىغىنچاقلاپ، ماسلاشتۇرۇپ، مېغىزلىق يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ
2.نۇتۇق سەنئىتىگە سەل قاراش.
ئەلى قۇربان پىسخولوگىيە ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرۈپتۇ. ئۈگۈنۈپتۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ناتىقلىق سەنئىتى، نۇتۇق ماھارىتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ كۆرسە، ئەڭ داڭلىق سىياسىيون، ئوقۇتقۇچى، سەھنىچىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇتۇق ماھارىتىنى مەشىق قىلىدىغىنىنى نەزەردىن قالدۇرمىسا، ئۇنىڭ لېكسىيە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلمەسمىدى دەپ ئويلاپ قالدىم.( ئەگەر ئۇ، <<نۇتۇق ئىلمىنىمۇ ئۆگەنگەنمەن.>>، دېسە. مەن ياندۇرۇپ، يېتەرلىك بولماپتۇ، دەيمەن.) شۇڭا ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنى ساپاسىز دېگەندىن كۆرە رەتسىز، يېتەرلىك تەييارلىقسىز، ئسپاتسىز دېگەن مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. پىكىر چۇۋالچاق، ئاساسى ئىدىيەنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن كۈلكىسى بار، ئۈنۈمى يوق مىساللارغا ۋاقىت كۆپ ئېلىنىپ كەتكەن. ھەتتا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدىيە بىلەن ھېچ ئالاقىسىز مىساللارمۇ، خاتا مىساللارمۇ قوشۇلۇپ قالغان. ئىپادىلەۋاتقان مەزمۇن تولۇق ئاخىرلاشمايلا كېيىنكى قىسىمغا ئاتلاپ، ئاڭلىغۇچىدا جىددىلىك پەيدا قىلىپ قۇيىدىغان، پىكىرنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمايدىغان، ياخشى ئويلىنىشتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتمىگەن بايانلار بىلەن ئۇقۇم قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر.
مەن ئۇنىڭ لېكسىيە ئۈستىلىدە قول كومپيۇتېرىنى كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇنىڭدىن نېمىشقا پايدىلانمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ھېچ بولمىغاندا توچكا نۇقتىلارنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈۋالسا، شارائىت يار بەرگەن ئورۇنلاردا ئۇنى كۆلەڭگە ئېكرانىدا چوڭايتىپ، سۆزلەۋاتقىنىنى جانلاندۇرسا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىگە شۇنداقلا سۆزلىگۈچىنىڭ تېخىمۇ ئېدىتلىق، سىستېمىلىق يەتكۈزۈشىگە ئاكتىپ رولى بولماسمىدى دەيمەن. ئەگەر، لېكسىيە جەھەتتە مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلالىسا، پىسخىكا جەھەتتە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تەلەپچانلىق ۋە يۇقىرى سۈپەت ئۆلچىمى بىلەن تەڭشىيەلىسە ئەلى قۇرباندىن تېخىمۇ چوڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن بولماسمۇ؟
3..خاتا ۋە مۇناسىۋەتسىز مىساللارنى قوللىنىش.
شاڭخەيدە كۆرگەن قىسقۇچ پاقا مىسالى. ئۇنى نېمە مەقسەتتە، قايسى پىكىرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلەتكىنىنى.سۆزلەۋاتقان مەزمۇن بىلەن نېمە باغلىنىشى بارلىقىنى بىلەلمىدىم.
قوغۇن مىسالى. ئۇ، بىزنى قوغۇن دېيەلەيدىغان بالىلارنى تۇغالايدىغان ئۇلۇغ ئانىلار تۇغدى. شۇڭا قوغۇنغا لايىق ئىش قىلىشىمىز كېرەك. دېدى. قوغۇنغا لايىق ئىش قانداق بولىدىغاندۇ؟ماقۇل، بۇنى چاقچاق دەپ ئۆتكۈزىۋېتەيلى. لېكىن، <<قوغۇن>> دېيەلمەيدىغان بالىلارنى تۇغىدىغان <<خوتۇنلار>> دېگەن ناھايىتى قوپال ئىشلەتىمىسى ماڭا بەك يېقىمسىز ئاڭلاندى. بالىسى قوغۇن دېيەلىسۇن ياكى دېيەلمىسۇن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئوخشاشلا ئۇلۇغ. قوغۇن دېيەلمەيمۇ دۇنيانى تەۋرەتكەن،
تەۋرىتىۋاتقان ئاجايىپ ئۇلۇغ بالىلارنى تۇغدى شۇ ئانىلار.
ئۇ يەنە، مەن 4-5 تىلنى بىلىمەن. لېكىن ئۇيغۇردىن باشقا ھېچقانداق مىللەت قوغۇن دېيەلمەيدۇ...چۈنكى بىزدىكى گېن ياخشى، شۇڭا دۇنيادىكى ھېچقانداق مىللەت ئۇيغۇردەك ئەقىللىك ئەمەس...دېگەندەك پاراڭلارنى قىلدى. ئۇيغۇرغا بېرىلگەن بۇ باھا ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى. چاۋاك چالدۇردى. بۇنداق كاتتا باھا كىمنى سۆيۈندۈرمىسۇن؟ بىراق بۇ ئىشەنچ ئاتا قىلىشمۇ ياكى بىخۇتلاشتۇرۇشمۇ؟دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەقىللىق بىر مىللەت نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالىمىز؟بۇنىڭغا بەلكىم تەييار جاۋاپلىرىڭلار باردۇ. بىراق ئۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىر باھانە.ھەقىقەتەن شۇنداق ئەقىللىك مىللەت بولساق ئىدۇق، يول ئىچىدىن يول تاپاتتۇق. ھېچكىمدە يوق ئەقلىمىز بىلەن ياتلارنى لەت ئېتەتتۇق. ھېچ بولمىغاندا بىر-بىرىمىزنى يېمەيتتۇق.
مەنمۇ ئۇيغۇر. چەت-ئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىك مىللەت ئۇيغۇر دېگەننى ئەمەس، دۇنيادا ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەت مەۋجۇت دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇچۇلىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر. بىراق بۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. دۇنياغا، دۇنيادىكى تالاي مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئۇلىمىز ۋە ھازىرىمىز تولىمۇ ئەپسۇسكى، بەكلا ئاجىز. بۇلارنى يات ئەل، يات مىللەت بىلەن ئۇچراشقانچە، چۈشەنگەنچە يۈرۈگى ئېچىشقان ھالدا تېخىمۇ ھېس قىلىدۇ ئادەم. تىلىم كۆيۈپ تۇرۇپ دەۋاتقان بۇ ئاچچىق جۈملىلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۈمىدسىزلىك بېرىپ قويغان بولسام مېنى كەچۈرۈڭلار. بىراق بىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمىز، ھەممىنى ئەسلى ھالىتى بىلەن تونۇپ، ئۇنىڭغا شۇ بويىچە تاقابىل تۇرۇشنى، ئۆزۈمىزنى شۇنىڭغا لايىق يېتىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ئەلى قۇربان ئەمەس ئۇيغۇرنى بىلىدىغان باشقا بىر مىللەت، سىلەر دۇنيادا ھەممىدىن ئەقىللىك، دېگەن بولسىدى مەن پەخىرلەنگەن ھالدا ھوزۇرلۇنۇپ كۈلەتتىم. بۇ مېنىڭ چەت-ئەللىكنى چوڭ كۆرگۈنۈم ئەمەس. بەلكى ھەر كۈنى ھەر خىل مىللەت، ھەر خىل تەبىقىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە ئۇلارنى چۈشۈنۈپ تۇرۇۋاتقاچقا ئۇيغۇردىكى نۇرغۇن ئېسىل خىسلەتلەرنى ئۇلاردىن مەڭگۈ تاپقىلى بولمايدىغىنىنى كۈنمۇ-كۈن ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن.
ئۆزىمىزگە ئشىنىشىمىز، ئۆزۈمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. بىراق بۇ ئىشىنىش قارىغۇلارچە بولسا،كەينىمىزدە قالغانلارغا ئەمەس، ئالدىمىزدا كەتكەنلەرگە سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىسە، ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ *لىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.خالاس. AQ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسە، بۇ بىخۇدلۇق ۋە يەنە كېلىپ بۇ ئەقىللىك باھاسى قوغۇننى توغرا تەلەپپۇز قىلالىغىنىمىز ئۈچۈن بېرىلدى. ھەيرانمەن، ئەلى قۇربان 4-5 تىلنى بىلىمەن دېگەن ئىدى. ئەجەبا تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى، تىل مۇھىتىنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئەقىل گېنى بىلەن باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنمىدۇ؟ ،راست، بىز ھەرقانداق تىلنى ناھايىتى توغرا، چىرايلىق تەلەپپۇز قىلالايمىز. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەب، پارس تىللىرىدىن zh,ch,sh كىرگەن ق، غ غا ئوخشاش تەلەپپۇزى قاتتىق، مۇرەككەپ تاۋۇشلار ۋە خەنزۇ تىلىدىن كىرگەنگە ئوخشاش دۇنيا تىللىرىدا يوق ياكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە تاۋۇشلار بار. بىز كىچىكىمىزدىن بۇ مۇرەككەپ، كۆپ خىل تىل مۇھىتى ئىچىدە ئۆسۈپ، ئۆزىمىزدە ناھايىتى ئەۋرىشىم ۋە راۋان تىل ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن. ئۇيغۇر تىل گىرامماتىكىسدىىمۇ نۇرغۇن تىللارغا ماس كېلىدىغان پايدىلىق ۋە ئاكتىپ ئامىللار ناھايىتى كۆپ. قىسقىسى، بىز پەۋقۇلاددە ئەقىللىك بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس، پايدىلىق تىل مۇھىتىغا ئىگە بولغىنىمىز ئۈچۈن تىل ئۆگىنىشتە ئارتۇقچىلىقىمىز بار. ئەمدى، راستلا بىزدىن باشقا مىللەت ق بىلەن غ نى تەلەپپۇز قىلالمامدۇ ئەلى قۇربان ئۆزى ئويلىنىپ كۆرسۇن.
توغرا، بىز ئەقىللىك. بىزدە چەت-ئەللىكنىڭكىدەك ھەممىلا ئىشنىڭ تەييار لايىھەسى، قوللانمىسى يوق. پۈتۈن ئىشىمىزدا ئۆزىمىزگە تايىنىشقا، ئۆزىمىز ئويلىنىپ يول تېپىشقا، كىتاب، كۆرسەتمىگە ئەمەس، ئەقىل-ئىدراگىمىز، ئەمەلىي تەجرىبىمىزگە يۆلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل جاپالىق رېئال شارائىت بىزگە توختىماستىن ئىزدىنىش، ئەقلىمىزنى بىلەشنى ئۆگەتكەن. بىراق، ھەقىقەتەن ئەقلىنى بىلەپ يالتىراتقانلار قانچىلىك. ئۇنى تاشلىۋېتىپ، دات باستۇرۋاتقانلار قانچىلىك؟
يېقىندا تېلېۋىزوردا ياپونىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرستېتلارنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بىز بىلىدىغان زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭدا سورالغان سوئاللارنىڭ مۇرەككەپلىكى، چېتىشلىق دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ زىچلىقى ئادەمنى چۆچىتەتتى. يەنە كېلىپ ئۇ سوئاللار ئىلىم ساھەسىدە ئومۇملاشقان، بىلىشكە تېگىشلىك زۆرۈر مەزمۇنلار بولماستىن، ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى چەكمەيدىغان، ئەڭ يېڭى بايقالغان ۋە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان <<قوشۇمچە بىلىملەر>>ئىدى. ناھايىتى يۇقىرى قىيىنلىق دەرىجىسىدىكى قانچە-قانچە بەت ياپونچە، ئىنگلىزچە مەسىلىلەرنى نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئوقۇپ، جاۋابنى قەلەم بىلەن ئېكرانغا يېزىپ بولۇشى كېرەك ئىدى. ماتېماتىكىدىكى مىساللارنىڭ مۇرەككەپلىگى، مۇزىكا، سىياسىي، ئۆسۈملۈك، تارىخ ...يەر شارىدىن ئاسمان جىسىملىرىغىچە. بىرىگىمۇ ئەقلىم يەتمىدى. ئەمما ئاخىرىغىچە كۆردۈم. باھالىغۇچىلار ياپونلۇق ۋە چەت-ئەللىك ئالىملار ئىدى. ئۇلارمۇ ھەيران قالدى. ئارتىس ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى نەق مەيدان قاتناشقۇچىلىرىمۇ چۆچىگىنىدىن بىر-بىرىگە خۇدۈكسىرەپ قارايتتى.
ئالىملارنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولدىكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلاش ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كومپيۇتېردىن تېز ھەم توغرا بولۇپ، بۇ، كومپيۇتېر دۇنياسى ئۈچۈن بىر تەھدىت. ھەتتا مەلۇم مەنىدىن، ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈنمۇ بىر قورقۇنچ. دېدى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ماھىرلارنىڭ ئىچىدىن بىرى، مەن ھەرقانداق قىيىن مەسىلىنىمۇ 5 مىنۇت ئىچىدە ھەل قىلىمەن دېدى. يەنە بىرى، مەن بىر قېتىملا كۆرگەن ھەرقانداق نەرسىنى ئەستە ساقلىيالايمەن دېدى. ئەڭ ئاخىرى مەن ھەر كۈنى بىر سائەتلا كىتاب كۆرىمەن دېگەن 18 ياشلىق ئەڭ ياش ماھىر چېمپىيون بولدى. شۇ مۇسابىقىدىكى سوئاللارنىڭ سالمىغىنى ئويلىسام ھازىرمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. مانا بۇ ئەقىل. قوغۇن دىيەلمەيدىغانلارنىڭ ئەقلى. ئەقىلدىن يېتىلدۈرگەن ئەقىل. كىچىك- كىچىكىدىن چېنىقتۇرغان ئەقىل! ئەمدى سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەلى مۇئەللىم ئەقىللىقمۇ ياكى بىر كۈندە بىر سائەتلا كىتاب كۆرىدىغان ئالى مەكتەپنىڭ بۇ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسىمۇ ؟ « ئۆزۈڭنى ئەر بىلسەڭ، ئۆزگىنى شىر بىل» نېمە دېگەن چىرايلىق ئېيتىلغان!
دۇنيادا ھېچقانداق ئەقىللىق، ئۇلۇغ مىللەت يوق. پەقەت شۇ مىللەت ئىچىدە ئەقىللىق، ئۇلۇغ ئادەملەرلا بار.
ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە خانىم مۇنازىرىسىگە قاتناشقۇچىلار ۋە قىزىققۇچىلارغا. بۇ ھەقتە بېرىلگەن كۆز-قاراش، تالاش-تارتىشلارنىڭ كۆپلىگى ۋە جىددىيلىگىنى مۇنبەرلەردىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇ ھەقتە ئابىدە خانىمدەك ئەتراپلىق، چىرايلىق، سىستېمىلىق خۇلاسە چىقارغانلارمۇ، سۆز ئەركىنلىكىم بار دەپ، ئۆزىنى تۆكۈۋالغانلارمۇ بولدى. زىۋىدە خانىم ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك ئىلمى ۋە نەزەرىيەۋى خاتالىقلارنىڭ جاۋاب بېرىشكە قۇربى يەتمىگەن قىسىملىرىدىن يانداپ ۋە ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق دەپ قارىغان، ئالىم بىلەن مۇئەللىم سېلىشتۇرمىسىنى كۈچىنىڭ بېرىچە كۆپتۈرۈپ، ھاياجانلانغان قېنى قىزىق ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. بىراق ئۇلار شۇ ھاياجانلىرى، ئۆز قەھرىمانى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان شۇ پىداكارلىقى بىلەن سۆيۈملۈك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇلارنىڭ يېشىدىكى بىز بولساق دېمەسمىدۇق؟ ئۇرغۇماسمىدۇق؟ شۈكرى، بىخۇدلۇق، بىپەرۋالىق ئەۋلادلىرىمىزنى تېخى تامامەن يىقىتالماپتۇ. بىلىمگە، بىلىملىكلەرگە ئىنتىلىدىكەن. ئۈمىد، ئىشەنچ ئىزدەيدىكەن.
بىراق ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئەلى قۇرباننى شۇنچىلىك چوڭ بىلىدۇ؟ ئۇنى پۈتۈن خاتالىق، كەمچىلىكلىرى بىلەن قوشۇپ قوغدايدۇ؟ كونىلار«بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ» دەيدىكەن. ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ زىدىيەتلىك، ئەڭ زىل بىر دەۋردە ياشاۋاتقان گۆدەكلىرىمىز جاۋاب تېپىش مۇمكىن بولمىغان ئاجايىپ سوئاللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھەل قىلالماي گاڭگىراۋاتىدۇ. يول تاپالماي چۈشكۈنلىشۈۋاتىدۇ. كىمگە ئىشىنىشنى، كىمگە يۆلۈنىشنى، كىمدىن مەدەت تېلەشنى بىلمەي ئازاپلىنىۋاتىدۇ...ئەلى قۇربان دەل مۇشۇ ئېغىر پەيتتە ئۇلارغا قولىنى سۇندى. مەيلى قانداق مەقسەتتە بولسۇن، ھىچقايسىمىز ئويلاشمىغان، ھىچقايسىمىز بېجىرەلمىگەن بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ قاغجىرىغان قەلبىگە خۇددى شىپالىق يامغۇر سۈيىدەك ئېقىپ كىردى. قېنى بۇنۇڭغا كىم ياق، دېيەلەيدۇ؟! ئەلى قۇربان ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. نەتىجىدە ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بىزچۇ؟ نېنىمىز تەييار، ››چىيىمىز‹‹ مول، ئەلى قۇرباندەك يۇرتمۇ-يۇرت لېكسىيە سۆزلەپ، جاپا تارتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.كۆز ئالدىمىزدىكى پۈتۈن قاراڭغۇلۇق، ۋەيرانچىلىق، بەرباتلىقلارنى كۆرمەسكە سېلىپ، راھەت، تىنچ ھاياتىمىزنى ياشىساقلا كۇپايە. دېمەككى، بىز ئاللىقاچان ئۆزۈمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ھاياتتا بىزگە ئېھتىياجى بارلارنى، بىز ئەيپلەۋاتقان خاراب مىللەتنىڭ خاراب بولۇشىدا ئۆزۈمىزنىڭمۇ يېتەرلىك جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئاقىۋەت ئۇلارمۇ بىزنى ئۇنتۇدى. ئېتىراپ قىلمىدى. خاتا سۆزلىسىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئەلى مۇئەللىمنى، بىلىپ تۇرۇپ نەپ بەرمىگەن بىزدىن ئەلا بىلدى. شۇنداق ئەمەسمۇ زىۋىدە خانىم؟ شۇنداق ئەمەسمۇ مەن؟ شۇنداق ئەمەسمۇ بارلىق ئالىم، زىيالىيلار؟ شۇنداق ئەمەسمۇ مىللەت دەپ، مەيدىسىگە چېكىدىغان نوچىلار!!!
راستىنى ئېيتسام، مىسرانىم مۇنبىرى ئورۇنلاشتۇرغان <ئەلى قۇربان بىلەن بولغان سۆھبەت>نى كۆرگەندىن كېيىن، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى مېنى چۆچۈتكەن، ئەمما ئۈمىدىمنى يۇيىۋېتەلمىگەن ئىدى. بىراق بۇ قېتىم بۇ << ئاچچىق دەرەخ>>كە ناھايىتى ئېچىندىم. ئۇنىڭدا كۆرۈلىۋاتقىنى خاتالىقمۇ ياكى كېسەللىكمۇ دەپ گۇمانلاندىم. ئۇ ھېچكىمنىڭ مۇنازىرىسىنى، تەنقىدىنى قوبۇل قىلمىدى. بىراق، شۇ››ئاچچىق دەرەخ‹‹ ھېكايىسى بىلەن ئۆزىنى-ئۆزى ئىنكار قىلدى. ئۆزىنى-ئۆزى جازالىدى. ئۇنۇڭ بۇ ئېتىرازىدىن كېيىن، ئىلگىرى ئۇنى قوللىغان، ھۆرمەتلىگەن نۇرغۇن ياشلارنىڭمۇ باشقىچە مەيداندا پىكىر يوللىغىنىنى كۆردۈم. تولىمۇ ئەپسۇس. ئەلى قۇربان ئۆزىگە چوقۇنۇش، ئۆزىنى ئۇلۇغلاش كېسىلىنىڭ قۇربانى بولدى. ئۆزى ئۈچۈن سۆزلىگەنلەرنىڭ تىلىنى كۆيدۈردى. ئۈمۈدلەنگەنلەرنىڭ ئۈمىدىنى كەستى. بىلىپ تۇرۇپتىمىزكى، ئۇنۇڭ بىلەن يەنە مۇنازىرىلىشىشنىڭ، مۇنبەرلەرنى ئاۋارە قىلىشنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
ئەمدى ئەلى قۇربان شۇ ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇنازىرىلەشسۇن. ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى يېڭىپ چىقسۇن. مەن بۇ كۈننىڭ كېلىشىنى راستتىنلا ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنى كۈتۈۋاتقانلار، ئۇنىڭغا مۇھتاجلار بار دەپ ئويلايمەن.
ئەلى قۇرباننىڭ پوزىتسىيەسىدىن غەزەپلەنگەن، يامان كۆرگەنلىرىمىزمۇ ئۇنتۇپ كېتەيلى. ھازىر بىزنىڭ شەخسى ئاداۋەتنى، كۆڭۈل ئاغرىغىنى ئويلىشىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس. ياشلىرىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بىزدىن نېمە كۈتۈۋاتقىنىنى بىلدۇق. ئەلى قۇربان سوتلىنىپ بولدى. ئەمدى ئىختىلاپنى توختىتايلى. تىل ئۇرۇشى، قەلەم كۈرىشى بىلەن ئەمەس ئەمەلىي ئىشىمىز بىلەن رىقابەتلىشەيلى. يېقىندا تورلاردىن، ھەقسىز پىسخىكا مەسلىھەت ئورۇنلىرى قۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. ھەر كىم قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلسا. نېمە بىلسە شۇنى ئۆگەتسە. زىۋىدە خانىمدەك ئالىملار، تەجرىبىلىك مائارىپچىلار مائارىپ ۋە پىسخىكا مەسلىھەت ئورۇنلىرىنى قۇرسا. ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ھەممىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان جامائەت ئەرباپلىرىمىزمۇ يۇقىرى نەزەرلىرىدىن، ئالدىراش ۋاقىتلىرىدىن ھالقىپ لېكسىيەلەر بەرسە. يەنە قانچىلىغان ئازغۇنلارغا يول، ئۈمۈدسىزلەرگە ئۈمىد. مەيۈسلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلماسمۇ؟
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى شەرىقى ياپونىيەدە يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەشتىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. بۇ تۆلۈگۈسىز ئېغىر زىياننى ياپونىيە قانداق ئەسلىگە كەلتۈردى؟ ھەممىنى دۆلەت مەبلىغى بىلەن تولۇقلىسا دۆلەت قەرزگە بۇغۇلمامدۇ؟ ئۇلى تەۋرەپلا قالغان بۇ دۆلەتنى شۇ چىداملىق، غۇرۇرلۇق ياپون خەلقى قۇتقۇزدى. ھەر بىر ياپونلۇق ئۆزلۈكىدىن قوزغالدى. مەن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن، نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. چوڭ-كىچىك، باي-نامرات ھېچكىم باش تارتمىدى. نەتىجىدە، يېشىنى ياتقا كۆرسەتمەستىن بۇ ئېغىر قىيامەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ( بۇ ھەقتە ھازىر ئىشلەۋاتقان< ياپونلار ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار> ناملىق يازمامدا ئايرىم توختىلىمەن.)
مەن نېمە قىلىشىم كېرەك، نېمە قىلالايمەن؟ ناۋادا مۇشۇ روھ ئۇيغۇرغىمۇ كۆچسىدى. تامچە سۇدىن كۆل بولىدىغان ئۆملۈكنىڭ خاسىيىتىنى ، مىللەتنى قۇتقۇزۇش پۈتۈن مىللەت ئەزاسىنىڭ قەرزى ھەم پەرىزى ئىكەنلىكىنى بىلسىدى. بىزمۇ ياپونلۇقتەك يىقىلغان يەردىن تۇرالايتتۇق.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى. ياپونىيە.
تەھرىر قېرىنداشلارغا:
كومپيۇتېردىكى ئۇيغۇرچە سىستېما ياخشى ئىشلىمەي، قۇر ئۇزۇن-قىسقا بولۇۋالىدىغان، ئەسەر ۋە ئەقلىيە سۆزلەرگە قوللۇنىدىغان بەلگىلەر تولۇق تېپىلماي، ئۆلچەملىك بەلگە ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالدى. تۈزىتىش جەريانىدا سىلەرگە ئاۋارىچىلىك سالىدىغان بولدۇم. كەچۈرگەيسىلەر! ئەگەر يازمىدا ئۆزگەرتىشكە، قىسقارتىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان جايلىرى بولسا، ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن مېنىڭ خەۋىرىم بولسىكەن!
رەھمەت،. ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ روناق تاپسۇن!
ئادىلە ئىسمائىل
|
|