- تىزىملاتقان
- 2011-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14441
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
ئۆسۈش
  11.1%
|
ئەلى قۇربان تېمىسىدىكى بۇ مۇنازىرىلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلىش مۇمكىن . ناھايىتى روشەنكى تەجرىبىسىز ، ھاياجان تىپىغا مەنسۇپ بولغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، ۋە شۇ ياشتىكى ياشلار ئەلىنى بەكلا چوڭ بىلىدىكەن . ياشتا ھەم تۇرمۇشتا ئۆزىنى توختاتقان كىشلەر تەنقىدى مۇئامىلە قىلىدىكەن . ھازىرغىچە ئەلىنىڭ لىكسىيە سۆزلەشتىن باشقا نىمە تەتقىقات قىلغانلىقىنى ، نىمە ئەمەلى ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن . شۇنداقتىمۇ ئەلى قۇرباندىن ئۆزىنى قوللىغان مۇشۇ ياشلار ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزى دىگەندەك پۇل تېپىشتىن باشقا ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ، ئۇيغۇر ئېھتىاجلىق بولغان بىرەر ئەمەلى ئىش قىلىپ ، ئۆزىگە قايىل بولغانلارغا جاۋاپ بىرىپ ، تەنقىد قىلغانلارغا قايىل بولغۇدەك ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ناۋادا ئەلى مۇشۇنداق ئەمەلى ئىش قىلماي لىكسىيە سۆزلەپ ئۈتۈپ كەتسە ، ئىلگىرىلەش بولمىسا كىسىپ ئېيتىمەنكى مۇشۇ ياش ئالى مەكتەپ مايسىلىرى قۇرۇق گەپ بىلەن ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلغان كۈنىدىن باشلاپ روھىيىتىدە تۈگىمەس كىرىزس يۈز بىرىدۇ ھەم ھاياتىغا پاسىسىپ تەسىر قىلىدۇ . مىنىڭچە بۇ خىل پىسخىكىلىق جەرياننى ھەم بۇنىڭ زىيىنىنى ئەلى چۇقۇم ئوبدان بىلىدۇ . |
|