- تىزىملاتقان
- 2014-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 589
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  17.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuhunqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 21:02
ئاۋال سىز ئايالىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن غۇرۇرىڭىزغا تىگىدىغان بۇلۇپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇڭ. ئادەتتە، ئاياللار تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ: 1. ئەرلەر ھاراق ۋە باشقا خۇمار قىلغۇچى زەھەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئايالى ئۇقۇپ قالسا ھەم يولدىشىدىن شۇ ئىشنى يەنە قىلماسلىقنى قايتا-قايتا ئۆتۈنسىمۇ ئەرلەر يەنىلا شۇغۇللىنىۋەرگەندە؛ 2. ئەرلەر قىمارغا كىرىشىپ قېلىپ، ئائىلە ئىقتىسادىغا ئارقا-ئارقىدىن تەسىر يەتكۈزۈپ، ئايالى يولدىشىدىن يەنە قايتا قىمار ئوينىماسلىقنى تەلەپ قىلسىمۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرىۋەرگەندە؛ 3. ئەرلەر سىرىتقا ئىللىق، ئائىلىگە قاتتىق قول بۇلۇش ئۇزاق داۋاملاشسا؛ 4. ئەرلەر سىرىتتا باشقا قىز-ئاياللار بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ قېلىپ، ئايالى بىلىپ قالغاندىن كىيىنمۇ، يەنىلا سىرىتتا باشقا قىز- ئاياللار بىلەن داۋاملىق ئارلىشىۋىرىپ، ئايالى ئىككىنچى قېتىم بىلىپ قالغاندا؛ 5. ئاياللار ‹ ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق› بولۇپ قالسا؛ 6. ئەرلەر ئىقتىساد ھەم ھۇقۇققا ھەددىدىن زىيادە بىرىلىپ كىتىپ، مەقسەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي، ئايالى بىلىپ قالغاندا؛ 7. ئەرلەر ھەددىدىن زىيادە لاي غەزەل، ھۇرۇن، تەييارتاپ بۇلىۋالغاندا؛ 8. ئەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئايالنىڭ غۇرورىغا تەككەندە؛ 9. ئايالنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئەرنىڭ كىرىمىدىن يۇقۇرى بولسا؛
|
|