سەن- ھەممە
قەيسەر مىجىت
1.سەن- رەڭگا-رەڭ... ************* رەببىمىز ياراتقاندا ئىنسانلارنى، نەچچىگە بۆلۈپتىكەن بىر سەۋەپ بار. كۆپ خىللىق-رەڭگا-رەڭلىك، ئۇندا ئۇزلۇق، شۇ سەۋەپ قىزىقىشنىڭ ئوتى يانار. ئاۋازىڭ ئوخشىمايدۇ ھىچ كىشىگە، ياسانساڭ دورىيالماس ھىچ مەۋجۈدات. سۆزۈڭگە مەس بولىمەن، دومۇلايمەن، باغرىڭدا ئەركىلەيمەن ئەي كائىنات! ياپراق بوپ تۆكۈلىسەن كۈز پەسلىدە ، يىقىشلىق كۆرىنىسەن كۆزلىرىمگە سەن بولغاچ كائىنات بار ھىسلىرىمدا، رەڭگا-رەڭ باشقا دۇنيا سەن ئەسلىدە.! 2.سەن-باھار... ********** تۇرمۇشنىڭ قىرو باسقان كۈنلىرىدە، ئىستەيمەن قۇياشنىڭ نۇر چىچىشىنى. ئۆمرۈمنىڭ قايتىلانماس سەپىرىدە، ئويلايمەن يادىكارلىق قىلىشىنى. سەن بەرگەن مۇھەببەتتنىڭ پورەك ئىچىپ، ئەتراپنى گۈزەللىككە پۈركىشىنى. سەن باركى، خوشاللىق بار، كىلەچەك بار، ياسايسەن ھاياتىمنىڭ ئۆركىشىنى. سەن -باھار، زىمىستاننى قوغلايدىغان، چوغ قىلىپ بىرىدىغان سۆيگۈسىنى. بىر پارلاق كىلەچەككە ئىنتىلدۈرۈپ، غىدىقلاپ يۈرىگىمنىڭ كۆرگۈسىنى..... 3. سەن قۇياش... ****** سوغۇقتا تۇرغىنىمدا مەن دۈگدۈيۈپ، ئىچىلىپ سالام قىلدىڭ بولۇپ قۇياش! ئىللىدى قەلبىم مىنىڭ شۇ ھامانلا، چوغ ئالدىم سالىمىڭدىن ئاتەش ئاداش! قىزىق چاي تۇتتى يەنە ۋە بەزىلەر، مىنىڭدەك مۇساپىر بوپ يۇرت كۆرگەن. ياخشىلار كۈيلىنىدۇ سۆزۈم بىلەن، چىن سۆزلەر مىنىڭ بىلەن بىللە ئۆسكەن! سەن قۇياش، كۆڭلى يۇمشاق ياخشى ئىنسان، مەيلى سەن قەيەردە بول سۆيۈلىسەن. كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ كۆڭۈل دىگەن، سەن-قۇياش، مەدھىيەمگە كۆمۈلىسەن!
|