- تىزىملاتقان
- 2011-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2021
- نادىر
- 0
- يازما
- 92
ئۆسۈش
  0.7%
|
چەتئەللەردىغۇ ئاشكارە قىلدى بۇنى ئەمدى دۆلىتىمىزدە بۇ ئۇچۇر تارقىلىشقا باشلىدى
بۇ بىز ئۇچۇن شۇم خەۋەر ..چۈنكى تاماكا سانائىتى دۆلەتكە چوڭ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشىۋاتىدۇ.
تاماكا ۋە ھاراقتىن ئېلىنىدىغان باژنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ،قۇرال ياراق سانائىتىنى
تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،دۆلەت مۇقىملىقى جۈملىدىن غەربىي رايوننىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولىشى
ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ .شۇڭا يولداشلار ئارسىدا دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن چىكىۋاتىمەن
ئىچىۋاتىمەن دەيدىغان چاخچاق سۆزلەر بار .بەزىدە مۇشۇ قولىغا تاماكا ئېلىۋالغان
بالىلارنى كۆرسەم قولىغا پىلىموت كۆتۈرۈپ دۇشمەن ئاكوبىغا ئۆزىنى ئېتىشقا ئالدىرىغان
ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ .پىجۇ ھاراق ئىچىۋاتقانلارنى كۆرسەم
قولىغا گىرانات ۋە پارتىلاتقۇچ بومبا ئېلىۋېلىپ دۈشمەنگە ئۆزىنى ئاتقان ھەتتا ئۆزىنى
قوشۇپ پارتىلىتىشقا ئالدىرايدىغان دوڭسۇڭرۇىيلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ .
شۇڭا نەدىكى كوكا كولا دىگەندەك ئەجنەبىلەرنىڭ نەرسىسىنى ئىستىمال قىلغاندىن
شۇ پۇلغان بىر قاپ تاماكا ئېلىپ ياكى بىر بوتولكا ھاراق ئېلىپ ئىستىمال قىلىڭ .شۇنىڭ
بىلەن سىز دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋياماتكا ياسىشى ئۈچۈن كۈچ قوشقان ھەم ئۈچ خىل كۈچنى يوقىتىش
ئۈچۈن مەردلەرچە سالامەتلىك ۋە ئەخلاق بەدىلى تۆلىگەن بولۇپ شەرەپ قۇچىسىز .بۇ ئەرزىيدۇ .
چۈنكى سىز ئازراق زىيان بەدىلىگە ،ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلىنىسىز .
دۆلىتىمىز گۈزەل كىلەچىگى ئۈچۈن ،چوك سەكرەپ
ئىلگىرىلىگەن ئىناق شىنجاڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تاماكا چىكەيلى ھاراق ئىچەيلى . |
|