- تىزىملاتقان
- 2015-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 329
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
  14.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا enjumen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 12:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
باغداشتىكى دوستلار، قېرىنداشلار، سەبداشلار،
ھەممىڭلارغا ئامانلىقلار يار بولغاي، كونا دوستۇڭلار ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەندىن سالام.
مەن بۇرۇن يازغان ئۈچ كىتابىمنى يېقىندا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. بىلمىدىم توردا ئېلان قىلىمەنمۇ، نەشرىيات يەنە خېرىدارلىق قىلالامدۇ، يا نەشرىياتلارغا يوللاپ ماڭا ۋاكالىتەن ئېلان قىلدۇرىدىغانلار چىقامدۇ بىلمەيمەن.
«ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا»، «قىزىمىنىڭ ئامېرىكىسى»، «ئاتا-ئانىلىق سەپىرىدە» دېگەن ماۋزۇلاردىكى كىتابلىرىم يېقىندا مېنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ۋاستىچىلىكىسە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
مەن ھازىر قەشقەردىكى بىر تىل تەربىيەلەش مەكىتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن. مەندە ئېنگىلىزچە، تۈركچە ئوقۇيدىغانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
ئۆز ئېگىلىكىمىزدىكى يەسلى ۋە كۇرۇسلىرىمىز رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ دېگەنلىرى خاتا بولۇپ قاپتۇ. مەزكۇر خاتا خەۋەر تارقاتقۇچى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىپ قويۇشلىرىنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى بۇ خەۋەردىن باشقا ئورگانلار نەقىل ئېلىپ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىپتۇ. گەرچە بۇ مەقسەدلىك بولمىسىمۇ لېكىن قىڭغىر كەتسە تۈزەتمەك كېرەك. مەن بۇنداق خاتا خەۋەرلەرگە نارازى.
بۇندىن كېيىن يازمىلىرىم مۇناسىۋەتلىك تورلاردا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
بايانات
يازمىلىرىمنى تاپاۋەتتتىن باشقا مەقسەدتە تارقتىشىقا مەندىن ئىجازەت كەتمەيدۇ، ھەركىم ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ھەر قانداق يەردە تاقاتسا بولىدۇ.
|
|