- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4291
- نادىر
- 6
- يازما
- 125
ئۆسۈش
  76.37%
|
بىزدە ھازىرغىچە مۇشۇ «تارىخ ئىلمى ھەققىدە ئومۇمىي بايان » دېگەن كىتابتىن باشقا تارىخ ئىلمىي نەزەرىيەسىگە ئائىت باشقا كىتاپ نەشىردىن چىقمىدى. دەرۋەقە ، بۇ كىتابنىڭ نەشىردىن چىققىنىغا 20 يىل بولدى. ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا كونىراپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ،مەن ئۈزۈمنىڭ ئىمكانىيىتىم ياربەرگەن ۋە پايدىلىنالايدىغان دائىرىدە تارىخ ئىلمى نەزەرىيەسىگە ئائىت باشقا كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ باقتىم ، ئۇلاردىكى مەن كىتابىمدا پايدىلانغان نەزەرىيەۋى قاراشلار مۇشۇ كىتابتىكىدىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىكەن، يەنە كېلىپ «تارىخ ئىلمى ھەققىدە ئومۇمىي بايان »دېگەن بۇ كىتاب كۆپچىلىك تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپ بولغاچقا ، ئايرىم ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابلارغا قارىغاندا مۇكەممەلرەك دەپ قارىدىم. تەتقىقاتتا ئەلۋەتتە ئىمكانىيەت يار بەرسىلا ئەڭ يېڭى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش كېرەك. ئەمما بەزى نەزەرىيەۋى قاراشلار ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ، تاكى شۇنى دەلىل بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىدىغان يېڭى نەزەرىيەۋى قاراش ئوتتۇرىغا چىققۇچە. ئەگەر شۇنداق قاراشنى قاچان بايقىسام ھەم توغرا دەپ قارىسام، ئەلۋەتتە ئەسەرلىرىمدە شۇنى قوللىنىمەن. شۇنىسى ئېنىقكى ، مەن تارىخ ئىلمى نەزەرىيەسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى قاراشلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تېخى تولۇق ئۇچرىشىپ بولالمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمەن. پىكرىڭىزگە تەشەككۈر. |
|