- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5445
- نادىر
- 0
- يازما
- 378
ئۆسۈش
  8.9%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 18:52
قانون ۋە ئەخلاق نوقتىسىدىن ئىيتساقمۇ ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ يوقارقىدەك پاتقاق يولدا مېڭىشى خاتا قىلمىشتۇر . بۇ يولغا ماڭغانلار بەلكىم ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولسا كېرەك،ئۇلار پۈتۈن ئىلمىي ساھەگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ .
سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ياشاپ تۇرساقمۇ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پاتقاق يولغا ماڭىدىغانلار كۆپلەپ چىقىدۇ ؟ دېگەن سوئال ئەدەمنى بىئارام قىلىدۇ . مېنىڭچە ،
بىرىنچىدىن ،مەملىكىتىمىزدە ،مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ كىرىمى باشقا ساھەلەردىن كۆپ تۆۋەن .
يېقىندا بىر تور بەتتە مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆردۇم ،70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى مەلەم ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر پىروفىسور بىر نامرات ئوقۇغۇچىسىغا 30جىڭ ئاشلىق بېلىتى ياردەم قىلغان ئىكەن ،يېقىندا بۇ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەپ كېلىپ بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى سوغا قىلىپتۇ .بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر كاتتا ئىش .ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمەتنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى ....
بىراق بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ ؟ بۇ ئوقۇتقۇچى 30 يىل ئىشلەپمۇ تۈزۈكرەك بىر ئويمۇ ئالالماي جەمىيەتتىكى نامراتلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى دېگەن ئۈچۈر ئىچىگە يوشۇرۇنغانمۇ قانداق؟ .ھازىر بۇ ساھەدە ئىشلەيدىغان ، بوينىغا گالاستۇك تاقاپ ،ئۇچۇسىغا توپا قۇندۇرماي يۇرگەنلەر دەردىنى ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلىدۇ ،ئۇلار كۆپۈنچىسى يېڭى ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرغىنى بىلەن سۈرۈشتۇرسىڭىز ھەممىسى دېگۈدەك قورۇلۇش بانكىسىغا قەرز...............
ئىككىنچىدىن ،قوي تېرىسىغا ئورۇنىۋالغان بۆرىلەر بۇ ساھەلەردىمۇ ناھايىتى كۆپ .ئۇلار دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلنىپ ،بۇ ساھەنىمۇ پاتقاق قىلىۋەتتى .... |
|