- تىزىملاتقان
- 2015-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 150
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  50%
|
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ غەلىتە ئىككى ئىشى
ھاياتىدا قاقاقلاپ كۈلۈپمۇ باقمىغان، جەمئىيەتنىڭ ناچار ئىشلىرىدىن ۋە ئادەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى ئادەت قىلغان ئەپلاتوندىن مۇنداق ئىككى سوئال سورىلىپتۇ.
_ بىرىنچىسى: ئادەملەرنىڭ سىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىككى ئىشى قايسى؟
ئەپلاتون ئايرىم-ئايرىم جاۋاپ بېرىپتۇ:
_ بالىلىقىدىن زېرىكىپ، چوڭ بولۇشقا ئالدىرىشىدۇ. لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بالىلىقىنى سېغىنىشىدۇ.
پۇل تېپىش ئۈچۈن سالامەتلىكىنى ئاسراشمايدۇ. لېكىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن بار يوقىنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىشىدۇ.
ئەتىسىنى غەم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ بۈگۈنىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، نە بۈگۈننى نە ئەتىنى مەنلىك ياشىيالمايدۇ. ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ. لېكىن ھېچ ياشاپ باقمىغاندەك ئۆلىشىدۇ…
ئىككىنچى سوئالغا نۆۋەت كەلگەندە ئەپلاتوندىن نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئۆتۈنۈپتۇ.
ئەپلاتون مۇنداق دەپتۇ : « ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ياخشى كۆرسىتىش ۋە ياقتۇرغۇزۇش ئۈچۈن كۈچىمەڭ! ئەڭ ياخشىسى، بۇ ئىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭ. ھاياتتا ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە، ئەڭ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىش بولماستىن، ئەڭ ئاز نەرسىگە ئېھتىياج ھېس قىلىشتۇر….»
تەرجىمە قىلغۇچى: قۇتلۇق بىلگە
|
|