- تىزىملاتقان
- 2015-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 851
- نادىر
- 0
- يازما
- 53
ئۆسۈش
  70.2%
|
سالامىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر، ھەممىڭلار ئامان بولۇڭلار. ھەر بىرىڭلارغا ئايرىم ئايرىم سالام قايتتۇرغۇم بار ئېدى، ئەمما ۋاقىتىم ئىگىلىنىگلىك بولغاچ ئامالىم بولمىدى.
دوستلاردىن ئەپۇ سورايدىغىنىم، بۇ يازمىنى يېزىپ بولۇپ تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشقا ئۈلگىرەلمەي قالدىم. ئۇيغۇر ئىملاسىغا يات، تەكرار، خاتا، لوگىكىسىز بولۇپ قاپتۇ بەزى جايلار، شۇڭا باشقۇرغۇچىلار ئىمكان بولسا بىر تۈزىتىپ قويغان بولسا. بىر دوستۇم ئۆزۈمگە قايتا ئەسىرىمنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغاندىن كېيىن بۇ كەمچىلىكنى بايقىدىم.
مەن جۇشقۇن، ساغلام، ئۈمىدلىك تۇرىۋاتىمەن. ئاچقۇچ دېگەن بىر مائارىپ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇتچىلىق بىلەن مەشغۇل. بۇ بىر قەدىرلىك ئېنىمىز ئاچقان مەركەز. قەشقەردىن ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.
ئاندىن بىر ئۆتىنىدىغىنىم مەندىن دىلو، شىركەت، پىلانلىرىم ھەققىدىكى ئەھۋالىنى توردا ياكى باشقا ۋاستىلەردە ئۇچۇر يېزىپ سورىمىساڭلار. بەزىڭلارغا ئىلتىماسىم قورقساڭلار يازغانلىرىمنى ئوقۇماڭلار، ئىسمىمنى تىلغا ئالماڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشمەڭلار...لېكىن باشقىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان، ماڭا ئەندىشە سالماقچى بولىدىغان، يوق يەردىن ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان گەپلەرنى قىلمىساڭلار. مەنغۇ قورقمىغان ھەم قورقمايمەن، ئەمما ھىچ كىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمنى بىسرەمجان قىلىش ھوقۇقى يوق دەپ قارايمەن.
مەن كىشىلەرنى ئۆزۈم ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىپ بەرسىكەن، ياكى ماڭا بارىكللاھ ئېيتسا ئىكەن دەپ مائارىپ پىلانىغا كىرىشمىگەن، پەقەت بالىلىرىمىز توغرا مائارىپتا، ساپالىق ئوقۇتقۇچىلاردا، ھوزۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىشنىڭ لەززىتىنى تېتىسا ئىكەن دەپ بۇ يولغا ئاتلانغان. شۇڭا مېنىڭ ھىچكىمنىڭ داۋرىڭىدىن تامايىم يوق. ئىنشائاللاھ مائارىپىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ، ھەم داۋام قىلىدۇ، ئەمما شەكىل، ۋاستە ۋە تەدبىرلەردە پەرلىق بىر ئۇسلۇبنى تاللايدىغانلىقى ۋەزىيەتنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ تەقەززاسى.
دەيدىغانلىرىم تۈگىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە قايتا سۆزلىمىسەم دەيمەن. |
|