- تىزىملاتقان
- 2014-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 705
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
ئۆسۈش
41%
|
tohotur يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 22:19
ئاخشام تېخى ئاغىنىلەر بىلەن موشۇ بېيجىڭدىكى لېكىسيە ھ ...
ئىسىل ئىنكاس . لىكىن سىز ھېس قىلدىڭىزمىكىن بىزدە ئاللىبۇرۇنلا ئىتىقات بۆلىنىشى پەيدا بولۇپ بولدى . سىزنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ چەكلەش رولى بار دىگەن گىپىڭىز مىنىڭچە شۇ چەكنى بۇزماقچى بولىۋاتقانلارنىڭ تىتا تومۇرىغا تىگىشى تەبىئى .
مەن ياپۇنلارغا ھەقىقەتەن قايىل . چۈنكى ئۇلار ئەجداتلىرىنى يەنى ئالدىنقى ئەسىردە ياشىغان ئۇرۇش جىنايەتچىللىرىنىمۇ ھازىرغىچە ئۇلۇغلاپ ، ئۇلارنىڭ قەبرىللىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىكەن . قىسقىسى ئۇلاردا ئەجداتلىرىنى ئۇلۇغلاش روھى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالماي پۈتۈ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى .
لىكىن بىزچۇ ؟ ئارىمىزدا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە پات - پات بېرىپ زىيارەت قىلىدىغان قانچىلىك ئادەم بار . شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ھازىرقى مەكتەپ باللىرىدىن ساتۇق بۇغراخان ، مەھمۇد قەشقەرى ، ئەلشىر نەۋائى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ............ دىگەنلەر كىم دەپ سۇرىسىڭىز 90% بالىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن . مانا بۇ بىزدىكى ئەجداتلارنى ئۇلۇقلاش روھى .
شۇڭا ئەلىگە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىللىرىغا شۇنداق دەيمەنكى : مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ياشاۋاتقان ئەھۋالدا ئەلىنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئەجداتلىرىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى قوزغاتماي ئەكسىچە شۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەنلىكىدىن ئۇنى مىللىي مۇناپىق دىسىمۇ ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن .
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەلىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىلەرنى ھاياجانغا سالسىمۇ لىكىن نان يىسەڭ قورساق تۇيىدۇ دىگەندەك گەپلەر . ئەمىلىيەتتە ئەلى ھەرگىزمى قۇتقازغۇچى ئىلاھ ئەمەس . شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنى چوقۇنۇش دەرىجىسىگە كۈتۈرىۋالماسلىقىنى ، لىكسىيەلىرىنى مۇنداقلا ئاڭلاپ قويىشىنى ، ھايات مۇساپىسىنى ئەلىنىڭ گىپى بويىچە ئەمەس بەلكى ئۆز ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ........................... ....... بويىچە بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . |
|