- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8209
- نادىر
- 0
- يازما
- 348
ئۆسۈش
  64.18%
|
ئادەمنى بەكمۇ ئويغا سالىدىغان تېمىكەن بۇ. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ روزا ھېيتىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى دىسە قانداق بولىدۇ. بۇ ئاز بىرقىسىم پىيەنچۈك بولۇپ قالغانلارنىڭ ئىچىپ-چىچىپ يۈرۈشلىرى بىلەن بىر پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلۈغ ھېيتىغا ھاقرەت قىلسا قانداق بولىدۇ؟... ھەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولدىغۇ بۇ تېمىنى ئوقۇپ.
بىر توردىشىمىزنىڭ روپاش ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى گەپنى ئاڭلاپ مۇنداق بىر ئىش يادىمغا كەپ قالدى.
مېنىڭ سەل مىجەزىم يوق بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا ئاسما ئوكۇل ئۇردۇرغان ئىدىم، ئۇ يەرگە بىر، يۈز-كۆزلىرىنى ئورىۋالغان ئايال بالىسىغا ئوكۇل سالدۇرغىلى كىرىپتۇ. سېستىرا چوكان بۇ ئايالدىن بىر قىسىم ناماز يوللىرى ۋە ئىمان -ئىسلاملارنى سورىدى ، ئۇ ئايال بىلمەيمەن دىدى. بىز ھەيران قالدۇق. سېستىرا مەن سىزلەردەك كىيىنىۋالغانلارنى ھەممىنى بىلىدۇ، بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەنغۇ دىگەن ئىدى، ئۇ ئايال يولدۇشۇم موشۇنداق كىيىنىشىمنى تەلەپ قىلدى، ناماز ئۆتىمىسىەڭمۇ مەيلى دىدى، دىگەن ئىدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ توۋا دىگەن ئىدىم. |
|