- تىزىملاتقان
- 2012-7-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 611
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
  22.2%
|
ئەلىنىڭ لېكىسيەسىنى تولۇق ئاڭلىمىغانلار ئەڭ ياخشىسى لېكىسيە توغرىلىق پىكىر بايان قىلماڭلار. ھەممە ئادەمنىڭ لېكىسيەنى تولۇق ئاڭلاش مەجبۇرىيتى يوق ، لېكىن ئەلىنىڭ لېكىسيەسىنى تولۇق ئاڭلىماي تۇرۇپ بۇ لېكىسيە توغرىلىق پىكىر بايان قىلىش خاتا.
مەن ئەلىنىڭ لېكىسيەسىنى تېخى تۈنۈگۈن ئاڭلىدىم ، بۇرۇن ئەلىگە بىر تەرەپلىمە قاراپ كەلگەن ئىدىم ، لېكىسيەنى ئاڭلىماستىن بۇرۇن قارشى پىكىرغا مايىل ئىدىم ، لېكىن پىكىر بايان قىلمىغان ، تۈنۈگۈن لېكىسيە تۆت قىسىمنى ئاڭلاپ بولۇپ ، ئالدىراپ پىكىر بايان قىلمىغانلىقىنىڭ توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم
ئەلىنىڭ مەركەزدىكى لېكىسيەسىنى توغرا دەپ قارىدىم ، بۇ ئەلىنى قوللىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ئەلىنىڭ قوللىغۇچىسى ياكى قارشى تۇرغۇچىسى بولىۋىلىشىم ئۇنىڭ كېينكى لېكىسيەلىرىگە توغرا باھا بېرىشىمىگە تەسىر كۆرۈستىشنى خالىمايمەن .
قىسقىسى ئىكى كۈنلۈك ئىنكاسلاردىن ھېس قىلىشىمچە بىر قىسىم كىشىلەر لېكىسيەنى ئاڭلاشتىن بۇرۇنلا يوشۇرۇن ئاڭدا ئەلىگە باھا چىقىرىپ بولغان ، شۇ دەسلەپكى شەكىللىنىپ بولۇپ كۆز قاراش لېكىسيەگە ئەمەس ئەلىگە مۇقىملىنىپ قېلىپ زېھىن ئەلىنىڭ لېكىسيە سۆزلەشتىكى مەقستىگە ئەمەس بەلكى لېكىسيە جەريانىدىكى ئۇشششاۇ «مىخ» لارنى «بازغانلاشقا»سەرپ قىلىنىپ كېتىپ قالغان . |
|