- تىزىملاتقان
- 2014-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1108
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
  10.8%
|
يېڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ-يىغقانىمىز باردۇر.
ئۇمۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىدىن ئاچقانىمىز باردۇر.
ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى،بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
يوشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك،كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىك،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر. |
|