قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 2

ئىقرار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 16:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقرار

(ھېكايە)

ئابدۇنىياز ئىمىن




   ئۆزەم بىلەن قىلىشىدىغان نۇرغۇن پاراڭلىرىم ۋە سوراپ بىلمەكچى بولغان جاۋابلىرىم بار،  گەرچە ئۆز دۇنيارىمغا بىر چۆكۈپ كەتسەم ئاسمان ئۆرىلىپ
چۈشسىمۇ پەرۋايىم پەلەك بىر ئادەم بولساممۇ، ئەمما بۇ دېئالوگلارنى ئادەمنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان قايناق بازارلاردا قىلالىشىم مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا يەنىلا
   ئادەمنىڭ روھى ئارام تاپىدىغان سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان(گەرچە سۈنئىي بولسىمۇ) شەھەرگە نىسبەتەن ئەڭ تىنچ ھېسابلىنىدىغان باغچىنى كۆڭلۈم تارتىپ بۇ يەرگە كەلدىم.      بۇ يەردە بىرتوپ قاچان كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان، نە ئىمتىھان، نە ئۆگىنىش، نە خىزمەتنىڭ بېسىمى بولمىغان قۇشلار ۋىچىرلاپ شاختىن-شاخقا سەكرەپ يۈرەتتى، سۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك نە ئالدىراش، نە جىددىيلىشش يوق ئەزمىلىك بىلەن سۇزۇلۇپ ئاقاتتى،ئادەملەر خۇددى ئەزەلدىن مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقاندەك سالماقلىق بىلەن قەدەم تاشلاپ،بىر- بىرلىرى بىلەن ئالدىرىماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چوڭقۇر پاراڭلىشاتتى، بۇلارغا قاراپ مەنمۇ رېئاللىقنى خېلى ئۇنتۇغاندەك بولدۇم ۋە خىيالغا پاتتىم.

__ ھوي، ئاكا!
       خىيالىمغا ئەمدى چوڭقۇرلىغاندا قۇلاق تۈۋىمدە شۇ ئاۋاز ياڭرىدى، بەلكىم باشقا بىرسىنى چاقىرىۋاتقاندۇ ، بۇ يەردە ھەممىسى ئۆزى بىلەن، كىم بىلەنكىمنىڭ كارى دەپ ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەردىم.

___ ھوي، ئاكا!
        قارىماي دېسەممۇ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي ئارقامغا ئۆرىلىپ سالدىم، ئارقامدا چىرايى قارىماققا بۇ شەھەردىكى شۇنداقلا مىللىتىمىز ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى قىزلاردا ئورتاق بىر قىز ماڭا تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى.
___ مەنما؟
___ ھەئە، سىز بولماي ئەمسە،

        ئۇنىڭ مېنى چاقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئويلاپ باقتىم، «بىر نەرسەمنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ئۇ تېپىۋالدىمۇ يە؟» چاندۇرماي يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپ مالتىلاپ باقتىم، ئاچقۇچۇم،تېلفۇنۇم ھەممىسى جايىدا، «سۈپىتىمدىن مەسىلە چىققانمىدۇ؟» كىيىملىرىمنىڭ ئارقا تەرىپىنى قولۇم يەتكەن يەرلىرىنى سىلاشتۇردۇم، مەسىلە باردەك ئەمەس، يەنە قانداق سەۋەب بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ بولغۇچە قىز جىمجىتلىقىنى بۇزدى:

___ قارىسام ئۆزىڭىز يالغۇز خىيال سۈرۈپ كېتىپ بارىدىكەنسىز، شۇڭا مەنمۇ يالغۇز ئىچىم پۇشۇپ پاراڭلىشايلىمىكىن دەپ چاقىرغان،___ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇنچە تەبئىي بولۇپ مېنىڭ بايىقى سەۋەب ئىزدەپ قىلغان قىلىقلىرىمغا ئازراقمۇ ھەيران قالمىغاندەك تەمكىن تۇراتتى.

       «توۋا» دەۋەتتىم ئىچىمدە، بىزدىمۇ غەربلىكتەك كۆڭلىدە نېمە بولسا باشقىلار نېمە دەپ ئويلاپ قالار
دەپ ئولتۇرماي ئەركىن ئازادە ئىپادىليەلەيدىغانلار باركەن- ھە؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە «تىلىسەڭ تاپارسەن» دەپ مەن دائىم قىزلار بىلەن مۇشۇنداق گۈزەل باغچىلاردا ياكى ئاپتۇبۇس بىلەن ئۆيگە قايتقاندا تۇنۇشۇپ قالسام دەيتتىم- يۇ، تارتىنچاقلىقم تۈپەيلى گەپ تاپالماي ھەم تاپقان گەپلىرىمنى دېيەلمەي نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىدىم. بۈگۈنكىسى بۇ چۈشمۇ ياكى پسخىكىدىكى تارتىش قانۇنىيتى كارامىتىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ.

__ بولىدۇ.
__ ئۇنداقتا گەپ باشلاڭ،_ دېدى قىز شوخلۇق بىلەن.
__  ھە، مەن تېخى گەپ قىلماي بىر- بىرىمىزنىڭ چىرايىمىزغا قاراپلا مەنا- مەقسەدنى چۈشىنىپ كېتىۋەرسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،-دېدىم مەن قىزلارنىڭ قىزىقچى ئادەملەرنى ياقتۇردىغانلىقىغا ئائىت بىر يەرلەردە ئۇقىغان نەرسىلەر ئېسىمگە كېلىپ.
__ بەك قىززىقكەنسىز، ھە راسىت ، ئۆزىڭىز يالغۇزغۇ؟
    ئىسمىنىمۇ سورىمايلا پاراڭلىشىدىغان بۇ ئۇسسۇل ماڭا بەك ياقتى. ئەگەر ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تىل بولسا ئىسمىنى ھامان سوراپ بىلىۋالىمەن، ئەگەر مەن «ئا» دېسەم، «س» دەيدىغان قۇرۇق پاراڭچى بولسا مۇشۇ پاراڭدىن كېيىن «ئەلۋىدا» دەپ  ئىزدىمەيلا قويىمەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىسمى مەن ئۈچۈن نامەلۇم بولغانلىقتىن خاتىرەمگە يۈك بولىدىغان ئشمۇ بولمايدۇ- دە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسلەپ ئاۋارە بولىدىغان ئىشمۇ بولمايدۇ.

___ ھە، مەن يالغۇزلۇقنى خالايمەن، شۇڭا ئۆزەم بىلەن پاراڭلىشاي دەپ،
___ سىزگە دەخلى قىپتىمەن-دە؟
___ ياقەي، سىزنىمۇ ئۆزەم دەپلا ئويلىسام بولمىدىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزەم سوئال سوراپ ئۆزەم جاۋاب بېرىپمۇ سەل ھارغان ئىدىم. ئەمدى يېرىم ھارغىنلىق ئازلايدىغان بولدى.
    گەپلىرىمدىن بولۇپمۇ «سىزنىمۇ ئۆزەم دەپلا ئويلىسام بولمىدىمۇ» دەپ شۇنچە تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭغا يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان سۆزنى دەل جايىدا  ئىشلىتەلىگەنلىكىمدىن خېلى خوشال بولۇپ قالدىم.
___ دېمىسىمۇ سىز روھىي جەھەتتىن بەكلا چارچىغاندەك تۇرىسىز

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى، روھىي چارچاشنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان بىرسى بىلەن پاراڭلىشش نىسىپ بوپتۇ، ئايلىنىش ئۈچۈن چىقارغان ۋاقتىم بىكارغا كەتمىگۈدەك دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
___ ھەئە، دائىم بىر نەرسەم كامدەك ھېس قىلىپ، شۇنى تېپىپ بولالماي بەك چارچىدىم.
___ مۇشۇنداق ئويلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىردا ئېتقاتتىن نىجاتلىق تاپقان، سىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقمىدىڭىزمۇ؟
«ھەقىقەتەن پاراڭلاشقۇچىلىكى بار بىرسىگە ئۇچراپتىمەن» دەپ ئويلىدىم ئۇنىڭ خۇددى ئىچمگە كىرىپ دىئاگنۇز قويۇپ چىققاندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ
___ سىناپ باقاي دەپ ئۇرۇندۇم، لېكىن بۈگۈنكىدەك ئېتقادلىقلار بىلەن ئېتقادسىزلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولماس بوپكەتكەن بىر زاماندا كىمدىن سوراپ، كىمدىن ئۆگىنىپ، قانداق بولىشنى بىلەلمىدىم،-  دېدىم ئېغىر ئۇھسىنىش بىلەن.
___ شۇڭا؟
___ شۇڭا، مۇشۇنداق زەھەر بىلەن زەھەرنى قايتۇرۇشنى ئويلىدىممۇ ئىشقىلىپ كەيىپ-ساپا، ئەيىش ئىشرەتنى كۆتۈرە ئالغاندەك شۇ كوچىدا ئەلەڭشىپ يۈردۈم،___شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ئېغىر گۇناھلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەمدىلا بىلگەندەك، خۇددى سوتتاسوتچىلار گۇناھلىرىمنى ئۈنلۈك ئاۋازدا قاتناشقۇچىلارغا ئوقۇپ بېرىۋاتقاندەك بولۇپ چۆچۈپ، ئۆز ئاغزىمدىن چىققان بۇ سۆزلاردىن قاتتىق ئەندىكىپ كەتتىم،__لېكىن بەزىدە روھىم تولىمۇ قۇرغاق ھېس قىلغاندا، گۇناھلىق ئىشلارنى قىىلپ غېرىبانە ياتىقىمغا قايىتقاندا، شاكال ماختاشلاردىن خالىي بولغاندا ئۆزەم ھەققىدە يەنە چوڭقۇر ئويغا پاتىمەن. ھە راسىت سىزمۇ....-ئۆزەم ھەققىدىلا سۆزلەپ كەتكىنىم ئېسىمگە كېلىپ ناتۇنۇش تۇنۇشۇمغا بۇرۇلدۇم. بىراق، ئەتىراپىمدا ھېچكىم يوق ئىدى. ئەجەپلەندىم، ئۇ مېنىڭ خىيالىممىدۇ؟ ياكى چۈشۈمنى رېئاللىق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويدۇممۇ؟ ۋە ياكى ھەقىقەتەن رېئاللىقتا بولغان  مەندەك ئاداشقان بىر روھ ئىگىسى بولسا مەندەك گۇناھلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاشقا نۇمۇس قىلىپ تىكىۋەتتىمۇ. كۈلدۈم ئىچىمدە، ئەگەر شۇنداق  بولسا ئۇ ھامان گۇناھىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ئۈچۈن مەندەك ئوخشاش تەسىراتتىكىلەردىن مەسلىھەت سورايدۇ.

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2770
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 22:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستەك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

1

دوست

677

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30780
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 17:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )