- تىزىملاتقان
- 2014-5-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 608
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
  21.6%
|
ئۇمۇن ئەپەندى سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئەتتىگەندە كۆرۈپ كاللام چارچىغاندەك بولدى،مەنلا ئەمەس جىق ئادەم چاچىدى بەلكى.قارسام بىر نەرسىنى خېلى ئەدەبىي تىللار بىلەن يامان ئەمەس يازىدىكەنسىز.مەنچە ئەمدى بولدى قىلساق ھەممىمىز.مۇشىنچىلىك يېتەر. ئۇ ئەلى مۇئەللىم گە كەلسەك ئۇ بەزى سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلغان بولسىمۇ،يەنىلا ياشلىرىمىزغاھەرقايسى تەرەپتىن رىغبەتلەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكنى تېپىشقا،غايە تىكلەش روھىغا ئازراق بولسىمۇ ئوزۇق بېرىۋاتىدۇ.بۇ تېمىڭىزدا ئەلى مۇئەللىم مىنى ئۇندا دەپتۇ بۇندا دەپتۇ.ئەلى مۇئەللىم ما سۆزنى خاتا دەپتۇ،مۇنداق بولىدۇ ئەسلى،ئەلى مۇئەللەمنىڭ قورسىقىدا بىلىم تۈزۈك يوقتەك تۇرىدۇ،ئۆزىنى ماندا كۆرسىتىپتۇ،ئۇندا كۆرسىتىپتۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىپسىز،سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم بۇنداق پەقەتلا بىر ئادەمنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان مەزمۇننى يېزىپ ئەلى مۇئەللىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ،ئۇنى يالغانچى ،بىلىمسىز،ھاكاۋۈر،ساختىپەز كۆرسىتىپ تورداشلارنى جىدەلگە سالىدىغان بۇندا تېمىنى يازمىسىڭىز.قارىسام سىز تۈركىيەدە ئوخشايسىز مەنمۇ ھەم شۇ،بوسا كۆرۈشۈپ پىكىرلەشسەك بولىدۇ. سىزگە دەيدىغىنىم بىر ئادەمنىڭ خاتالىقىغا باشتىن ئاخىرى ئېسىلىۋالماي،بولسا ئەپۇچانلىقنى،كەڭ قورساقلىقنىمۇ ئۆگۈنۈپ قويسىڭىز.پەقەتلا ھاياجاندىن كاللىڭىزغا كەلگەن نەرسىنى ئويلىماي،مۇشۇ ئەلى مۇئەللەمىنىڭ لېكسىيەسى ياشلىرىمىزغا بىر پىرسەنت بولسىمۇ پايدىسى تېگىپتىمۇ شۇنى ئويلاڭ.مەن تورداشلار ۋە ئەتراپىمدىكى تونۇش دوسلىرىمدىن شۇنى بىلدىمكى ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ لېكسىيەسنى ئاساسەن ياختۇرۇپتۇ،ھەم شۇ لېكسىيەلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ ئىلھام ئاپتۇ.شۇڭا بۇندا يادىم دەپ ھە دىسىلا خەقنىڭ يېغىرىنى كوچىلايدىغان تېمىنى چىقارماي بەلكى ياخشى تەرىپىمۇ يامان تەرىپىمۇ بولغان تېمىلارنى يوللىغايسىز. تۈركلەردە بىر ئاتا سۆزى بار : تەنقىد ئادەم ئۆلتۈرىدۇ،ماختاش ئادەم ئۆستۈرىدۇ. |
|