- تىزىملاتقان
- 2011-11-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2925
- نادىر
- 0
- يازما
- 100
ئۆسۈش
  30.83%
|
” پەرزەنتلىرىڭىز سىزدىن كۆپ سوئال سورىسا ھەرگىز تېرىكمەڭ . مېنىڭچە ئەڭ كۆپ سوئال سورايدىغان بالا ، ئەڭ ئەقىللىق بالا.
پەرزەنتلەرگە سىرىتتا بىر خىل ، ئۆيدە بىرخىل مۇئامىلىدە بولماڭ . بۇ خىل مۇئامىلە پەرزەنتلەردىكى دەسلەپكى ساختىپەزلىكنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ .
تۇرمۇشىڭىزدىن ھەرقانچە بىزار بولسىڭىزمۇ ، پەرزەنتىڭىزگە بىزار بولغاندەك تەلەپپۇزدا ياكى نەزەردە قارىماڭ . ئۇمۇ سىزدىن بىزار بولۇشقا باشلىمىسۇ .
پەرزەنتلەر مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ چىرايىغا سەپسىلىڭ . ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا ، سەۋەبىنى سوراڭ . ئەمما ‹ نېمىشقا ئۇنداق قىلمىدىڭ ، نېمىشقا بۇنداق قىلمىدىڭ ....› دەپ ئۇنىڭغا خاپا بولماڭ . ئەكسىچە ھەركىمنىڭ ھاياتىنىڭ ھەرخىل بولىدىغانلىقىنى ، ئىنسانلارنىڭ مىجەزىنىڭ ھەرخىل بولىدىغانلىقىنى ، قانداق ۋاقىتتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈڭ . ئۇلارغا تەسەللى بېرىڭ . “
تەتىلمۇ باشلانغىلى خېلى كۈنلەر بولدى .ئادەتتە بالىڭىز دەرس ئوقۇش بىلەن ئالدىراش .ئەمدى بالىڭىز يېنىڭىزدا بالىڭىز ئۈچۈن مۇشۇلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى شۇ تۈگىمەس كورسلارغا ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزىڭىز خاتىرجەم ئۆيىڭىزدە ئولتۇرىۋاتامسىز؟ بالىڭىز ۋە ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ؟! |
|