قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1084|ئىنكاس: 10

ئازغۇن ( ئىبرەتلىك )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

174

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31858
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 03:00:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازغۇن
( ئىبرەتلىك )

مەمتىمىن ھوشور ( قوشتاغ )


    ھۆرمەتلىك تورداش دوسلار ؛ بىر ھەپتىدىن بىرى مىنى مۇشۇ تىمىنى يىزىشىمغا سەۋەپچى بولغان يۇرتىمىزدا يۇز بەرگەن توۋەندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قىز ئوقوغۇچىسىنىڭ ئوز ئائىلىسىنى جۇملىدىن بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولوشنىڭ سەۋەپچىسى بولغان مىھرىبان ئانىسىنى ئۇنۇتقان ھالدا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئوز بەختىنى نابۇت قىلغانلىقىدەك ۋەقەلىك سوزلىنىدۇ ،

   ھۆرمەتلىك تورداش دوسلار؛ مەن بولسام ئاددى بىر دىخان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئارانلا تولوقسىز ئوتتورا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىغى سەۋەبىدىن ئوقوشنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئاددى بىر دىخان ئوغلى .مىنىڭ ئاتا - ئانام دىخان ۋە مەنمۇ دىخان بولغاچقىمۇ  ئۇزۇندىن بۇيان بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە يۇز بىرۋاتقان بىر قىسىم ناشايان ئىشلار بولوپمۇ بىر قىسىم ئوقوش يىشىدىكى پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ يات مىللەتلەرنى دوراپ مىللى مەدىنىيتىمىزدىن قىلچە ئەسىر يوق كىيىملەرنى كىيىپ ئەتراپىمىزدىكى بىزدىن چوڭ يۇرۇت موتىۋەرلىرى ۋە بىر قىسىم بىلىملىك ھەقنى تەۋسىيە قىلدىغان كىشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى خۇددى بىر ياخشى ئىش قىلغاندەكلا  ئوز ئوزگە پەخىرلىنىپ يۇرۋاتقان باشلانغۇچ ،ئوتتورا ۋە ئالى مەكتەپ ئوقوغوچىللىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم ياش نوتىلارنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلىۋاتقان قانۇنسىز قىلمىشلىرى ۋە بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئوزگەرتىش ئورونلىرغا كىرىپ قىلىپ ئوزنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىش بىلەن بىرگە ئاتا - ئانىسى ، قىرىنداشلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق - تۇققانلىرنىڭ جەمئىيەتتىكى يۇز ئابرۇيى ۋە ئىناۋىتىگە تەسەر يەتكۇزۋاتقان قىلمىشلىرىنى كورسەم ۋە ئاڭلىسام نىمە ئۇچۇندۇر يۇقارقى ئىشلارغا قارتا ئىككى ئىغىز لىلا گەپ قىلغۇم ۋە ھەمدە كوكرەك كىرىپ

ناشايان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى قامچىلىغۇم كىلىدىغان شۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنى يۇقرى كۆتۈرۈش، ياش پەرزەتلىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ جەمئىيەتكە ۋە ئاتا-ئانىسىغا  يۈك ۋە بىسىم پەيدا قىلماي ئائىلىدە ياخشى پەرزەنىت مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى جەمئىيەتتە بولسا باشقىلارنى توغرا يولغا يىتەكلىيەلەيدىغان ياخشى بىرباشلامچى بولوپ شۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسى بەخىت سائادىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا  كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە ئازبولسىمۇ كۇچۇمنى قوشۇشقا بەل باغلاپ توۋەندىكى تىمامنى يىزىپ ئولتورۇپتىمەن ،  

    دىمەكچى بولغۇنۇم ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر تىما يىزىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن مىنىڭ باشقا تور بىكەتلىرىدە جۇملىدىن باغداش تورى مۇنازىرە مۇنبىرىگە تىما يوللاشنى كوپ ئويلىغان بولساممۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ تىمامنى تەستىقلىماي قويشىدىن ۋە كەڭ تورداش دوسلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئارقىلىق مازاق قىلىشى ۋە شۇنۇڭدەك كۇلكىگە قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ يازماي كەلگەن ئىدىم ، بىراق بىرھەپتىدىن بىرى مۇشۇ يىزىش ئالدىدا تۇرغان تىمامنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بىر ئاددى ئائىلىدىن كىلىپ چىققان  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 - يىللىقىدا ئوقوۋاتقان 14 ياشلىق بىر  قىز ئوقوغۇچىنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئاتا - ئانىسى. قىرىنداشلىرى. ئوقوتقۇچى ئۇستازلىرى. ۋە ساۋاقداشلىرى ھەمدە جەمئيەتتىكى دوسلىرىن ئايرىلىپ قىلىپ ئوز بەختىنى نابۇت قىلغانلىقىدەك بىرۋەقەلىك مىنى پەقەت ئارامىدا قويماي شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، كەڭ تورداش دوسلارنىڭ مىنى  توغرا چۇشۇنۇپ   تىمامنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن يۇقارقىدەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئاتا - ئانىسى مەكتىۋى ساۋاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتقان ياش نوتىلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلىپ ياخشى بىلىم ئىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئورتاق پىكىرلىشىپ باقساق دىمەكچىمەن.

( توۋەندىكى تىمامنى يىزىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىپ ئوتىدىغان بىر ئىش ؛ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش يۇزسىدىن ) ؛  ‹‹مەزكۇر ئوقوغۇچى ئىسمى ، ئوقوۋاتقان مەكتەپ ئىسمى ،  مەزكۇر ئوقوغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئاكىسىنىڭ ئىسمى ئوزگەرتىلدى ››

   


      گۈزەلنۇر 2000 - يىلى ياز كۇنلىرىنىڭ بىرىدە  ناھىيمىزنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بەخىتكە تولغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلدى . بۇ قىز يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىسمى جىسمىغا لايىق شۇنداق گۇزەل لاتاپىتى بىلەن چوڭ بولۇپ ئوقۇش يىشىغا توشۇپ 2006 - يىلى ناھىيىمىز ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى ، گۇزەلنۇر گۇزەل لاتاپىتى  ۋە ئەقىلىقلىغى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوستازلىرى ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ ئوقوشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان گۈزەلنۇر 3 - يىللىقا چىققان 2010 - يىلى دادىسى قۇربان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ 10 يىللىق  ھوكۈم كىسىلدى ، دادىسىنىڭ بۇ ئىشى بىلەن گۇزەلنور تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇش شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ ياراملىق ئادەم بولۇش مەخسىتىدە ئانىسى بىلىقىزنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشىدە راس دىگەندەك مەكتەپتىكى ھەر تۇرلۇك دەرىسلەر ۋە تۇرلۇك پائالىيەتلەردە مەكتەپ بويچە كۆزگە كورنەرلىك نەتىجىلەر بىلەن ئوقوشنى دا ۋا ملاشتۇرۇپ مەكتەپتە ئوتكۈزۈلگەن خەنزۇ تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش . رىياسەتچىلىك . ناخشا ئىيتىش . ئۇسۇل ئويناش مۇسابىقىلىردە كورنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى تەرپىدىن كۆپ قىتىم موكاپاتلاندى ۋە تەقدىرلەندى .        شۇمۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى گۇزەلنۈرنىڭ يوقارقى نەتىجىلىرنى  ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى كوزدە تۇتۇپ سىنىپ ئۇگۇنۇش باشلىغى ھەمدە ئوقوغۇچىلار ئۇيۇشما رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى ،شۇنىڭ بىلەن گۇزەلنۈر مەكتەپتە ئوقوتقۇچى ئۇستازلىرى ساۋاقداشلىرى ئائىلىسىدە دادا ۋە ئانا بولۇپ ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك بارلىق ئىشلارنى ئۇستىگە ئالغۇچى گۇزەلنۈرنىڭ ئانىسى بولغان بىلىقىزنىڭ يۇكسەك قوللىشىغا ۋە تىخىمۇ كۆڭۈل قويشىغا مۇيەسسەر بولدى .گۇزەلنۇرنىڭ ئائىلىسىنىڭ مۇقۇم ئىش ئورنى ۋە كەسپى بولمىغانلىقتىن ئانىسى4 ياشقا كىرگەن بالىسىنى كۆتۈرۈپ بار ئاماللار بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ قانداق قىلسام بالىلىرىمىن ياخشى ئوقىتىمەن دەپ كىچە كۇندۇز شۇ پۇلنىڭ غىمىدە باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە تونۇش بىلىشلىرىدىن قەرىز ئىلىپ چوڭ ئوغلى ئابدۇللانى قىزى گۈزەلنۇرنى كىچىك ئوغلى مۇرادىلنى ياخشى كىيدۇرۇپ ياخشى يىدۇرۇش شۇ ئارقىلىق ياخشى ئوقوتوپ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ياخشى گۇزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش بىلەن تارتمىغان جاپالىرى قالمىدى . نەتجىدە چوڭ ئوغلى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەخسەت قىلىپ تولوقسىزنى پۇتتۇرۇپلا ئوقوشتىن توختاپ قىلىپ تامچىلىق كەسپىنى ئوگەنگەن بولىمۇ لىكىن بۇكەسىپ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا دىگەندەك بەخىت ئاتا قىلالماي ئائىلە قىينىچىلىغى باغانسىرى ئىغىرلاپ كىتىپ 20ياشقا كىرىپ قالغان ئابدۇللانىڭ توي قىلىپ ئويلوك ئوچاقلىق بولدىغان ۋاقىتتىنمۇ ئوتوپ كەتتى  .  

     بىر ئائىلىگە بولوپمۇ ھىچقانداق كىرىم مەنبىئى بولمىغان بىر ئائىلە ئۇچۇن تۇرمۇش قامدا ش بولوپمۇ ناھىيە بازىردا جان باقماق تورداش دوسلارغا ئىنىق ئايان بولسا كىرەك ، شۇنداق قىلىپ بارئاماللار بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقوشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىقان گۇزەلنور 6 - يىللىققا قەدەم قويدى ، لىكىن ئانا بولغان ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۇز پەرزەنتىنىڭ  بەختىنى ۋە خۇشاللىغىنى ئويلىمايدىغا ن بىر كۇنىمۇ بولمىسا كىرەك .گۇزەلنور شۇنداق قىلىپ مانا بۇ يىل 14 ياشقا قەدەم قويوپ باشقا ساۋاقداش دوسلىرىنىڭ مەكتەپكە كوتوروپ كەلگەن قىممەت باھالىق تىلفۇنلىرىغا كىيىپ كەلگەن مودا كىيىم- كىچەكلىرىگە تۇغۇلغان كۇن ئوتكوزوشلىرىگە ھەۋەس بىلەن قارا يدىغان ، ھەمدە ئانىسى بىلىقىزدىن ھەپتىدە ئۇدا نەچچە قىتىىم پۇل سورايدىغان بولوپ قالدى .بىلىقىزمۇ گۇزەلنورنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن دەپ بارچە ئاماللارنى قىلىپ گۇزەلنورنىڭ پۇلغا بولغان تەلىۋىنى رەت قىلماي كەلدى .

      گۇزەلنورنىڭ ئوقوشى شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ھەپتىدە بىر - ئىككى قىتىم پالانى ساۋاقدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە بارمەن دەپ  ئويىگە يىرىم كىچىدە كىلىدىغان تىخى بەزىدە پالانى ساۋاقدىشىمىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىر يەرگە كىتىپتىكەن بۇگۇن ساۋاقدىشىم ياكى  دوستۇم يالغۇز قاپتىكەن بىر كىچە قونۇشۇپ بەرگىن دىدى .مەن قونوشوپ بەرمىسەم زادى بولمايدۇ ئەگەردە قونوشوپ بەمىسەم مەندىن دوستۇم ياكا ساۋاقدىشىم رەنجىپ قالىدۇ دەپ ئانا ۋە ئاكا مۇھەببىتىدىن ساۋاقداشلىرى ھەمدە دوستىلىرى مۇھەببىتىنى ئەلا بىلىپ،بىلىقىزنىڭ ۋە ئاكىسى ئابدۇللانىڭ يالۋۇرۇپ يىنىشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماستىن چىقىپ كىتىپ ئەتىسى قايتىپ كىلىدىغان ئىشلار داۋاملاشتى ،تىخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر جۇمە كۇنى چۇشتىن كىيىن مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن گۇزەلنور مەن بۇگۇن كىچە بىر دوستومغا قونوشوپ بىرىمەن دوستومنىڭ ئاتا -ئانىسى ئۇرشۇپ قىلىپ ئىككىلىسى دوستومىن تاشلاپ قويوپ باشقا جايغا كىتىپتۇ ، مەن بۇگۇن كىچە چوقوم بارمىسام بولمايدۇ ، دەپ ئانىسى بىلىقىز بىلەن تاكاللىشىپ جىدەل تىرىدى،ئاكىسى ئابدۇللامۇ گۇزەلنورغا ئانامنىڭ گىپىگە نىمە دەپ قۇلاق سالمايسەن سەن دىگەن قىز بالا سىرىتقا چىقىپ باشقىلارنىڭ ئويدە قونوپ يۇرسەڭ ئانام بىلەم مەن قانداق يۇزۇمىزنى كوتوروپ يۇرىيمىز ، بولدى بامايسەن دەپ تەربىيە قىلغان بولسىمۇ لىكىن گۇزەلنور سىلەر دوستۇمنىڭ ئويگە بىرىپ قونغىلى قويمىساڭلار مەن قىچىپ كىتىپ ئىككىنچىلەپ بۇ ئويگە قايتىپ كەلمەيمەن دەپ ئانىسى بىلىقىز بىلەن ئاكىسى ئابدۇللاغا تەھدىت سىلىپ تۇرۋالدى .

     شۇنىڭ بىلەن گۇزەلنورنى ئانىسى بىلىقىز بىلەن ئاكىسى ئابدۇللا ئايريم ئويگە سولاپ قويوپ قىچىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا كىلىشىپ دىگەندەك ئايرىم ئويگە سولاپ قويدى .سولاپ قويدىيۇ ئانا بولغان بىلىقىزنىڭ قىزىغابولغان مىھرى مۇھەبىتى  قىزى گۇزەلنورنىڭ يۇقارقىدەك ئانا ۋە قىرىنداش ئاكىسىنى كوزگە ئىلمىي قىلغان  قىلىقلىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ يۇرىگى پىچاق تىلغاندەك بولوپ  قىزىم گۇزەلنور 12 - ئاي سوغوقتا توڭلاپ قالمىسۇن دەپ تاقالغان ئىشىكنى ئىچىپ مەشكە ئوت قالاپ ئوينى ئىستىپ بىرەي دەپ ئىشىكنى ئىچىشىغا قىچىشنى ئاللاقاچان قارار قىلغان  گۇزەلنور يۇگرەپ تۇرۇپ ئىشىككە ئوزنى ئىتىپ جىنىم ئانا مىنى كەتكىلى قويوڭ دەپ قىچىشقا ماڭغاندا بىلىقىز گۇزەلنورنىڭ بىلىگىنى چىڭ تۇتۇپ جىنىم قىزىم ئۇنداق قىلماڭ سىز ئۇيەرگە بارسىڭىز بولمايدۇ . سىز دىگەن قىز بالا سىز مىنى ئويلىمىسىڭىزمۇ ئوزىڭىزنى چوقوم ئويلاڭ سىز دىگەن ئوقوۋاتىقان گۇدەك بالا دەپ بىر تاغار تەربىيەلەرنى قىلغان بولسىمۇ ئاللاقاچان شەيتا ننىڭ كەينىگە كىرىپ خاتا يولغا مىڭىشنى پىلانلىغان گۇزەلنورنىڭ ئانىسى بىلىقىزغا بەرگەن جاۋابى شۇ بولدىكى « سەن مىنىڭ ئانام ئەمەس .مىنىڭ سىنىڭدەك ئانام يوق ›› دىگە ن ئىككى جۇملە سوز بولدى . ئانا بولغا ن بىلىقىز ئاھ خۇدا مەن نىمە بولغان بەندە قىزىم گۇزەلنور ئۇنداق قىلما مەن سىنى ھالال سۇتۇم بىلەن ئىغىزلاندۇرۇپ. پاك مىھرىمنى بىرىپ ئوزومنىڭ كوز يىشىم ۋە جاپايىم بەدىلىگە بىقىپ چوڭ قىلىپ ئىغىزىڭدىن چىققان ھازىرقىدەك مۇشۇ جاۋابىڭنى كۇتكەنمۇ مەن دەپ ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتتى دە گۇزەلنۇرنىڭ يۇزگە بىر شاپىلاق سالدى .سالدىيۇ يۇرەك پارىسى بولغان ئوز قىزىنىڭ يىغا ئاۋازىغايۇرگى چىدىماي   گۇزەلنۇرنى باغرىغا بىسىشقا تەمشىلگەندە گۇزەلنۇر يەنە قىچىش كويدا بىلىقىزنىڭ قولىنى قاتتىق سىلكىشكە باشلىدى .شۇنداق قىلىپ بىلىقىز يۇركىگە تاشنى تىڭىپ تىزلىك بىلەن گۇزەلنورنى ئويدە قالدۇرۇپ ئىشىك تىشىدىن قۇلۇپنى باستى.بۇ كىچە سائەت دەل 2 بولغان چاغ ئىدى .بىلىقىز كىرپىك قاقماي گۇزەلنۇرنىڭ قىچىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشىك تۇۋىدە ئورە تۇرۇپ بىر كىچىنى تاڭ ئاتتۇردى. ئەتىسى بىلىقىزنىڭ يولدىشى قۇرباننىڭ ئاچىسىنىڭ ئويدە توي بولغاچقا بۇ تويغا بىلىقىز قاتناشمىسا بولماييتى .بىراق قانداق قىلىش كىرەك . بىلىقىز ئەتىسى ئەتتىگەن گۇزەلنور سولاپ قويولغان ئويگە كىرىپ گۇزەلنورنىڭ شىرىن ئۇيقىغا كەتكەنلىگىنى كوروپ ئوغلى ئابدۇللاغا سىز مىنى تويغا ئاپرىپ قويوپ تىز كىلىپ سىڭلىڭىز گۇزەلنورغا ياخشى قاراڭ دەپ بىلىقىز ئابدۇللا  ۋە كىچىك ئوغلى مۇرادىلنى ئىلىپ تويغا راۋان بولدى . ئابدۇللا ئانىسى بىلىقىزنى تويغا ئاپرىپ قويوپ كەلگۇچە بولغان يىرىم سائەت ئوتكەن ۋاقىت ئىچىدە ئابدۇللا ئويگە قايتىپ كەلگەندە گۇزەلنور سولاپ قويولغان ئوينىڭ دەرىزىسى ئاجىرتىلىپ گۇزەلنور ئاللاقاچان قىچىپ چىقىپ كەتكەنلىگىنى كوردى ،ئابدۇللا بۇ شۇم خەۋەرنى دەرھال بىلىقىزغا خەۋەر قىلدى ، بىلىقىز گۇزەلنورنىڭ بىرىش ئىھتىمالى بولغان باھارلىق ئوروق تۇققانلىرى .گۇزەلنورنىڭ بىرگە ئوينايدىغان دوسلىرى ۋە ئوقوتقۇچىللىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەن بولسىمۇ گۇزەلنورنىڭ ھىچقانداق خەۋرىنى ئالالمىدى. بىچارە بىلىقىز قان - قان يىغلاپ بارمىغان يەرلىرى قالماي ئاخىرى ساقچىخانىغا گۇزەلنورنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگەى توغورلوق دىلو مەلوم قىلدى. ھەمدە قىزى گۇزەلنورنى ئىزدەشنى بىر مىنۇتمۇ توختۇتۇپ قۇيماي بارلىق تونوش بىلىشلىرى ئارقىلىق گۇزەلنورنى تىپىپ چىقىشنى قارار قىلدى . ئاردىن2 كۇن ئوتكەندە گۇزەلنورنىڭ يىزىدىكى بىر دوستىنىڭ ئويدە تۇرۋاتقانلىقى توغورلوق مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئىرىشتى .بىلىقىز يۇقارقى ئويگە يىتىپ بارغان بولسىمۇ بۇ ئويدە ئادەم يوق بولوپ چىقتى، بىلىقىز نىمەم كەتسە مەيلى قىزىمنى چوقوم تىپىپ چىقىمەن دەپ كوز يىشى قىلىپ يۇقارقى ئوينى كۇزتىشنى نىيەت قىلىپ 27 سائەت كۇزتۇش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ ئويگە ئادەم كەلگەندە ساقچىلارغا خەۋەر قىلدى . ساقچىلار ۋە بىلىقىز يۇقارقى ئويگە كىرگەندە چوڭى 16ياش كىچىكى 13ياشلىق قىز بالىلار ۋە ئويدىكى ھاراق بوتولكىلىرنى كورگەن بولسىمۇ بۇئويدە گۇزەلنورنىڭ پۇتىغا كەيگەن ئايىغىدىن باشقا گۇزەلنور يوق بولوپ چىقتى.

    ساقچىلار گۇزەلنورنىڭ دوسلىرنى سوراق قىلىش ئارقىلىق گۇزەلنور ۋە ئۇنىڭ دوستى ئىككى ئوغول بالا بىلەن ۋىلايەت مەركىزىگە قىچىپ كەتكەنلىگى مەلۇم بولدى ،ئەگەردە جىددى تۇتۇش قىلىنىپ ئىزدەپ تاپمىغاندا ئىچكىرى ئولكىگە كىتىپ كىتىش مومكىنچىلىكى بارلىغى ئىنىقلاندى .ساقچىلارمۇ بۇ ئىشتىن پايدا چىقماسلىقنى بىلىقىزنىڭ قول ئىلكىدە يوقلىغىنى بىلگە ندىن كىيىن  گۇزەلنور قايتىپ كەلسە بىزگە خەۋەر قىلىڭ دەپلا يولغا سا لدى . بىلىقىز قىزى گۇزەلنورنى تولا ئويلاپ خىيالىغا كەلتۇرمىگەن ئىش قالماي باشقىلاردىن قەرىز ئىلىپ قىزىى گۇزەلنورنى  دەرھال ئىزدەش تەييارلىقى قىلىۋاتقان پەيىتتە تونومايدىغان بىر نوموردىن تىلفۇن كەلدى .بۇ دەل گۇزەلنور ئىدى. تىلفۇندا گۇزەلنور ئۇ ئانىسى بىلىقىزغا مەن ۋىلايەت مەركىزىدە ئەمەس مىنى ئىزدىمەڭ .مەن ئويگە ھەرگىزمۇ بارمايمەن مىنى ئەمدى ئىسىگىزدىن چىقىرۋىتىڭ دەپلا تلفۇننى قويۋەتتى .بىچارە ئانا بىلىقىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ يىقىلىپ چۇشۇپ ئاغرىپ يىتىپ قالدى، ئۇدا نەچچە كۇن تاماقمۇ يىمەي بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولوپ قىلىپ كوز يىشى قورمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدى . بۇ ئشلار ئاز كەلگەندەك گۇزەلنورنىڭ ئوقوتقۇچى ئۇستازلىرى كۇندە كىلىپ بىلىقىزغا قىزىڭىزنى تىپىپ كىلىڭ .مەكتەپكە تۇراقلاشمىدى دىگەندەك گەپلەر بىلەن بىلىقىزنىڭ يۇرگىنى زىدە قىلىپ بىچارە ئانا ئۇچۇن ئوت ئۇستىگە ياغ چىچىپ ئازاپنى ئىغىرلىتىپ قويدى . ئارىدىن 6 كۇن ئوتكەن بىر چۇشتىن بۇرۇن ئىشىكتىن گۇزەلنور كىرىپ كەلدى ھەمدە ئانىسى بىلىقىزنى مەنسىتمىگەن ھالدا قاراپ تۇردى ، بىچارە ئانا باشقا گەپ قىلماي بوپتۇ ئارام ئىلىۋالسۇن ، ئەتە تاڭ ئاتقاندە پاراڭلىشاي دەپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى .شۇندا ق قىلىپ ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا گۇزەلنۇر بىر قىز دوستى ۋە ئىككى ئوغول دوستى بىلەن ۋىلايەت مەركىزىگە بارغانلىغىدەك ئىشلىرىنى ئىيىتتى . بۇ گەپنى ئالىغان ئاكىسى ئابدۇللا نىڭ قاتتىق غەزىپى تىشىپ گۇزەلنورنى قاتتىق ئۇرۇپ يارلاندۇرۇپ قويدى . بىچارە ئانا بىلىقىز يالۋۇرۇپ ئابدۇللانى توسىۋالغاندىن كىيىن گۇزەلنورغا  يىلىنىپ يالۋۇرۇپ ھەقىقى ئەھۋالنى تەپسىلى ئىيتىشنى ئوتوندى ،گۇزەلنور يىغلاپ تۇرۇپ مىنى كەچەرۇڭ ئانا مەن ھەممىنى ئىيتاي دەپ گەپ باشلىدى. مەن ئويدىن چىقىپ كىتىپ بىر كۇن دۇسلورومنىڭ ئويدە تۇرغاندىن كىيىن بىر يىلدىن بىرى ئارلىشىپ كىلىۋاتقان ئوغول دوستۇم بىلال بىلەن ۋىلايەت مەركىزىگە بىرىپ مىھمانخانىدا تۇردۇق .دەپ سوزىنى داۋام قىلاتتى گۇزەلنور يىغلاپ تۇرۇپ شۇ ئاردا ئانىسى بىلىقىزبىلال بىلەن ئىككىڭلار غەيرى مۇناسىۋەتتە بولدىڭلارمۇ ؟ دەپ سورغان سۇئالىغا گۇزەلنور شۇنداق بولدى دەپ جاۋاپ بەرگە ندە بىلىقىز يەنە بىر قىتىم خۇدانى ئاغزىغا ئىلىپ قىزنىڭ گۇناھىنى تىلەپ   قاتتىق يىغلاپ كەتتى ، شۇنداق قىلىپ بىچارە بىلىقىز ياشلىق باھارى نابۇت بولغان قىزىنىڭ كوزيىشىغا چىدىماي بۇ ئىش ئوز مەيلىڭلارچە بولدىمۇ ياكى مەجبۇرلاندىڭمۇ؟  دەپ سۇرغا ندا گۇزەلنور ھىچ ھۇدۇقماستىنلا ئوز رازىلىغىم بىلەن شۇنداق بولدى ئانا دەپ تىزلا جاۋاپ قايتۇردى.  بولدى قىل بالام بولار ئىش بوپلوپ بوپتۇ سەن بىلالدىن ئايرىلىپ كەت .سەن ئوقومىساڭ بولمايدۇ دەپ قانچە تەربىيە قەلغا ن بولسىمۇ گۇزە لنور ياق .ئانا مەن ئونىڭدىن ئايرىلالمايمەن مەن ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئوز پىكىرنى بايان قىلدى. ئەتىسى  بىلىقىز بىلال دىگەن بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنى سۇرۇشتە قىلىپ  . بىلالنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ  خلى يۇز ئابرۇيى بار ياخشى ياماننى بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىگىنى بىلىپ گۇزەلنور بىلەن بىلالنىڭ ئىشىنى قانداق قىلىش توغورسىدا مەسلەھەتلىشىش ئۇچۇن بىلالنىڭ دادىسى بىلەن كورشوپ بولغان ئىشلارنى تەپسىلى  ئىيىتتى .

     بىلالنىڭ دادىسى بوپتۇ بالىلار تىخى كىچىك شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئىزىپ قاپتۇ ، سىلى نىمە دىسىلە شۇ بولسۇن بالىلارنىڭ توينى قىلىپ قويايلى دەپ جاۋاپ بەردى .ھەمدە بىلال ھازىرغىچە ئويگە قايتىپ كەلمىدى . بىلال قايتىپ كەلگەندە مەسلەھەت بىلەن ئىش قىلايلى . دەپ جاۋاپ بەردى . بۇگۇن ئەتتىگەن يىڭى يىلنىڭ 1 - كۇنى بولغاچقا  بىلىقىز ئەتتىگەن تۇرۇپ ھويلا ئاراملارنى يىغىشتۇرۇپ بولوپ بالىلىرىمنى  ياخشى غىزالاندۇرۇپ قوياي دەپ ئازغىنە توۋەن تۇرمۇش پۇلىسىدىن يىغىپ ساقلاپ قويغان پۇلغا بازاردىن گۇش ۋە سەي كوكتات سىتىۋىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقاندا گۇزەلنور سىرىتقا ماڭدى .بىلىقىز نەگە قىزىم دەپ سورغا ندا ھازىر كىرمەن ئانا دەپ چىقىپ كىتىپ  تەخمىنەن 1 سائات ئەتراپىدا قايتىپ كىلىپ ئانا مەن ۋىلايەت مەركىزىگە باردىغان ئىشىم چىقىپ قالدى . بىر دوستوم تىلفۇن قىپتۇ ھىلىقى بىلال دىگەن دوستۇم ھازىر ئىچكىرى ئولكىگە قاچماقچى بولىۋىتىپتۇ .مەن كىرىپ قايتۇرۇپ  ئىلىپ كىلىمەن . ئەگەردە تاپالمىسا م بىلال ئۇستىدىن سوت مەھكىمىسىگە مىنىڭ نۇمۇسۇمغا تەگدى دەپ ئەرىز قىلىمەن . دەپ ئانىسى بىلىقىزنى گاڭگىرتىپلا قويدى . بىچارە بىلىقىز بولسا بالام ئوزوڭنى تۇتىۋال ھەم مەندە ساڭا بىردىغان پۇلمۇ يوق ، دىگە ندە مەندە پۇل بار ئانا ئاكام ئابدۇللانىڭ 1500 يۇە نگە سىتىۋالغان تىلفۇنىنى 500 يۇەنگە ھازىر سىتىپ كىردىم . خوش ئانا مەن ماڭدىم . دەپلا بىچارە ئانا بىلىقىزنى خوشمۇ دىمەيلا كەينىگىمۇ قارماستىن كىتىپ قالدى .

   ھۆرمەتلىك تورداشلار ؛ ھەممىمىزنىڭ بىلىقىزغا ئوخشاش ئانىمىز بار. ۋە گۇزەلنۇرغا گۇدەك سىڭىللىرىمىز ھەم قىزلىرىمىز  بار. بىچارە ئانا بىلىقىز زادى قانداق قىلىدۇ ،ئوز قىزىنىڭ يۇقارقىدەك شەيتان كەينىگە كىرىپ ئەدەپ ئەخلاقنى .شەرمى ھايانى بىر چەتكە قايرىپ قويوپ قىلىپ قويغان بىر ئومور ۋىجدان ئازابى تارتىدىغان باشقىلارغا ئىيتسا تاماششا كوردىغان بۇ قىلمىشقا قارتا قول قوشتورۇپ تۇرشى كىرەكمۇ ياكى  گۇزەلنورنى بىلالغا ياتلىق قىلىش كىرەكمۇ . ۋە ياكى بىلال ئۇستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىش كىرەكمۇ .مۇشۇ تىما ئۇستىدە ئورتاق پىكىرلىشىپ باقساق دىمەكچىمەن .  

0

تېما

0

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30065
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 15:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى ئىككى تەرەپنىڭ چوڭلىرى مەسلىھەتلىشىپ توينى قىلىۋەتكەن ياخشى، ئەرىز قىلىپ ، باشقىلارغا ئېيتىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق.
قېرىنداشلار ، شەرمى- ھايالىق، گۈزەل ئەخلاقلىق بۇلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى....!ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا، ئاكا-ئىنىللىرىمىزگە مەسئۇل بۇلايلى، ئۇلارغا شەرمى- ھايالىق بۇلىشنى،دۇرۇس ياشاشنى تەۋسىيە قىلايلى.....!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1351

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 16:37:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمتىخان؛؛؛؛كاللىڭىز  چاتاقمۇ ياكى  قانۇننى  بىلمەمسىز،بۇ قىزنى ئەمدى  14ياش        دەپتۇ،خالىغانچە  توي  قىلىشقا  قانۇن  يول  قويمايدۇ.بىلالمۇ  ياخشى  بالا  ئەمەسكەن   شۇڭا  ئۇنى   تورمىگە  سولاتقان  ياخشى،  بولمىسا  يەنە  قانچىلغان  قىزلارنى  ۋەيران   قىلىدۇ.شۇڭا  رەھىم  قىلماسلىق  كېرەك.......................................،

0

تېما

5

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32248
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 20:55:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساپ بەرمىسە بىكا.

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 23:03:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرسى يوقمۇ ؟ بىلال قېچىپ كەتتىمۇ ياكى قايتىپ كەلدىمۇ ؟ ئادەمنى ياخشى ئوقۇتسىلا كۇپايە ئەمەس، ئەخلاق ۋە ئىشىنىش جەھەتتىمۇ تەربىيلەش كېرەك.

0

تېما

3

دوست

1320

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25233
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 00:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمنى بۇيەرگە يېزىپ مەسلەھەت سورغىنڭىز ئانچە مۇۋاپىق بولماپتۇ... بۇنداق ئىشلارنى تورغا يوللىماي كوپنى كورگەن بېشدىن ئىسسق سۇغۇپ كۆپ ئۈتۈلگەن كىشلەردىن مەسلەھەت سۇراپ يەڭ ئىچدە بىر تەرەپ قىلساڭلار ياخشى بۇلاتتى...بۇقىلغىنىڭلار خۇددى ماقال تەمسىللەردە ئيتىلغان«چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۇشۇكنىڭ قۇيرىقغا دەسسەپتۇ»دىگەنگە ئۇخشاش بوپتۇ.چۈنكى ھازىرقى قانۇندا 14ياشتىن تۈۋەن قىزغا توي خېتى كىسىش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى ئۇنداق ئىش قىلغانلارنى باسقۇنچى دەپ ئەيىپلەپ تۈرمىگە يوللايدۇ ئۇ قىز رازى بولغان ھالەتتىمۇ!

0

تېما

1

دوست

681

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32599
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 20:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ . ئېملايىڭىز قىلىقسىز خاتا ئىكەن جۇمۇ !  

خوجە

0

تېما

11

دوست

4662

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1299
توردىكى ۋاقتى: 372
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 21:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000-يىلى تۇغۇلۇپ  2006-يىلى مەكتەپكە  كىرسە شۇنداق قىلىپ بۇ قىز 8يىل باشلانغۇچتا ئوقۇدىما ئەمدى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )