- تىزىملاتقان
- 2012-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6347
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
  26.94%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apandim111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 22:35
ياشانغاندا بىقىلىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن ،ئىشچى-خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىنى ئۆزى تاپشۇرۇشنى ئۈستىگە ئالامدۇياكى دۆلەت ۋەشەخىس تەڭ ئۈستىگە ئالامدۇ؟ 2000-يىلدىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان مەمۇرى ۋە كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان مۇقۇم شىتاتلىق ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ پىنسىيە مائاشىنى دۆلەت مالىيەسى ئۈستىگە ئىلىشنى ،2000-يىلدىن كىيىن خىزمەتكە قاتناشقان ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ پىنسىيە مائاشىنى ياشانغاندا بىقىلىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولغا قويۇلغان.ناۋادا 2000-يىلدىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان،خىزمەت ئىستاژى 20يىلدىن30 يىلغىچە بولغان ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا بىقىلىش سۇغۇرتا ھەققنى،يەنى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىركى (10،-30 يىللىق ) ياشانغاندا بىقىلىش سۇغۇرتا سوممىسنى دۆلەت تولۇقلاپ تاپشۇرامدۇ ياكى شەخىس ئۈستىگە ئالامدۇ؟ۋەياكى دۆلەت بۇنى كىيىنگە قالدۇرۇپ،سۈكۈت قىلىپ تۇرۋالامدۇ؟ياشانغاندا بىقىلىش سوممىسىنى تاپشۇرۇش تۈزۈمى بويىچە شەخىس ئازدىگەندە 15 يىللىق سۇغۇرتا ھەققنى تاپشۇرۇشى كېرەك.ئۇنداقتا 20 يىلدىن ئوشۇق خىزمەت ئىستاژىغا ئىگە خىزمەتچى ،يەنە ئازدىگەندە 15 يىل خىزمەت ئىشلەپ،ئاندىن كىيىن پىنسىيەگە چىقىشى كېرەك.( ياشانغا بىقىلىش سۇغۇرتىسى پىرىنسىپى بويىچە ئاز تاپشۇرسا، پىنسىيە سوممىسى ئاز بولىدۇ.جىق تاپشۇرسا پىنسىيە سوممىسى جىق بولىدۇ)ئۇنداقتا 2000-يىلدىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان نۇرغۇن خىزمەتچى زىيان تارتامدۇ قانداق؟.دۆلەتنىڭ ئاۋال پىنسىيە يېشنى ئۇزارتىشنى يولغا قويۇشى ئاندىن ياشانغاندا بىقىلىش سۇغۇرتا تاپشۇرۇش تۈزۈمنى <<ئىسلاھاتىنى >>يولغا قويۇشى بىكار ئەمەسمۇ قانداق؟ |
|