قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1462|ئىنكاس: 33

ھونلارنىڭ باش كۆتىرىشى ۋە ئاتتىلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

892

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   78.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 17:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ھۇنلارنىڭ باش كۆتىرىشىدىن مۇقەددەس ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە يوقۇلىشىغىچە
«ھۇن» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھازىرغىچە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى شامان دىنىدىكى كۆك تەڭرى ئېتىقادچىلىقىنىڭ ئاساسى بولغا «كۈن» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر «كۈچ-قۇۋۋەت» دېگەن مەنىدىكى «قۇن» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ. «ھۇن» سۆزى توغرىسىدا مەيلى قانداق قاراشلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن قەتتىئىينەزەر، ئۇ ناھايتى يىراق زامانلاردىن بېرى ئاسىيا يايلاقلىرىدا باش كۆتىرىپ، ئۆزىنىڭ سەلتەنىتى ھەم سۈر-ھەيۋىسى بىلەن ئەتىراپقا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ھەم ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت تىپى ۋە ئۇرۇش قىلىش سەنىئىتىنى ياراتقان بىر قەۋمنىڭ نامى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقتە ھىنگان تاغلىرىدىن غەربتە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، ھەتتا، قارا دېڭىز بويلىرىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبتا خۇاڭخې ۋادىسى ۋە كۇئېيلۇن تېغى ئېتەكلىرىگىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىن باشلاپ ھۇنلار تېخىمۇ قۇدىرەتلىك سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەڭداشسىز قۇدىرەتلىك ھالغا كىرگەن. باتۇر تەڭرىقۇت 400 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ھەم خىللانغان جەڭگىۋار ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ، بىرقانچە ئون يىل ھەربى يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق ئەتىراپىدىكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى ئۆز بايرىقى ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇدىرەتلىك ھۇن ئىمپېريىسىنى قۇرىغان. زېمىنى شەرقتە كۆرىيەگە، شىمالدا بايقال كۆلى، ئوب، ئېرتىش دەريالىرى ۋادىلىرىغا، غەربتە ئارال كۆلىگە، جەنۇبتا ۋېيخې دەرياسى، تىبەت ئېگىزلىكى (چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى) ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە كېڭەيگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى يۈز بەرگەن بەيدىڭ مۇھاسىرىسىدىن كېيىن ئەينى دەۋردىكى دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان خەن سۇلالىسى ھۇن ئىمپېريىسىگە قارام بولۇپ، ھەر يىلى كۆپ مىقداردا سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. باتۇرنىڭ ئورنىغا تەڭرىقۇت بولغان كۆك تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇنقى 166-يىلى زور قوشۇن تارتىپ خەن سۇلالىسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، پايتەخت چاڭئەندىكى پادىشاھ سارىيىنى كۆيدۈرىۋەتكەن.

خەن ۋۇدى دەۋرىدە خەن سۇلالىسى ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى ھۇن ئۇسلۇبىدا تەشكىللەپ، ھۇن قۇراللىرى بىلەن قۇراللاندۇرغان ھەم مىلادىدىن بۇرۇنقى 127- ۋە 115-يىلى ئىككى قېتىم ئۇلارغا ۋېي چىڭ، خۇ چىبىڭلارنى قوماندان قىلىپ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئۇرۇشتا ھۇنلار ئېغىر مەغلۇب بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھۇنلار ئۆزىنىڭ قۇدىرەتلىك ھالىتىدىن مەھرۇم قالغان ۋە تەدرىجى ئاجىزلاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 56-يىلغا كەلگەندە مالىيەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلىش، ئەتىراپىدىكى بويسۇندۇرۇلغان ئەل ۋە قەبىلىلەرنىڭ بىرلىشىپ قارىشى، چىقىشى خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ھەم قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە بېقىندىلىق بىلدۈرىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى بىر پۈتۈن ھۇن ئىمپېريىسى بىرىنچى قېتىم جەنۇبىي ھۇن ۋە شىمالىي ھۇندىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قوغۇشار تەڭرىقۇت مىلادىدىن بۇرۇنقى 52-يىلى ئۆز ئىنىسى چىچى تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇب بولۇپ، شەرقىي ھۇنلارنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان ھەم خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز ئىنىسى چىچى تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە چىچى تەڭرىقۇت شىمالىي ھۇنلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى تالاس دەرياسى (ھازىرقى قىزغىزىستاندا) بويىدا ئۆزىنىڭ ھاكىميىتىنى قايتا تىكلىگەن. بىراق مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تالاس دەرياسى ۋادىسىغىچە ھۇجۇم قىلىپ، سەمەرقەنتتە چىچى تەڭرىقۇتنى ئېغىر مەغلۇب قىلغان ھەم ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ  بىلەن شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى يوقالغان. جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ قوغۇشار تەڭرىقۇتتىن باشلانغان خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى 70 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇلار خەن سۇلالىسىگە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ، ھۇن ئىمپېريىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، شەرقتە مانجۇريىدىن غەربتە قەشقەريىگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان. بىراق، ئۇزۇنغا بارماي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يەنە زىددىيەت كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدە قۇرغاقچىلىق ھەم چېكەتكە ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىلادى 48-يىلى ھۇن ئىمپېريىسى قايتىدىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ھۇندىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى بۆلۈنىشى تارىخىي خارەكتېرلىك ھەم ئومومىيۈزلۈك بولغاچقا، بىر پۈتۈن ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ بۆلۈنىشى دەپ مۇشۇ قېتىمقى بۆلۈنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ھۇنلار بۇ قېتىم ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن يەنە ئىلگىركىگە ئوخشاشلا جەنۇبىي ھۇنلار  
خەن سۇلالىسىگە بېقىنغان ھەم ئۇلار  بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە مىلادى 89-يىلى شىمالىي ھۇنلارنىڭ كۆپ قىسىمى غەربكە كۆچۈپ، چىچى تەڭرىقۇت دەۋرىدە يەتتە سۇ تەۋەسىگە كەلگەن ھۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدە غەربىي ھۇن ئىمپېريىسىنى تەشكىل قىلغان. جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بەزىدە مۇستەقىل ھالدا، بەزىدە خەن سۇلالىسىگە قارام ھالدا داۋاملىشىپ، مىلادى 216-يىلغا كەلگەندە خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.

2. ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ
قۇرۇلىشى ھەم كېڭەيمىچىلىكى
مىلادى 350-يىلى شىمالىي ھۇنلار قازاقىستان دالىسىدىن ھەيۋەت بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلغان ھەم ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، مىلادى 370-يىلغا كەلگەندە ئاناتولىيەگە يېتىپ بارغان. مىلادى 374-يىلغا كەلگەندە، مىلادى 372-يىلى شىمالىي ھۇنلار تەختىگە چىققان بالامىرنىڭ (باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئون بەشىنچى نەۋرىسى) يېتەكچىلىكىدە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغىچە بارغان. ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى ناھايتى ھەيۋەتلىك ۋە قورقۇنچلىق بولغاچقا ئۇلار يېتىپ بارغان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بالامىر ھاكىمىيەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېتىشكەن سىياسىيۇن، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن جەسۇر ۋە ماھىر قوماندان بولغاچقا، تۇيۇقسىز ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ۋە ھۇن ئاتلىق قوشۇنىنىڭ غايەت زور ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ناھايتى تېزلا قارا دېڭىز ئەتىراپىدىكى شەرقىي گۇتلار (شەرقىي گېرمان قەبىلىلىرى) ۋە ئىران قەبىلىلىرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرغان ھەم شۇ ئارقىلىق مىلادى 375-يىلى جەنۇبىي روسىيە تۇپراقلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ، تەدرىجى ھالدا ئەتىراپقا كېڭەيگەن. بالامىر شۇ يىلى يەنە غەربىي گۇتلار (غەربىي گېرمان قەبىلىلىرى) ئۈستىگىمۇ يۈرۈش قىلىپ، ئۇلارنىمۇ ئېغىر مەغلۇپ قىلغان ھەم زېمىنى ئىتىل (ۋولگا) دەرياسىدىن دوناي دەرياسىغىچە سوزۇلغان ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنى قۇرىغان. مىلادى 378-يىلى بالامىر باشچىلىقىدىكى ھۇن ئاتلىق قوشۇنى دۇناي دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھۇنگىر تۈزلەڭلىكىگىچە (رۇسچە تەلەپپۇزىدا ھازىرقى ۋېنەىريە تۈزلەڭلىكى) باستۇرۇپ بېرىپ، رىم ئىمپېريىسىگە قاتتىق تەھدىت سالغان. مىلادى 395-يىلى رىم ئىمپېريىسى ئىچكى قىسىمىدا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىپ، شەرقىي رىم ۋە غەربىي رىم ئىمپېريىسىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىپ كەتكەن. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى كونىستانتىنىپول(ئىستانبۇل)نى، غەربىي رىم ئىمپېريىسى رىم شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. رىم ئىمپېريىسىنىڭ پارچىلانغانلىقىدىن پايدىلانغان ھۇن ئاتلىق قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ رىم ئىمپېريىسىگە يۈرۈش قىلغان ھەم ھەر ئىككى سەپتە زور غەلىبىلەرنى قولغا كالتۈرگەن. مىلادى 400-يىلى بالامىرنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان يىلدىز غەربىي رىمغا يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر غەربىي رىم ئىمپېريىسى چېگرىسى ئىچىگە بېسىپ كىرگەن ھەم راداگاس باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم گېرمان قەبىلىلىرى رىمغا بېسىپ كىرىپ، بۇ شەھەرنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە غەربىي رىم ئىمپېريىسى ئۆزلىرى ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ كېلىۋاتقان ھۇنلاردىن ئۆزلىرىگە شەپقەت قىلىپ ياردەم بېرىپ، رىم شەھىرىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈنگەن ھەم بۇنىڭ بەدىلىگە ھۇنلارغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى كۈچلۈك بولغان ھۇنلار قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان رىم شەھىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا قوشۇلۇپ، مىلادى 406-يىلى رادىگاس باشچىلىقىدىكى گېرمان قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىشىنى توسۇپ قېلىپ، غەربىي رىم ئىمپېريىسىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان. مىلادى 409-يىلى يىلدىز باشچىلىقىدىكى ھۇن قوشۇنلىرى شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە تەھدىت سالغان. مىلادى 410-يىلى يىلدىز ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ ۋاقىتتا ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ زېمىنى شەرقتە بالقاش كۆلىگىچە يېتىپ بارغان. ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ تەختىگە يىلدىزدىن كېيىن قاراتون، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇگا تەختكە چىققان. رۇگا مىلادى 422-يىلى تەختكە چىيقىپلا شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي رىمنىڭ بالقاندىكى ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەپقەت قىلىشىنى تىلەپ، ھۇنلارنىڭ ئېغىر شەرتلىرىگە ماقۇل بولۇپ، تېنچلىق كېلىشىمى ئورناتقان.

3. ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىدە ئاتتىلا  
ئاتتىلا مىلادى 400-يىلى ئېتىل دەرياسى بويىدا ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ئىمپېراتۇر جەمەتىدە تۇغۇلغان ھەم تاغىسى رۇگانىڭ(ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ 422-يىلى تەختكە چىققان ئىمپېراتۇرى) قېشىدا چوڭ بولغان. ئۇ ئېتىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇغۇلغاچقا ئۇنىڭغا شۇ دەريانىڭ نامى بويىچە ئاتتىلا (چوڭ دەريا، بۈيۈك دەريا، ئۇلۇغ ئېقىن دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئاتتىلا كىچىكىدىن تارتىپ ناھايتى ئەقىللىق، ھۇشيار، باتۇر ھەم جاسارەتلىك بولغاچقا رۇگا ئۇنى دائىم ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرگەن ھەم نۇرغۇنلىغان جەڭلەرگە ئېلىپ كىرىپ چېنىقتۇرغان، ھەربىي ماھارەتلەرنى ئۆگەتكەن، ھۇنلارنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىنى ئىگىلەتكەن. ئاتتىلا يەنە بىر مەزگىل رىم ئىمپېريىسىدە ەۆرەدە تۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا رىم ئىمپېريىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى ھەم ئاجىزلىقلىرى بىلەنمۇ ياخشى تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.  

مىلادى 434-يىلى رۇگا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتتىلا بىلەن ئاكىسى بىلەدا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ تەختىگە چىققان. ئاتتىلا بىلەن بىلەدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، بىلەدا ھاكىميەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي، بارلىق ئىشلارنى ئاتتىلاغا تاشلاپ قويۇپ، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەن ھەم ئۆزى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك شەھەر-قەسىرلەرنى بىنا قىلغان (ھازىرقى ۋېنگىريىنىڭ پايتەختى بۇداپېشت ئەنە شۇ بۇدانىڭ نامىغا ئاتالغان). بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاتتىلا مىلادى 445-يىلى ئاكىسى بىلەدانى ئۆلتۈرۈپ، تەختنى يالغۇز ئىگىلىگەن.  

مىلادى 434-يىلى ئاتتىلا يېڭىدىن تەختكە چىققاندا پۇرسەتتىن پايدىلانغان شەرقىي رىم ئىمپېريىسى ھۇنلارنىڭ ھوزۇرىغا بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ھۇنلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باقماقچى ھەم ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىكى باشقۇرۇشىنى بوشاشتۇرماقچى بولغان. بىراق، ئاتتىلا ئۇلارغا تاغىسى رۇگادىنمۇ قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئاتنىڭ ئۈستىدىلا كۈتىۋالغان ھەم ئىلگىركىدىنمۇ قاتتىق شەرتلەرنى قويغان. شەرقىي رىم ئەلچىلىرى ئۇنىڭ شىرتلىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ كېلىشىم تارىختا «مارگۇس كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن «مارگۇس كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ قاتتىق دەككىسىنى بەرگەن ھەم ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغاندىن كېيىن، ئاتتىلا مەركىزىي ھاكىميەتنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىشنى مەقسەد قىلىپ، ئىمپېريىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان ھەم بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئاسىي مىللەتلەرنىڭ ئىسيانلىرىنى باستۇرغان. ئىمپېريە زېمىنىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ سانى 45 كە يەتكەن.  

شەرقىي رىم ئىمپېريىسىنىڭ پادىشاھسى تىئۇدورۇسⅡ كېيىنچە «مارگۇس كېلىشىمى»گە خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مارگۇس ئېپىسكوپى ھۇنلارنىڭ بىر قەبرىستانلىقى ئېچىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ھۇنلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەت قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىلادى 440-يىلى ئاتتىلا شەرقىي رىم ئىمپېريىسىگە جازا يۈرىشى قىلىشنى جاكارلىغان ھەم مىلادى 441-يىلى سابىق يۇگۇسلاۋىيەنىڭ پايتەختى بېلگىراد شەھىرىدىن ئاتلىنىپ ئۇدۇل پايتەخت كونىستانتىنىپولغا قىستاپ كەلگەن. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە غەربىي رىم ئىمپېريىسى ئارىغا چۈشۈپ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى «مارگۇس كېلىشىمى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن. ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ قولىدىن دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلەرنى تارتىۋالغان ھەم شەرقىي رىمنى بۇ رايونلارغا قۇرىغان بارلىق ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان. مىلادى 442-يىلى ئاتتىلا باشچىلىقىدىكى ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرى گىلىپولىدا شەرقىي رىم قوشۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 443-يىلى ئىككى تەرپ يەن بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بۇ قېتىم ئىلگىركىدىنمۇ ئېغىر شەرتلەرگە ماقۇل بولغان. چۈنكى شەرقىي رىم ئىمپېريىسىدە ئاتتىلاغا قارىشى چىقالىغۇدەك كۈچ-مادار قەتتىئىي يوق ئىدى. مىلادى 447-يىلى شەرقىي رىم ئىمپېريىسى تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ھۇنلارغا تاپشۇرىدىغان ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. بۇنى باھانە قىلغان ئاتتىلا شەرقىي رىم ئۈستىگە يەنە بىر قېتىم يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ بالقاندىكى 70تىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك شەھىرىنى بېسىۋالغان ھەم پايتەخت كونىستانتىنىپولنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالغان. بۇ قېتىم ئەگەر ئاتتىلا  بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرسە كونىستانتىنىپولدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، شەرقىي رىم تولوق يوقالغان بولاتتى. ئەمما بۇ قېتىممۇ ئاتتىلا شەرقىي رىمنىڭ تېنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شەرتنى يەنە بىر ھەسسە ئېغىرلاشتۇرغان ھەم دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن بەش كۈنلۈك مۇساپە كېلىدىغان بىر پارچە زېمىننى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغان، ئەمما، كونىستانتىنىپولغا باستۇرۇپ كىرمىگەن. نەتىجىدە، شەرقىي رىم ئىمپېريىسى يەنە بىر قېتىم يوقۇلۇپ كېتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. مىلادى 450-يىلى تىئۇدورۇسⅡ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان شەرقىي رىم ئىمپېراتۇرى ماركىنوس ئاتتىلانىڭ ئېغىر شەرتلىرىنى ئادا قىلىش ئورنىغا ھۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاتتىلا شەرقىي رىمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئۈچۈن شەرقىي رىمگە يۈرۈش قىلشىقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، شەرقىي رىمنى چوڭ سۆزلەتكەن كۈچنىڭ ئەمىلىيەتتە غەربىي رىم ئىمپېريىسى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالغان ھەم شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن غەربىي رىم ئىمپېريىسىنىڭ ئۆزئارا ئىتىپاق تۈزىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن نىشاننى دەرھال غاربىي رىم ئىمپېريىسىگە قارىتىپ، شەرقىي رىم ئىمپېريىسى بىلەن كېيىن ھېسابلاشماقچى بولغان. شۇ سەۋەبتىن مىلادى 451-يىلى ئاتتىلا 200 مىڭ كىشىلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە ئاتلانغان. ھۇن ئاتلىق قوشۇنى دوناي دەرياسى ئەتىراپىدىكى غەربىي رىم شەھەرلىرى ۋە ھەربىي قورغانلىرىنى قاتتىق ۋەيران قىلىۋەتكەن ھەم بويسۇندۇرۇلغان جايلاردىكى گېرمان قەبىلىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىپ، قوشۇنىنىڭ سانىنى 500 مىڭگە يەتكۈزۈپ، بىۋاستە رىم شەھىرىگە قاراپ ئاتلانغان. ئۇ رىم شەھىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا ئەسكەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلەپ: «بىز يات مىللەتلەر ئۈستىگە ئۇرۇش قىلىپ كېتىۋاتىمىز. مىللىتىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك نامى ئۇلارنى قورقىتىپ تىترىتىدۇ. ئېھتىمال بىز ئۆلۈپ كېتىشىمىزمۇ مۈمكىن. لېكىن ئاسمان-زېمىننى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن ئىشىمىز مەڭگۈ ياشايدۇ. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.»  

شۇ يىلى 6-ئايدا ئاتتىلا باشچىلىقىدىكى 500 مىڭ كىشىلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنى بىلەن 600 مىڭ كىشىلىك غەربىي رىم قوشۇنى فىرانسىيەدىكى كاتالونىيە تۈزلەڭلىكىدە قانلىق ئۇرۇش قىلغان. ئۇرۇشتا غەربىي رىم قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇب بولۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدىن شەرمەندىلەرچە قاچقان. ھۇن قوشۇنلىرىدىنمۇ ئۆلۈم-يېتىم ناھايتى ئېغىر بولغاچقا، ئۇلار غەربىي رىم قوشۇنلىرىغا قوغلاپ زەربە  بەرمىگەن. مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمىئىي 300 مىڭ كىشى ئۆلگەن. سىنا دەرياسىنىڭ سۈيى ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈچە قانغا تولۇپ ئاققان. مىلادى 452-يىلى ئاتتىلا 100 مىڭ كىشىلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ غەربىي رىم ئۈستىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلانغان ھەم يول بويىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئۇدۇل رىم شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن. بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن غەربىي رىم ئىمپېريىسى خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي داھىسى پاپا لېئوⅠ باشچىلىقىدا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، سۈلھى تۈزۈشنى، ئاتتىلانىڭ ھەرقانداق شەرتلىرىگە كۆنىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاتتىلانىڭ يېنىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا رىمنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى، بۇ شەھەرنى ساقلاپ قېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. نەتىجىدە، ئاتتىلا ناھايتى ئېغىر شەرتلەر ۋە غەربىي رىمنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى پۈتۈن خىرىستىيان دۇنياسىغا ئېتىراپ قىلغۇزىشتەك روھىي ھاقارەت بىلەن غەربىي رىم بىلەن يارىشىشقا قوشۇلغان. غەربىي رىم ئىمپېريىسى كېلىشىم ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقالپ قالغان.

ئاتتىلا غەربىر رىم ئىمپېريىسىنى ئېغىر مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، مىلادى 453-يىلى ئىرانغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان. ئەپسۇسكى ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزى ئارزۇلاپ ئۆيلەنگەن غەربىي رىم مەلىكىسى تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزى ناھايتى داغدۇغا بىلەن چۈشۈرۈلگەن ھەم جەسىتى ھۇنلارنىڭ قەدىمىي ئۆرۈپ ئادىتى بويىچە ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈردىن ياسالغان ئۈچ قات ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ، دوناي دەرياسىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ سۈيى توختۇتىلىپ، دەريانىڭ تېگىگە كۆمۈلگەن.

ئاتتىلانىڭ چوڭ خانىشىدىن ئىلەك، دەنگىزىك ۋە ئىرنەك ئاتلىق ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئاتتىلا ھايات ۋاقتىدا ئاۋۋال ھۇنلارنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ ئوغلى ئىلەكنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەن ھەم كېيىن پالچىلارنىڭ سالغان پېلىغا ئاساسەن ئىلەكنى تەخت ۋارسلىقىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىرنەكنى تەخت ۋارىسى قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، مىلادى 453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغان. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان بىر قىسىم قارام مىللەتلەرمۇ ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەخت تالىشىش زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ ھۇنلارغا قارىشى ئىسىيان كۆتەرگەن. مۇشۇنداق مۇرەككەپ ھەم ھالقىلىق ۋەزىيەتتە ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەك ھۇنلارنىڭ تەختىگە چىقتى. بىراق ئۇ مىلادى 454-يىلى گىپىدلارنىڭ ھۇنلارغا قارىشى ئىسىيانىنى باستۇرۇش كۈرىشىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنىسى دەنگىزىك چىققان بولسىمۇ، ئۇ ئۇرۇش قىلىشتا ناھايتى جەسۇر بولغىنى بىلەن، سىياسىي ئىشلاردا قابىليىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاچقا داۋالغۇپ تۇرغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالمىدى. ئۇ ئىمپېريىنىڭ بىيرلىكىنى ساقلاپ، ئومومىي ۋەزىيتىنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن شەرقىي ەۇتلار بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن رىم ئىمپېريىسى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى ھەم مىلادى 469-يىلى شەرقىي رىم بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلدى. دەنگىزىكنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىر پۈتۈن ئىمپېريە پارچىلىنىپ، ھۇنلارنىڭ بىر قىسىمى غەربىي رىم ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلدى، يەنە بىر قىسىمى ئىرنەكنىڭ باشچىلىقىدا شىمالىغا كەتتى.  

شۇنداق قىلىپ، 374-يىلى بالامىر تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، بىر ئەسىرگە يېقىن پۈتۈن ياۋروپانى ۋەھىمىگە سالغان ھەم ياۋروپا ۋەزىيتىنى كونتۇرۇل قىلىپ، مىڭ يىللىق ياۋروپا تارىخىنى قايتىدى ئۆزگەرتىپ چىققان ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى، بولۇپمۇ بىر پالچىنىڭ سۆزى سەۋەبىدىن مىلادى 469-يىلى پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.

4. كىشىلەر نەزىرىدىكى ئاتتىلا
ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياۋروپادا قۇرىغان تۇنجى قۇدىرەتلىك ھاكىميىتى بولۇپ، ئۇنى بالامىر قۇرىغان، يىلدىز ۋە رۇگا كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان. ئاتتىلا بولسا مىسلىسىز قۇدىرەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن. شۇڭا ياۋروپالىقلار بۇ ئىمپېريىنى «ئاتتىلا ئىمپېريىسى»، ئىمپېريە تەركىبىدىكى بارلىق ھۇنلارنى «ئاتتىلا ھۇنلىرى» دەپ ئاتىغان. ئاتتىلا دەۋرىدە ئىمپېريە زېمىنى شىمالدا بالتىق دېڭىزىدىن جەنۇبتا دوناي دەرياسىغىچە، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن شەرقتە بالقاش كۆلى، ھەتتا ئالتاي تاغلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەگە كېڭەيگەن دۇنياۋى ئىمپېريىگە ئايلانغان. ئوتتۇرىسىغا بېشىدا تاجىسى بار بۈركۈتنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئاق رەڭلىك چاسا يىپەك بايراق ئىشلىتىلگەن. ياۋروپا تۇپىرىقىدا ھۇنلارنىڭ تۇنجى قۇدىرەتلىك ئىمپېريىسىنىڭ قۇرىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا چىقىش يولى تاپالمىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ياۋروپاغا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشىگە ۋە ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ قۇدىرەتلىك ھاكىميەتلىرىنى قۇرىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى 900 يىل جەريانىدا ئوغۇر-ئوغۇزلار (ئۇيغۇرلار)، ھازارلار، ئاۋارلار، سابىرلار، پەچىنەكلەر، قىپچاقلار ۋە تۈركلەر ياۋروپاغا بېسىپ كىرىپ، ئون ئۇيغۇر-ھونۇغۇر خانلىقى (463-550)، ھازار خانلىقى (468-965)، ياۋروپا ئاۋار خانلىقى (565-835)، دوناي بولغار خانلىقى (584-1018)، ئىدىل بۇلغار خانلىقى (770-1400)، ۋېنگىر (ھۇنگىر) دۆلىتى (889-1526)، ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى (1298-1922) قاتارلىق بىرقاتار خانلىقلارنى قۇرۇپ، ياۋروپا تارىخ سەھنىسىدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان.

تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە، ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنى ئەڭ قۇدىرەتلىك ھالغا كەلتۈرگەن ئاتتىلا ئارانلا 53 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولۇپ، ئۇ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن، گۇناھقا تولغان خىرىستىيان دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، دەپ قارىلىپ، «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇ ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭلۈك، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھۇشيار، كۆتىرەڭگۈ روھلۇق، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى بولۇپ، ئۆزى ئېرىشىشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تايىنىپ قولغا كەلتۈرمەي قالمايتتى. شۇ سەۋەبتىن تارىخچىلار ئاتتىلانى چىڭگىزخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ دۇنياۋى ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىگە ئىگە ئۇلۇغ ئىمپېراتۇر، تەشكىلاتچى ۋە ھەربىي قوماندان، دەپ قارايدۇ.

ئاتتىلا تەختكە چىققان دەۋرلەردە ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق زەئىپلەشتۈرگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھالسىراتقان، ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئىلگىرىكى ھەيۋىسىدىن مەھرۇم قىلغان. نەتىجىدە ئىچكى-تاشقى بېسىمغا دۇچ كەلگەن غەربىي رىم ئىمپېريىسى مىلادى 476-يىلى ھالاك بولغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادا قۇللۇق تۈزۈم ئاخىرلىشىپ، فېئۇداللىق تۈزۈم ئورنىتىلىشقا باشلىغان.

ئاتتىالا ئۆز قوۋمى ئىچىدىمۇ كاتتا ئابىرويغا ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ، ياۋروپا ھۇنلىرى ئۇنى كىشىلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇ ھەقىقىي تەڭرىنى ئۆزى شۇ، دەپ قارايتتى. ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدا، ئۇ زالىم بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى، كىشىلىكتىن ئۈستۈن ئىقتىدارغا ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە دەپ قارالغان بىر كىشىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى سەۋەبىدىن قورقۇپ تىتىرەپ كېتەتتى. ھەتتا، ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەكمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ گەپ قىلالمايتتى. ئاتتىلا بىر ئۆمۈر بويسۇندۇرۇش كۈرەشلىرى ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىدارە قىلىش جەھەتتىن ناھايتى ئادىل ۋە ئادالەتنى ياقلىغۇچى ئىدى. ئۇ يالغۇز ئۆز قوۋمىغىلا ئەمەس، بەلكى، بويسۇندۇرۇلغان ئەل ۋە خەلقلەرگىمۇ، ھەتتا، ئۆز ھاكىميىتى بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەن ھاكىميەتلەرگىمۇ ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقلىرىگە ۋە قوشنا مەملىكەتلەرگىمۇ ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ھەتتا ئۇ باشقىلار ئۆزىگە سۈيقەست پىلانلىغاندىمۇ، ھەقىقىي گۇناھكار بىلەن شۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغان بىگۇناھ كىشىلەرنى ناھايتى ئېنىق ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، بۇنداق ئىش تارىختا ناھايتى ئاز كۆرىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئاتتىلانىڭ ناھايتى ئادىل كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئاتتىلانىڭ تارىخىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت چۈشەنچىسى ناھايتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ مىللەتنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىشىدە جەزمەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، مىللەتنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش، تەختنى مۇستەھكەم ساقلاش مەجبۇريىتى بولىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ تىئۇدورۇسⅡگە ئەۋەتكەن بىر پارچە مەكتۇبىدا: « تىئۇدورۇسⅡ ئەسلى ئۇلۇغ كىشىنىڭ ئوغلى، ئاتتىلامۇ ھەم شۇنداق. ئاتتىلا دادىسىنىڭ ئېسىل نەسەبىنى ساقلاپ ئۇنى قوغدىدى. تىئۇدورۇسⅡ بولسا، ئاتتىلاغا باج تاپشۇرۇدىغان قۇل سۈپىتىدە دادىسىدىن قالغان ئېسىل نەسلىنى يوقاتتى» دەپ يازغان.

ئاتتىلا ناھايتى بىلىملىك كىشى ئىدى ھەم مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى، بىلىملىك كىشىلەرنى ناھايتى قەدىرلەيتتى. ئۇ بىر بۈيۈك ئىستالىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى بويسۇندۇرغان ۋە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى ئىشغال قىلغان جايلاردىكى مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا ئۇ كۆپ قېتىم رىم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ، شەھەردە ناھايتى قىممەتلىك مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى بولغاچقا، شەھەرگە بېسىپ كىرمەي قايتىپ كەتكەن. ئۇ يەنە بىلىملىك كىشىلەرنى قەدىرلەيتتى. شۇڭا يېنىدا رىم، گېرمان قەۋملىرىدىن يېتىشىپ چىققان بىر تۈركۈم بىلىملىك كىشىلەرنى ساقلىغان ھەم ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ۋەزىر، قوماندان قاتارلىق ئالىي مەنسەپكە تەيىنلىگەن.

ئاتتىلا گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ئىمپېراتۇرى بولسىمۇ، تۇرمۇشتا ناھايتى ئاددىي-ساددا ئىدى. ھەشەمەتخورلۇقنى ياقتۇرمايتتى. چەتئەل ئەلچىلىرىنى كۈتىۋېلىشتەك چوڭ پائالىيەتلەردە باشقىلارغا ياغاچ تاۋاقتا ئەڭ ئېسىل غىزالارنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ياغاچ تاۋاقتا ئاددىي تاماق بىلەن غىزالىناتتى. ناھايتى ئاددىي، ئەمما، ناھايتى پاكىز كىيىنەتتى. ئۇنىڭ پاكىزلىقى ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. قۇرال-ياراق ۋە ئات-ئۇلاغ جابدۇقلىرىنىمۇ قەتتىئى زىننەتلىمەيتتى. ئەيش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇشنى ۋە ھەشەمەتچىلىكنى زادىلا ياقتۇرمايتتى. مەسىلىلەرگە جىددىي قارىغاچقا كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ھۇنلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىنى زوق بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايتتى. ئوۋ ئوۋلاش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ھەم بىر قېتىملىق ھەربىي مانۋېر ھېسابلىناتتى.

ئاتتىلا ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ئىمپېراتۇرلۇق ھاياتىدا ياۋروپا تارىخىغا ۋە ياۋروپا خەلقىنىڭ قەلبىگە غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولغاچقا، ياۋروپا خەلقى ئارىسىدا ئاتتىلا توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر پەيدا بولغان ۋە داستان، رومان ھەم تۈرلۈك سەھنە ئەسەرلىرى يېزىلغان. ئۇ ياۋروپالىقلارنىڭ قەلبىدە قەھرىمانلىقنىڭ ۋە ئىنسانىي بۈيۈكلۈكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىنى ياراتقان. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يەنە ئاتتىلانىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ھەم قەھرىمانلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم كىنولار ئىشلەنگەن. ئۇنىڭ بەزىلىرى يەنە ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرى بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشكەن. ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئاتتىلا» فىلىمىدا ئاتتىلا ۋە ھۇنلارنىڭ جەڭگىۋار ھەربىي يۈرۈشلىرى ھەم قانلىق ئۇرۇش پائالىيەتلىرىنى جانلىق ھەم چىن ئېچىپ بېرىشكە، ئۇرۇش كۆرۈنىشلىرىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. ياۋروپادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاتتىلاغا قارام بولۇش ئەھۋاللىرى ھەم ئاتتىلانىڭ يىتۈك قوماندانلىق سەنىتى ۋە جەڭ قىلىش ماھارىتىمۇ چەتتە قالدۇرۇلغان.  

5. ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ كېيىنكى تەسىرى
ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى ۋە ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ھالاك بولىشى ھۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ياۋروپا تارىخ سەنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى ياكى چېكىنگەنلىكى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى، ھۇنلار ۋە ئۇنىڭ قېرىداشلىرى بولغان ئوغۇر-ئوغۇزلار (ئۇيغۇرلار)، ھازارلار، ئاۋارلار، سابىرلار، پەچىنەكلەر، قىپچاقلار ۋە تۈركلەر ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمى ھەم ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ ھالاكىتىدىن كېيىنكى ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىپ، ياۋروپا تارىخ، مەدەنىيەت ھەم دۆلەتچىلىك سەھنىسىدە قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئون ئۇيغۇر-ھونۇغۇر خانلىقى (463-550)، ھازار خانلىقى (468-965)، ياۋروپا ئاۋار خانلىقى (565-835)، دوناي بولغار خانلىقى (584-1018)، ئىدىل بۇلغار خانلىقى (770-1400)، ۋېنگىر (ھۇنگىر) دۆلىتى (889-1526)، ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى (1298-1922) قاتارلىق بىرقاتار دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى ھەم بۈگۈنگىچە ۋېنگىريە (ھۇنگىريە)، بولغاريە ۋە تۈركىيە قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەت گەۋدىسى سۈپىتىدە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردە يەرلىك بىر ئېتىنىك گۇرۇپپا سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى.  

بۇلاردىن يەنە تۈركىيە ئوسمانلى ئىمپېريىسى 1298-يىلدىن 1922-يىغىچە بولغان 624 يىللىق تارىخ جەريانىدا دۇنيا تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي رىم ئىمپېريىسىنى يوقۇتۇپ (مىلادى 1453-يىلى)، ياۋروپا خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان 26 قېتىملىق ئەھلى سەلىپ (خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى ياكى كىرسىت قوشۇنى) يۈرىشىنى ئىزچىل تارمار قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېرۇسالىمنى دۇنيا خىرىستىيانلىرىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ھەم ئۇنىڭ ئېتىقاد تۈۋرۈكى بولغان ئىسلام دىنىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىش شىرىن چۈشىنى بەربات قىلىپ، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ پاسىبانى ھەم مەنىۋىي تۈۋرىكىگە ئايلاندى، يەنە شۇنداقلا 624 يىللىق ئىمپېريالىستىك مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق دۇنيا تارىخىدا رىم ئىمپېريىسىدىن قالسىلا ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئىككىنچى ئىمپېريە بولۇپ قالدى.  

ۋېگىريە بولسا 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گېرمانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئاۋىستىرو-ۋېنگىر ئىمپېريىسىنى قۇرۇپ، ئەينى دەۋرنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ھەم 1914-يىلى بالقاندىكى جەنۇبىي سىلاۋيانلارنىڭ بىر تارمىقى  بولغان بوسنىيە سېرىبلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ياۋروپا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خارەكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقتى ھەم شۇ ئارقىلىق، بىرىنچىدىن، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي ئىشلار خەرىتىسىنىڭ قايتىدىن سىزىپ چىقىلىشى ھەم دۇنيادىكى ئىمپېريالىستىك كۈچلەر مەقسىدىنىڭ يېڭىلىنىشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنياۋى كۈچلۈك ئىمپېريىلەرنىڭ بىرى بولغان چار روسىيە ئىمپېريىسىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە روسىيە پۇرۇلېتارلىرى كۈچىيىپ، دۇنيادىكى ماركىسىزم ئېدىلوگىيەسىنى ئاساس قىلغان تۇنجى سوتسىيالىستىك دۆلەت-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە سەۋەب بولدى. ئىككىنچىدىن، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا خارەكتېرلىك ۋەھىمىسى ھەم ياۋروپادىكى كۈچلۈك ھەربىي گۇرۇھلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەربى ھازىرلىقلار مۇسابىقى ۋە دۇنيادىكى ئىمپېريالىستىك كۈچلەر مەقسىدىنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە، 1- ۋە 2- قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ھەم كەسكىنلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېىنىكا ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولىشىنى ئىدىيۋى كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۈچۈنچىدىن، گېرمانىيە 1-دۇنيا ئۇرىشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇش جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان پىيادە ئەسكەر گىتلېر (ھىتلېر) گېرمانلارنىڭ ئار-نومۇسىنى ئاقلاشقا ئىرادە باغلاپ، گېرمانىيە تەختىگە چىقىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىدى ھەم دۇنيا ۋەزىيتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئىنسانىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھىمىلەرنى پەيدا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيا تەرتىپى قايتا بېكىتىلىپ، ب د ت قاتارلىق بىر قاتار دۇنياۋىي ياكى رايون خارەكتېرلىك تەشكىلاتلار ھەم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن  سابىق سوۋېت ئىتىپاقى باشچىلىقىدىكى ۋارشاۋا ئىتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پەيدا بولدى. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زەربىسىدە كاپىتالىزم كۈچلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك زور كۆلەملىك ئاجىزلىشىشى ۋە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر قىسىم مەملىكەتلەردىكى سوتسىيالىزم كۈچلىرىنى ئۆز ھامىيسىغا ئېلىپ قوغدىشى ھەم مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا دۇنيا سوتسىيالىزم لاگىرى بىر قېتىملىق گۈللىنىش ۋە زورىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

6. ماقالىغا مۇناسىۋەتلىك خاندانلىقلار يىلنامىسى
1. ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى(م.ب 1800-م.ك 46)
ھۇنلار ئەڭ قەدىمقى چاغلاردىن باشلاپ ئۇرخۇن ۋادىسى، چوغاي تاغلىرى(ئىچكى موڭغۇلدىكى يىنشەن تېغى)، ئالتاي تاغلىرى ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە ياشىغان. شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ئۆز خانلىقلىرىنى قۇرىغان. ھۇنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بوۋىسى چوڭۋېي بولوپ، ئۇ ھۇن دۆلىتىگە تۇنجى خان بولغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇ بۇندىن 4 مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋردە ياشىغان. باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھۇن دۆلىتىنىڭ مەركىزى كۆكخوت شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى تەڭرىبالىق بولوپ، كېيىن ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى خوشوت سايدام كۆلىنىڭ بويىغا يۆتكىگەن.

دەۋرى(م.ب)
ئىسىمى
ئۇنۋانى
No
دەۋرى(م.ب)
ئىسىمى
ئۇنۋانى
No
68-85
غۇياندى تەڭرىقۇت
13
1800
 
چوڭۋېي
1
60-68
 شۇلۇي قانغۇي تەڭرىقۇت
14
240-270
 
 
2
58-60
ئۇيانقۇتى تەڭرىقۇت
15
210-240
 تۈمەن تەڭرىقۇت
3
31-58
قوغۇشار تەڭرىقۇت(خۇخانيى)
16
174-210
باتۇر (ئوغوز)تەرىقۇت
4
36-56
قۇتىئۇش تەڭرىقۇت
17
161-174
قايۇق، كىئوك
كۆخان
5
20-31
پوجۇلۇنوتى تەڭرىقۇت
18
126-161
كۈنخان(كۈن تەڭرىقۇت)
6
م.ب20- 12
شۇجۇنوتى تەڭرىقۇت
19
114-126
ئېل چىشى(ئىچىغسە)
7
م.ب12- 8
قىيانوتى تەڭرىقۇت
20
105-114
ئوۋېي تەڭرىقۇت
8
م.ب8-م.ك13
ئۇجىلىنوتى تەڭرىقۇت
21
102-105
ئويشىلار(ئۇشىلۇ)
9
م.ك13-18
ئۇلۇنوتى تەڭرىقۇت
22
101-102
قۇلىغۇ(گۇيلىقۇ)
10
46-18
غۇدۇئارشى داۋگانوتى
23
96-101
قۇتىغۇ(چەتقۇ)
11
21-46
 ئۇداتقۇ
24
85-96
غۇلىقۇ تەڭرىقۇت
12

2.شەرقىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى(م.ك 48-216)
مىلادى46-يىلى ھۇنلار ئىچىدە بۆلىنىش يۈز بەردى. ھۇن بەگزادىسى بەي پانۇ تەڭرىقۇتقا قارىشى چىقىپ، خەن سۇلالىسىغا ئۆزىنى ئاتتى ھەمدە 48-يىلى ئۆزىنى «تەڭرىقۇت» دەپ ئاتىدى. نەتىجىدە ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى شەرقىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى ۋە غەربىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى. شەرقىي ھۇن تەڭرىقۇتى قۇتىنو شىسىقۇتى 140-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاندىن كېيىن ئۈچ يىل، يەنى، 140-يىلدىن 143-يىلغىچە شەرقىي ھۇن تەختى بوش قالدى.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
124-98
ۋانچى شىسۇقۇتى
11
56-48
بەي(خۇخەنيى)
1
128-124
ئۇجىقۇ  شىسۇقۇتى
12
57-56
چۇپۇنۇتى
2
140-128
قۇتىنۇ شىسۇقۇتى
13
59-57
ئىلغا ئۇلۇتى
3
147-143
غوداننو شىسۇقۇتى
14
63-59
شىتوڭسى سۈيغۇتى
4
172-147
ئىللىن شىسۇقۇتى
15
-63
قۇچى قىلىندى
5
178-172
ئۇتىنو شىسۇقۇتى
16
85-63
غۇشى شىسۇقۇتى
6
179-178
غۇجىن
17
86-85
ئىلتۇ ئۇلۇتى
7
188-179
قانقۇي
18
93-88
شۇلان شىسۇقۇتى
8
195-188
قۇي شىسۇقۇتى
19
94-93
ئارقۇن
9
216-195
غۇجىقان
20
98-94
تىندۇ شىسۇقۇتى
10

3. غەرىبىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى(م.ك 46-118)
زىمىنى قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركىزى تېكەس ئەتىراپىدا.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
91-89
شىمالىي تەڭرىقۇت
4
83-46
پانۇ
1
93-91
ئېل تېكىن
5
84-83
سانمولو ئوتزى
2
118-93
پانفۇ
6
89-84
ئۇلۇغ
3

4. ياۋروپا ھۇن ئېمپېريىسى(374-469)
غەرىبىي ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى 118-يىلى خەن سۇلالىسى ۋە شەرقىي ھۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، غەربىي ھۇن قەبىلىلىرى ئىچىدىكى جەڭگىۋار، ئۇرۇش قىلىشقا يارايدىغان بىر بۆلەك كىشىلەر غەربكە كۆچۈپ، ئارال كۆلىدىن ئۇرال تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ كىچىك خانلىقلىرىنى قۇرىغان ۋە تەدرىجى كۈچەيگەن. ئۇلار 350-يىللارغا كەلگەندە ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغان ھەم ئاتامىنى  بالامىرنىڭ (باتۇر تەڭرىقۇت يەنى ئوغوزخاننىڭ ئون بەشىنچى ئەۋلادى) يېتەكچىلىكىدە 374-يىلى ۋولگا دەرياسى ۋادىسىنى بويسۇندۇرغان، قارا دېڭىزنىڭ  شىمالىدىكى  ئالانلار  دۆلىتىنى،  شەرقىي  گۇتلارنى (شەرقىي گېرمان خانلىقىنى) بويسۇندۇرۇپ، ياۋروپا ھۇن ئېمپېريىسىنى قۇرىغان. ياۋروپا ھۇن ئېمپېريىسى ئاتتىلا(جەسىتى دوناي دەرياسىنىڭ ئاستىغا دەپىن قىلىنغان) دەۋرىگە كەلگەندە مىسلىسىز قۇدىرەت تېپىپ، شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئېمپېريىسىنى قارام ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. 469-يىلى ئېمپېراتور دىڭگىزىك شەرقىي رىم ئېمپېريىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا دوناي دەرياسى بويىدا ئۆلتۈرۈلدى. بىر مەزگىل ياۋروپانى ۋەھىمىگە سالغان ياۋروپا ھۇن ئېمپېريىسى ئاخىرى ئاغدۇرۇلدى. ياۋروپا ھۇن ئېمپېريىسىنىڭ مەركىزى ۋېنگىريىدىكى تىسا  دەرياسىنىڭ بويىدا.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
453-434
ئاتتىلا(ئورتاق)
6
400-374
بالامىر
1
445-434
بىلىدا(ئورتاق)
7
410-400
يۇلدۇز
2
454-453
ئىلىك
8
415-410
قارا تۈن
3
469-454
دىڭگىزىك
9
422-415
بونچوك
4
 
 
10
434-422
رويا
5
  

5. ياۋروپا ئاۋار (جۇجان) خاقانلىرى (565-835)
مىلادى 4-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئاۋارلار باش كۆتەردى ھەم مەشھۇر خانى تولونخاننىڭ باشچىلىقىدا ئاۋار خانلىقىنى (394-551) قۇرىدى. ئاۋار خانلىقى 551-يىلى كۆك تۈركلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاۋارلار بايانخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە غەربكە قاراپ قېچىپ، 558-يىلى قارا دېڭىز بويىغا يېتىپ كەلگەن. 595-يىلى ئاۋارلار بايانخاننىڭ باشچىلىقىدا قارا دېڭىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن ۋېيناغىچە (ئاۋىستىريىنىڭ پايتەختى) بولغان كەڭ جايلاردا ياۋروپا ئاۋار خانلىقىنى قۇرىغان. ئاۋار خانلىرىدىن بايانخاندەۋرىگە كەلگەندە ئاۋارلار زور دەرىجىدە كۈچەيگەن. زودان ۋە تىئودروسلار 805-يىلى ئەسلىدىكى شامان دىنىدىن يېنىپ خىرىستىيان دىنىنى قوبول قىلغان، نەتىجىدە روھىي جەھەتتىن زەئىپلىشىپ، تەدرىجى ئاجىزلاشقان ھەم 835-يىلى فىرانىك خانلىقى تەرىپىدىن يوقوتولغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى خىرىستىيان دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەرلىك مىللەتلەرگە سىڭىپ، سىلاۋيانلىشىپ كەتكەن. ئاز بىر قىسىمى شامان دىنىدىن يانماي داغىستان رايونىغا كېلىپ ماكانلاشقان ھەم ئەسلىنى ساقلاپ قېلىپ، داغىستان ئاۋارلىرىنى يەنى ھازىرقى چېچەن ۋە ئىنگۇشلارنى شەكىللەندۈرگەن. 19-ئەسىردىكى چار پادىشاھ مۇستەملىكىسگە قارىشى تۇرغان مىللىي قەھرىمان شەيخ شامىل داغىستان ئاۋارلىرىدىندۇر. ياۋروپا ئاۋار خانلىقىنىڭ مەركىزى ۋېنگىريىدىكى سىيگدىن شەھىرىنىڭ يېنىدا.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
-805
تىودورۇس
5
602-565
بايان خاقان
1
826-
ئابراھام
6
626-602
بايان خاقان
2
835-826
تودون خاقان
7
803-791
تودون خاقان
3
 
 
 
805-803
زودان خاقان
4


6. ھازار خاقانلىرى (468-965)
ھازارلار 468-يىلى شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ، ياۋروپا ھازار خانلىقىنى قۇرىغان. زېمىنى شەرقتە كاسپى دېڭىزىدىن غەربتە دىنىستىر دەرياسىغىچە، شىمالدا ئىدىل (ۋولگا) دەرياسى ۋادىسىدىن جەنۇبتا ئىراننىڭ شىمالىغىچە سوزولغان. 723-يىلغىچە كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرىقىدىكى بىلىنجىر شەھىرى (ھازىرقى ئاندىروۋ)نى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىدىل دەرياسى بويىدىكى ساراي شەھىرىنى (ھازىرقى ئاستىراخان) پايتەخت قىلغان. ھازار خانلىقى بىر مەزگىل كۆك تۈركلەرگە بېقىنغان. 620-يىللارغا كەلگەندە خاقان بولانخاننىڭ باشچىلىقىدا ناھايتى قۇدىرەتلىك ھالغا كەلگەن. 790-يىللاردا كىيىۋ (ھازارچە «مىڭ كىرمان») شەھىرىنى بىنا قىلغان. 965-يىلى رۇسلار تەرىپىدىن يوقۇتۇلغان. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھازىرقى ئەزەربەيجان ۋە ئىراندىكى ئەزەربەيجانلار (ئازارىلەر)دۇر.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
 
مىناشى
8
-620
يولان
1
 
يىنسى
9
 
ئوباجا
2
 
ھارۇن
10
 
نىزكيا
3
 
مىناھىم
11
 
مىناشى
4
 
بىنيامىن
12
 
خانۇكا
5
-931
ھارۇن
13
 
ئىسھاق
6
965-931  
يۈسۈپ
14
 
سابولون
7


7. دۇناي بۇلغار دۆلىتىنىڭ خانلىرى(584-1018)
ئاتتىلانىڭ چەۋرىسى كۇپرات 584-يىلى ھۇنلارنىڭ ئوتورغور ۋە قوتورغور قەبىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا«بولغار» (بىل-گۇر يەنى بەش ئوغوز) نامىنى بەرگەن. شۇندىن باشلاپ بولغار دۆلىتى شەكىللەنگەن.  كۇپراتخاننىڭ ئۈچ ئوغلى ئۈچ بولغار قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئوتتۇرانچى ئوغلى قوتراقخان ئۆز قەبىلىسىنى باشلاپ ئىدىل بولغار دۆلىتىگە ئاساس سالغان، كىچىك ئوغلى ئاسپاروخ قۇتۇغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ دوناي بولغار دۆلىتىنىڭ مەشھۇر ئېمپېراتورىغا ئايلانغان. دوناي بولغار دۆلىتى ئاسپاروخ دەۋرىدە بالقان يېرىم ئارىلى بىلەن دوناي دەرياسى ئارىلىقىدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئىگىلىۋالغان. ئومۇرتاغىخان دەۋرىدە شەرقىي رىمدىن نۇرغۇن جايلارنى تارتىۋالغان. بالامىرخان دەۋرىدە دوناي بولغارلىرى شامان دىنىدىن يېنىپ خىرىستىيان دىنىغا كىرگەن. خىرىستىيانخان خىرىستىيانلىشىشنى كەڭ تەشۋىق قىلىغان، ئۇنىڭ ئوغلى بوگوروس 864-يىلى بولغارلارنىڭ شامان دىنىدىن يېنىپ خىرىستىيان دىنىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. نەتىجىدە دوناي بولغارلىرى يۈز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈركچىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، تولوق ھالدا سىلاۋيانلىشىپ، بۈگۈنكى بولغارلارغا ئايلانغان. دوناي بولغار  دۆلىتى 1018-يىلى شەرقىي رىم ئېمپېريىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
803-777
قارادامخان
14
642-584
كوبرات
1
814-803
قۇرۇمخان
15
679-642
باتبايانخان
2
831-814
ئومۇرتاغىخان
16
691-679
ئاسپاروخ
3
836-831
بالامىيرخان
17
719-691
تىرۋىيلىخان
4
852-836
خاراستيانخان
18
724-719
تاۋىرىمخان
5
889-852
بوگوروس
19
739-724
سىۋىرخان
6
893-889
ۋىلادېمىرخان
20
756-739
قوروموشخان
7
927-893
سىمون
21
761-756
ۋىنكىخان
8
969-927
چارپېتېر
22
764-761
تىلىتىزخان
9
972-969
چاربورىس
23
766-764
سابىنخان
10
1014-972
چارساموئىل
24
767-764
توقتۇخان
11
1016-1014
رومانوس
25
768-767
پاگانخان
12
1018-1016
چارئىۋان ۋىلادىسلاۋ
26
777-768
تىلىرىكخان
13


8. ئىدىل بۇلغار دۆلىتىنىڭ خانلىرى (770-1400)
قۇتۇغۇرلار دوناي بۇلغار دۆلىتىنى قۇرىغاندىن كېيىن، ئوتۇغۇرلار قاما ۋە ئىدىل دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ يەرلەشتى ھەمدە 770-يىلى توقىخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىدىل بۇلغار خانلىقىنى قۇرىدى. ئىدىل بۇلغارلىرى 900-يىلى ئالماسخان  باشچىلىقىدا  شامان  دىنىدىن چىقىپ مۇسۇلمان بولدى. 1400-يىلى ئاقساق تۆمۈر  تەرىپىدىن يوقوتولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن «تاتار» نامى بىلەن يېقىنقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى. پايتەختى ئىدىل دەرياسى بويىدىكى بۇلغار شەھىرى(ھازىرقى قازان شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن115كىلومېتىر يىراقلىقتا).

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
1050-
ئەبۇ ئىسھاقخان
13
-770
توقىخان
1
-1050
ئىسھاقخان
14
 
ئايدارخان
2
 
باراجىخان
15
 
زوبىرخان
3
 
ئىبىراھىمخان
16
900-
شىلقايخان
4
 
سىلىمخان
17
925-900
ئالماسخان(جەپەر)
5
1230-
ئىلىخان
18
930-925
مىكائىلخان
6
-1230
پولات-تۆمۈرخان
19
948-930
ئەھمەتخان
7
 
ئابدۇللاخان
20
958-948
تالىپخان
8
1380-
ھەسەنخان
21
980-958
مۆمىنخان
9
-1380
مۇھەممەتخان
22
-980
ھەسەنخان
10
1400-
ئابدۇللاخان (ئاقساق تۆمۈر ئۆلتۈرۋەتكەن)
23
 
مۇھەممەتخان
11
 
سىيىتخان
12


9. ۋېنگىر(ھۇنگىر) دۆلىتىنىڭ خانلىرى (889-1526)
ۋېنگېرلار (ئەسلى ھۇنگار بولوپ، فىرانسۇزلار ھۇنگىرى، نېمىسلار ھۇنگار، لاتىنلار ھۇنگارى، رۇسلار ۋېنگىر  دەپ  ئاتايدۇ) ياكى ماجارلار (ياۋروپالىقلار ئۇلارنى «ماجار» دەپمۇ  ئاتايدىغان بولوپ، «مىشگار» سۆزىدىن كەلگەن،  مەنىسى «بەش ئوغوز») ياۋروپا ھۇنلىرنىڭ ئەۋلادى بولوپ، 889-يىلى ئۇلار ئاتتىلانىڭ پەي نەۋرىسى ئالماسخاننىڭ ئوغلى ئارپادنى خان قىلىپ كۆتىرىپ، ۋېنگىريە دۆلىتىنى قۇرىغان. گىزا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە  ۋېنگىرلار ئارىسىدا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئىشتىۋان گېرمان ئېمپېراتۇرى ھېنىرىخنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلىنىپ، شامان دىنىدىن چىقىپ، خىرىستىيان دىنىنى ۋېنگىرلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىغا ئايلاندۇرغان. ۋېنگىرلار يۈز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سىلاۋيانلىشىپ كەتكەن. ۋېنگىريە دۆلىتى يانۇش خۇنيادى دەۋرىدە ناھايتى كۈچەيگەن. 10-ئەسىردىن باشلاپ 13-ئەسىرگىچە پۈتۈن ياۋروپاغا دەھشەت سېلىپ، گېرمانىيەگە 20 قېتىم،  ئىتالىيەگە يەتتە قېتىم، فىرانسىيەگە تۆت قېتىم، گوللاندىيەگە بىر قېتىم، شەرقىي رىم ئېمپېريىسىگە بىر قېتىم  باستۇرۇپ كىرگەن. 1526-يىلى ئوسمان تۈرك ئېمپېريىسى تەرىپىدىن يوقوتولغان. مەركىزى ھازىرقى  ئاۋىستىريىدىكى ۋېينا. ۋېنگىريە دۆلىتىگە ئارپادلاردىن 28، ئىتالىياندىن بىر، گېرمانلاردىن ئۈچ، فىرانسۇزلاردىن تۆت، لىتۋادىن ئۈچ، رومىندىن ئىككى، ئوسمان تۈركلىرىدىن 10 كىشى خان بولغان. ۋېنگېرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى گېرمانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئاۋىستىرۇ- ۋېنگىر ئىمپېريىسىنى قۇرۇپ، 1914-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
1131-1116
ئشتىۋان
15
907-889
ئارپات
1
1141-1131
بىلا
16
945-907
زولتان
2
1161-1141
گىزا
17
950-945
پالجىس
3
1172-1161
ئىشتىۋان
18
970-950
توقسونو
4
1173-1172
لاسزىلو
19
997-970
گىزا
5
-1173
ئىشتىۋان
20
1038-997
ئىشتىۋان
6
1196-1172
بىلا
21
1041-1038
پېتېر
7
1204-1196
ئىمىرى
22
14044-1041
ئاداساموئىل
8
1205-1204
لاسزىلو
23
1060-1044
ئانداراس
9
1235-1205
ئانداراس
24
1063-1060
بىلا
10
1270-1235
بىلا
25
1074-1063
سالامون
11
1272-1270
ئىشتىۋان
26
1077-1074
گىزا
12
1290-1272
لاسزىلو
27
1095-1077
لاسزىلو
13
1301-1290
ئانداراس
28
1116-1095
كالمان
14

10. ئوسمان تۈرۈك ئىمپېريىسىنىڭ نەسەبنامىسى (1298-1923)
سالجۇقلار سۇلتانلىقى 1157-يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، سالجۇق تۈركلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى كىچىك ئاسىياغا بېرىپ، بىرقانچە كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرىدى. قەبىلە ئاقساقىلى ئوسمان غازى 1298-يىلى ئوسمان تۈرك ئېمپېريىسىنى قۇرىدى. ئوسمان تۈرك ئېمپېريىسى 1453-يىلى شەرقىي رىم ئېمپېريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كونىستانتىپولنى تارتىۋېلىپ، نامىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىپ، قانۇنلۇق پايتەخت قىلدى. زېمىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيدى. بۇ ئېمپېريە 600يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرۈپ، ئەھلى سەلىپ قوشىنى(كېرست قوشىنى)نىڭ 16قېتىملىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى قوغداش  ۋەزىپىسىنى شەرەپلىك ھالدا ئوروندىغاندىن كېيىن، 1922-يىلى ئېمپېريىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زەئىپلىك ۋە ئەنگىليە فىرانسىيە، گېرىتسىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ تاجاۋۇز قىلىشى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇلدى. 1923-يىلى مۇستاپا كامال باشچىلىقىدىكى تۈركىيە  بۇرجۇئا ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، مۇستەقىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، يېڭىچە تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭدى.  

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
1648-1687
مۇھەممەد
20
1326-1298
ئوسمان بەگ
1
1691-1687
سۇلايمان
21
1359-1326
ئورخان غازى
2
1695-1691
ئەھمەد
22
1389-1359
مۇرات
3
1703-1695
مۇستاپا
23
1402-1389
يىلدىرىم بەييازد
4
1730-1703
ئەھمەد
24
1413-1402
مەھمۇتچەلەبى
5
1754-1730
مەھمۇد
25
1421-1413
مۇھەممەد
6
1757-1754
ئوسمان
26
1451-1421
مۇرات
7
1774-1757
مۇستاپا
27
1481-1451
مەھمۇت
8
1789-1774
ئابدۇلھېمىد
28
1512-1481
بەييازد
9
1807-1789
سەلىم
29
1520-1512
سەلىم
10
1808-1807
مۇستاپا
30
1566-1520
سۇلايمان
11
1839-1808
مەھمۇد
31
1574-1566
سەلىم
12
1861-1839
ئابدۇلمەجىد
32
1595-1574
مۇرات
13
1876-1861
ئابدۇلئەزىز
33
1603-1595
مەھمۇت
14
1876
مۇرات
34
1617-1603
ئەھمەت
15
1909-1876
ئابدۇلھەمىد
35
1618-1617
مۇستاپا
16
1918-1909
مۇھەممەد
36
1623-1622
1922-1918
مۇھەممەد
37
1622-1618
ئوسمان
17
1922
ۋاخدەتتىن
38
1640-1623
مۇرات
18
 
 
 
1648-1640
ئىبىراھىم
19


11. رىم ئىمپېريىسىنىڭ نەسەبنامىسى (م.ب 27-م.ك 1453)
بۇ ئېمپېريىنى م.ب 27-يىلى ئوكتاۋىئان قۇرىغان. مىلادى 395-يىلى شەرقىي گۇتلارنىڭ (ۋىزىگۇتلارنىڭ) زەربىسى نەتىجىسىدە شەرقىي رىم ھەم غەربىي رىم ئىمپېريىسىگە پارچىلانغان. غەربىي رىم ئىمپېريىسى 476-يىلى غەربىي گۇتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. شەرقىي رىم ئىمپېريىسى 1453-يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى تەرىپىدىن يوقوتولغان. رىم ئىمپېريىسى دۇنيا تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن ئىمپېريە بولوپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلدىن مىلادىدىن كېيىنكى 1453-يىلغىچە جەمىئىي 1480 يىل مەۋجۇت بولوپ تۇرغان.

دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
دەۋرى(م.ك)
ئىسىمى
No
253-251
گالل
31
م.ب27- 14
ئوكتاۋىئان ئاۋگۇست
1
253
ئېمېلىئان
32
م.ب14-م.ك68
يۇلىي.كىلاۋدىي خاندانلىقى
2
260-253
ۋالېرىئان
33
م.ب14-م.ك17
تىبېرىي
3
268-260
گالىنېن
34
41-37
كالىگۇلا
4
270-268
كىلاۋدىي
35
54-41
كلاۋدىي
5
275-270
ئاۋرېلىئان
36
68-54
نېرون
6
275
تاتست
37
69-68
گالبا
7
282-276
پروبوس
38
69
ئوتون
8
283-282
كار
39
69
ۋىتللىي
9
305-284
دىتوكلېتىئان
40
96-69
فىلاۋىي سۇلالىسى
10
337-306
كونىستانتىن
41
79-69
ۋېسپاسىئان
11
361-337
كونىستانسىي
42
81-79
تىت
12
363-361
يولىئان
43
96-81
دومىتىئان
13
364-363
ئئوۋنا
44
192-96
ئانتونىن سۇلالىسى
14
378-364
ۋالېنىس
45
98-96
نېرۋا
15
395-377
فېئودوسىي
46
117-98
ترايان
16
423-395
گونورىي
47
138-117
ئادرىئان
17
424
يونان
48
161-138
ئانتونىن
18
455-425
ۋالېنتىنىئان
49
180-161
مارك. ئاۋرېلىي
19
455
ماكسىم پېترونىي
50
192-180
كوممود
20
456-455
ئاۋىتۇس
51
235-193
سېۋېر سۇلالىسى
21
461-457
مايورىئان
52
211-193
سېۋېر
22
465-461
لىبىئوس سېۋېر
53
217-212
كاراكاللا
23
467-465
پادىشا يوق
54
218-217
ماكرېن
24
472-467
ئانتىمېئوس
55
222-218
ئېلاگابان
25
472
ئولبىر
56
235-222
سېۋېر ئالىكساندىر
26
473
گلسېرىئوس
57
238-235
ماكسىمىن
27
475-473
يۇلىي نېپوس
58
244-238
گوردىنا
28
476-475
رومول ئاۋگۇست
59
249-244
فىلىپ
29


60
251-249
دېسىي
30

مەنبە : كىتاپلار

2

تېما

0

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29880
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھونلار .......................................................................
ئاتتىلانىڭ ئورنىدا مەن بولسام رىم شەھىرىنى ۋە كونىستانتىننى باسۇرۋەتكەن بولاتتىم ھەرگىز سۈلھى قوبۇل قىلماستىم . شۇنچە كۈشلۈك ھالەتتە ئاشۇ شەھەر بوسوغىلىرىغا كەپبولۇپ سۈلھى قوبۇل قىلىشى تازا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 13:44:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HITMAN يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 12:29
ھەي ھونلار .......................................................................
ئاتت ...

رىم شەھىرى ۋە كونىستانتىن  ئەينى دەۋىدە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ، ئىنسانىيەت مىراسلىرى كۆپ شەھەرلەر      مېنڭچە ئاتىلللا  شۇ گۈزەللكنىڭ بۇزغۇنچىسى بولۇپ قالماي دېىگەندۇ ...

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 13:45:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
博物馆奇妙夜系列

دېگەن كىنودىكى ئاتېلللانى ئويلىسام كۈلەەۈم كېلىپ كېتىدۇ دە مېنىڭ

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2638
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 14:07:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر مېنىڭ يازمامنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاپسىزغۇ؟ بۇنىڭدا قانداق جۈرئەت قىلدىڭىز؟ مەنبەنى كىتابتىن دەپسىز تېخى!
مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ. مەن تېخى ھايات.

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2638
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 14:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HITMAN يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 12:29
ھەي ھونلار .......................................................................
ئاتت ...

بۇ ئەسلى مېنىڭ يازمام.

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2638
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 14:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.زۇنۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 13:44
رىم شەھىرى ۋە كونىستانتىن  ئەينى دەۋىدە يۈكسەك مەدەن ...

بۇ مېنىڭ يازمام.

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 14:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلىپتۇ!يەنە نۇرغۇن يەرلىرى  ''تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا''دېگەن ئەسەردىن كۆپلەپ كۆچۈرۈلۈپتۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )