- تىزىملاتقان
- 2012-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2714
- نادىر
- 2
- يازما
- 92
ئۆسۈش
  23.8%
|
شۇنچە ئىنكاس يېزىلىپتۇ، مەنمۇ يازاي بىرنەچچە ئېغىز. كېچىكىپ بولسىمۇ ئۇنىڭ ۋىدىئو لىكسىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىر ئاۋاتار تۇغۇلۇپتۇ! دەپ دۇنياغا جاكارلىغۇم كەلدى.
باشقىلار نېمە دەپ قالار دەپ پىكىر قىلىش دەل پىخولوگىيەدە داۋالىنىشى كېرەك بولغان بىر خىل روھىي كېسەلدۇر. بۇ «ئۆز»ى بولۇشنىڭ ئەكسىچە، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈدۇغان ماشىنا دېمەكتۇر. بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكىي توسالغۇسى مانا شۇ، باشقىلار نېمە دەپ قالار؟ بويىچە ئۆزىمىزنى تىزگىنلىشىمىز، ئىچىمىزدە ئويلىغاننى بۇرمۇلاپ ئاشكارىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ رايى ئۈچۈن ياشىشىمىز.... ئەلى قۇرباننىڭ دەل «ئۆز»ى بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىز ئۆزىمىز بىرىنى ئاسمان پەلەككە چىقىرىپ «مەبۇد»قا ئايلاندۇرۇۋالىمىز-دە، ئارقىدىن ئۆزىمىز ئۇنىڭغا تىل تەككۈزەلمەس بولۇپ، ئۇنى ئالدىمىزدىكى توسالغۇغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. مەيلى قانداق چوڭ ئالىم بولغاندىمۇ زامانىسى ئۈچۈن چوڭ بولۇدۇ. كېيىنكىلەر چوقۇم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ ۋە ئېشىپ كېتىشى شەرت! بولدىلا بۇ قالايمىقان جاڭگالدا ئوقۇغان ئادەملەر بەك ئازدەك قىلىدۇ، ئاۋارە بولماي. |
|