مال باھاسى قانچىلىك مۇھىم
نەغەمقۇل تۆمۈر
ئىقتىسادشۇناسلىقتا بولسۇن ياكى ئاددىي تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن، مال باھاسى ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇقۇم.
مەمىتاخۇن، ئەمىتاخۇن ۋە سەمىتاخۇنلار ئايرىم ئايرىم 400 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ 3 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى دەيلى، سېتىۋېلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن سېتىۋەتتى.
مەمىتاخۇن ئۆيىنى ساتقاندا مال باھاسى %25 چۈشكەن بولۇپ، مەمىتاخۇن ئۆيىنى 308مىڭغا ساتىدۇ. ئەسلى باھادىن %23 تۆۋەن.
ئەمىتاخۇن ئۆيىنى ساتقاندا مال باھاسى %25 ئۆسكەن بولۇپ، ئەمىتاخۇن ئۆيىنى 492 مىڭغا ساتىدۇ. ئەسلى باھادىن %23 يۇقىرى.
سەمىتاخۇن ئۆيىنى ساتقاندا بولسا مال باھاسى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، ئۇ 320 مىڭ يۈەنگە ساتىدۇ. ئەسلى باھادىن %20 تۆۋەن.
كۆپىنچە كىشىلەر ئەمىتاخۇن تازا پايدا ئالدى دەپ ئويلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ باھاسى ھەممىدىن يۇقىرى. لىكىن ئەمەلىيەتتە مەمىتاخۇن ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچى، چوڭ ۋەزىيەتتە مەمىتاخۇن پۇلىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى %20 كۈچەيدى، ئەگەر يەنە شۇ ئۆينى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە مەمىتاخۇن قولىدىكى پۇلى بىلەنلا سېتىۋالالايدۇ، لىكىن قالغان ئىككەيلەن ئۇنداق ئەمەس.
بۇ مىسال شۇنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇكى، ئوخشىمىغان دەۋردە، مەيلى قانداق ئىش قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر مال باھاسى ۋە پۇلىمىزنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئويلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا خەنزۇلاردا ‹يۈگرەپ ليۇشياڭدىن ئۆتەلمىسەكمۇ CPI دىن ئۆتىشىمىز كېرەك› دىگەن سۆز مودا بولۇپ كەتكەنىدى. دىگەندەك ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسىۋاتىدۇ، چوڭى ئۆي-مۈلۈكتىن كىچىكى گۆش-تۇخۇمغىچە. مۇئاشىمىز ئاز تولا ئۆسكەندەك قىلسىمۇ لېكىن سېتىۋېلىش كۈچىمىز ئاجىزلاپ كىتىۋاتىدۇ. بۇخىل شارائىتتا ئاز-تولا سەرمايە يۈرگۈزۈپ، پۇل مۇئامىلە كەسپلىرىگە مەبلەغ سېلىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلىنىپ قالدى. پۇلىمىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ، پاخاللىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئامال كۆپ، گەپ ئۆزىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن ئوخشىمىغان مەبلەغ تۈرلىرىنى تاللاشتا.
|