- تىزىملاتقان
- 2013-6-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 40
ئۆسۈش
  63.8%
|
ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەر ساھەدىن تەرەققىياتقا يۈزلىنىشكە مۇھتاج ۋە چوقۇم شۇنداق تەققىي قىلىشى كېرەك. شۇندىلا كۆپ مەنبەلىك كەسكىن جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ، مەڭگۇ شاللىنىپ كەتمەيدۇ، مىللىتى، يېزىقى ۋە تىلىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.
ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەلىرى توغۇرلۇق كۆپ قۇتۇپلۇق كۆز-قاراشلاردا پەقەت ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ئىدىيە تونۇشى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلىسەك ئۇنىڭ مەنىۋىي قىممىتىنى تەشەببۇس قىلساق، چۈشىنىپ يېتەلمىسەك باشقىغا يول ئالساق بولىۋېرىدۇ، ھەرگىزمۇ نوپۇزلۇق قىزىۋاتقان مۇنبەرلەردە پېچەك ئۇرۇق چېچىپ، بىر يىلغىچە يا يەرنى بىكارلىماي، يا ھوسۇل ئالالماي قوش زىيان تارتقۇزمىساق. بۇنداق بولىۋەرسە ئەلى مۇئەللىمنى بىلگەن بىلمىگەن، تونىغان تونىمىغان ھەممە ئۇنى «قۇرۇق گەپچى» دەپ قارىلىسا، بۇنىڭ گۇناھى شۇ پېچەك ئۇرۇق تەمىنلىگۈچىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى بەزى ھادىسىلەرنى يۇشۇرماي قورقماي دادىل دېيەلىشى دەل ئۇنىڭ پىسخولۇگىيەگە ئۆزىنى ھەقىقىي بېغىشلاشتا جۈرئەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ (كىم ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسىنى شۇنداق دىيەلىگەن ئاشكارە). ئەلۋەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر سەەنلىك نۇقسانلارنى تۈزىتىشكە يېتەكلىگەندىن باشقا ئەلى مۇئەللىمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ھازىرقى جەمئىيەت ئەزالىرىمىزنى ئۆگىنشكە، يۇقىرى ئۆرلەشكە، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىككە دەۋەت قىلىشى سەنئەت بازىرىدىكى 500-600 يۈەنگە بىر كېچىلىك چەتنىڭ زامانداش نومۇرلىرىغا خەجلەپ تۈگەتكەندىن نەچچە ھەسسە قەدىرلەشكە ئەرزىمەمدۇ؟!
شۇڭا بىلمىسەك بىلگەنلەردىن ياخشىلىقلارنى ئۆگىنەيلى، بىلسەك ئاجىزلارغا ئۆگىتەيلى، بولسا دانالارنىڭ «ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلا» ئەقلىيەسىنى ئويلىنىپ باقايلى. تېخىمۇ بولسا يېڭى ئىلىمنىڭ يېڭى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كىلىشىگە ئىناقلىق يۈزىسىدىن باھا بېرەيلى، يېتەكلەيلى، راۋاجلاندۇرايلى. |
|