قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1062|ئىنكاس: 4

نەۋايىنىڭ ئارمانى (تارىخىي ھېكايە)-خۇرشىد دەۋران

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4131

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1353
توردىكى ۋاقتى: 1046
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 05:48:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايىنىڭ ئارمانى  
(تارىخىي ھېكايە)

خۇرشىد دەۋران(ئۆزبېكىستان)



    شاھزادە مۆمىن مىرزا ئۆلتۈرۈلگەن ھىجىريە 903-يىلى (مىلادى 1497-يىلى) باھاردا ئەمىر ئەلىشىر مەشھەدتە ئىدى. شۇ چاغدائۇ بۇ كەنتكە، ئۆزى بىرچاغلاردا ساۋاق ئالغان ئىمام مىرزا مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىشقابېرىپ، يىتىم-يېسىرلارغا زاكات ئۆلەشتۈرىدىغان غەلۋىرخانا قۇرۇش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپقالغانلىقى ئۈچۈن دارۇل سەلتەنەتكە قايتىشقا سەل كېچىكىپ قالغان ئىدى.

    ئەمىر ئەلىشىر ناۋايى ھىراتقاقايتىپ كېتىۋېتىپ، نەۋجۇۋان شاھزادىنىڭ شەپقەتسىزلەرچە قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدى ۋە قاتتىق قايغۇردى. شۇڭا ئۇ ھىراتقا يىتىپ بارغاندا كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان يارۇ-بۇرادەرلىرىگە چوڭقۇر ھەسرەت-نادامەت بىلەن «بىر چاغلاردا شەيىخ مەجدىدىن باغدادىنىڭ ئۆلتۈرلىشى ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان چىڭگىزخاننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ماۋەرائۇننەھىرۋە خۇراسان قانداق خانىۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسا، مۆمىن مىرزىنىڭ ئۆلتۈرلۈش ئاقىۋىتىمۇ خۇددى شۇنىڭدەك چوڭ پالاكەتنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»، -دېدى.ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بوۋىسى ئۆز نەۋرىسىنى ئۆلتۈرۈشتەك بۇنداق قەبىھانە قاتىللىققا پەتىۋابېرىشنىڭ سەلتەنەت ئىنقىرازىنىڭ ئاشكارلىنىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلغانلىقىنى بايقىغان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا قاتتىق غەزەپلەندى. ئەمما ئۇ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتمىسا بولمايتتى،چۈنكى پادىشاھنىڭ تۇنجى ئوغلى، شەھىد شاھزادىنىڭ ئاتىسى بەدئۇززامان مىرزىنىڭ ھامان بىركۈنى ئوغلىنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ ئىسيان كۆتىرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا بۇنداق شارائىتتا، ئەمىر ئەلىشىر بىلەن ئارىنى بۇزۇشنى خالىمايتتى.
     سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا بۇكۆڭۈلسىز ۋەقەدىن كېيىن، توپتوغرا يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ يېقىن قەدىردانى بولغان ئەمىر ئەلىشىرنىڭ دۆلەت-سەلتەنەت ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تامامەن چەتكە ئېلىشقا، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەھدى قىلغانلىقىدىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى.ئۇ، بۇخەۋەرنى ئۇققانىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشقا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمىدى. ئەمىلىيەتتە،ئىمىر ئەلىشىر بۇنداق قارارغا خېلى بۇرۇنلا كېلىپ بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ ھۈسەيىن بايقارانىڭ بېشىغا تەشۋىش چۈشسە ھېچقاچان قاراپ ئولتۇرغان ئەمەس. پەقەت شاھنىشىنلىكنى تەرك ئىتىپكۆمەككە كەلگەن، ئىلاھىم بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولغاي…بولمىسا، ئەمىر ئەلىشىرنى پادىشاھ خانىدانىغا يىپسىز باغلاپ قويغان بىر كۈچ بارئىدىيكى، ئۇ بولسىمۇ، شائىرنىڭ سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كەچمىش-كەچۈرمىشلەر ئىدى. ئەمما ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى بىلەن باغلىق بولغان بۇ قېتىمقى تەرك ئېتىشنىڭ ئۇنىڭ سەمەرقەندتەئوقۇپ يۈرگەن ياش چاغلىرىداىلا پەيدا بولغا نلىقىنى بىلمەيتتى. بەزىلەر ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى سۆيگۈ- مۇھەببەت دەپ گۇمان قىلىشاتتى. ئاشۇ چاغدا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئىزىلگەن يىگىرمە يەتتە ياشلىق ئەلىشىر ھەجىگە بېرىشقا، قالغان پۈتۈن ئۆمرىنى تەرىقەت سۇلۈكىغا بېغىشلاشقا تەييارلانغان.ئەمما يۇرتتا پەيدا بولغان تېنچسىزلىقلار سەپەرگە چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى. شۇچاغدا ياش شائىر ھەزرىتى خوجا ئەھرارنىڭ مەسلىھىتىگە ئەمەل قىلىپ تەرىقەت ئىلمىنى ئۈگۈنىشكەباشلىغان ئىدى.

    سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا خاتالاشمىغان ئىدى. دېگەندەك ياندۇرقى يىلى يازدا بەدئۇززا مان مىرزا ئىسيان كۆتۈرۈپ چىقتى. سۇلتان ھۈسەيىن قوشۇن توپلاپ ئاسترابادقا ئاتلاندى، ئەمىر ئەلىشىرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى.ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا بىگۇناھ نەۋرىنىڭ خۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ بەكمۇ قاتتىق ۋە رەھىمسىز بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمىر ئەلىشىر خۇراسان سەلتەنەتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرۇچى ھىساپلايتتى، گەرچە ئۈزۈلگەن يىپنى قايتا ئۇلىغىلى بولغىنى بىلەن ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى زادى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن زورىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.بۇ قېتىم سۇلتان ھۈسەيىنمۇ ئۈمىدىنى قېلىچقا ئەمەس، بەلكى دوستىنىڭ ئەقىل-تەدبىرىگەباغلىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتالمىسىمۇ، لېكى ئۇششاق ئىشلار، نازۇك ئىشارىلەر بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشكە ھەركەت قىلاتتى. مانا شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەمىرئەلىشىر بەدئۇززامان مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچىلىككە باردى. ئۇ مىرزىدىن ئاتىسىنىڭ ئەمىرىگەقۇلاق سېلىشنى ئۆتۈندى، خۇددى ئالدىنقى قېتىم، يەنى مۆمىن مىرزا ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئاۋال يۈزبەرگەن ئىسيان ۋاقتىدا نېمە دېگەن بولسا، شۇنى يەنە تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ ھەر قانچەتىرشچانلىق كۆرسەتكەن بىلەن بەربىر مىرزا تۆۋە قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۇ ئەمىر ئەلىشىرغاقاتتىق تىكىلىپ تۇرۇپ:« مەۋلانە، مەن سىزنى ئاتامدىن ئارتۇق كۆرىمەن، ئوغلۇممۇ سىزنىمەندىن ئارتۇق سۆيەتتى. خوش، قېنى ئېيتىڭچۇ ، ئاتا دېگەن پەرزەنتنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرەمدۇ؟»-دېدى. شائىر ئۇنىڭ نېمىگە ئىشارە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلدى؛«مىرزام بۇگەپلەرنى ئۇنتۇ ڭ»-دېدى، ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋېلىپ.«قايسى سۆزلەرنى؟» دېدى بەدئۇززامان مىرزا چوڭقۇر ئازاپ ئارلاشقا غەزەپ بىلەن. بۇ چاغدائەمىر ئەلىشىر ئۆزىنى ئارتۇچە تۇتالماي ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ ھالىنى كۆرگەن بەدئۇززامانمىرزىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ تارام-تارام ياش قۇيۇلدى.

   ئەلچى ئەمىر ئەلىشىر مەرۋىدەقارارگاھ قۇرۇپ ياتقان سۇلتان ھۈسەيىننىڭ ھوزۇرىغا تولىمۇ ئۈمىدسز ھالدا قايتىپ كەلدى.ئۇ بىر زامانلاردا ئۇلۇغ ئەمىر تۆمۈر كۆراگان تىكلىگەن بۇ قۇدرەتلىك سەلتەنەتنىڭ ئاخىرقى بىر پارچىسى بولغان دۆلەتنىڭ تەنەززۇلىغا ئېچىنغان ھالدا ھۈسەيىن بايقاراغا: «پەرزەنتىڭىزتۆۋە قىلىشقا تەييار» -دېدى. ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن تەدبىر لەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ،پادىشاھنى بەدئۇززامان مىرزا تەلەپ قىلغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇبۇل قىلىشقا كۆندۈردى.ئاندىن قارارگاھتىكى چېدىرغا كىرىپ، ئىسيانچى شاھزادىگە مەكتۇپ يازدى ۋە شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدىلا مەكتۇپنى چاپارمەندىن ئەۋەتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتە-ئۆتمەي بەدئوززامانمىرزىدىن جاۋاپ كەلدى. ئۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ۋە ئۇزۇنغاقالماي تۆۋە قىلىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا يىتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئارىدابولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر بارا-بارا مىرزىنىڭ مەكتۇ بىدىكى ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلىدى. سۈلھىنامەپۈتۈلۈپ پادىشاھ مازەندارانغا، ئەمىر ئەلىشىر بولسا دارۇلسەلتەنەتكە قايتىشقا تەييارلاندى.

   ئەتىسى ئەتتىگىنى يولغا چىقىدىغان چاغدا شۇنەرسە مەلۇم بولدىيكى، شائىرنىڭ قارارگا ھتىكى چېدىرىنىڭ تۇرۇسىدا بىر غۇرلاي ئۇۋا ياساپ تۇخۇم قۇيۇشقىمۇ ئۈلگۈگەن ئىدى. چېدىرنى يىغىشتۇرۇشقا رۇخسەت سوراپ كىرگەن مۇلازىملار بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيىتقاندا ئەمىر ئەلىشىر بۇ ئىشنى بالدۇرلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە مۇلازىملارنىڭ قوقوۋۇشتۇرۇپ تۇررۇشقانلىقىنى كۆرۈپ: «غۇرلاي تۇخۇمىنى يېرىپ چۆجىلىرىنى ئۇچۇرما قىلغانغا قەدەر چېدىر شۇ پېتى تۇرۇپ تۇرسۇن»، - دېدى. ئاندىن خوجاھۈسەيىن بەختىيارنى ھوزۇرىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا چېدىرنى بۇزماستىن ھەرۋاقىت مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، غۇرلاي بالىلىرى چوڭ بولۇپ، قاناتلىرى تۆمۈردەك قېتىپ ئۇچۇرمابولۇپ، ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلغان بۇ خىزمىتى ئۈچۈن بۇتەڭداشسىز چېدىرنى يىغىپ ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. خوجا ھۈسەيىن بەختىيارئەمىرنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دەسلەپتە بىرئاز ئىسەنكىرەپ تۇرۇپ قالدى، كېيىن بىردىنلاكۆزلىرى چاقناپ ھەزرەتنىڭ شەنىگە ۋە ئۆزىگە قىلغان ساخاۋىتىگە ھەمدۇ-سانالار ئېيتىپ،ئۇنىڭ ئەمرىنى خوشاللىق بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆڭلى تىنىپ، دىلى خاتىرجەم بولغان ئەمىر ئەلىشىر سەلتەنەت بالىلىرى بولغان پۇخرالارغا ئاللاھدىن كۆپ ئىنايەتلەر تىلەپ يولغا چىقتى.
مانا نەچچە يىلدىن بۇيانقى سەلتەنەت ئاسايىشلىقى ئۇنىڭ چېدىرى تۇرۇسىغا ئوۋا قويغان غۇرلاي تۇخۇملىرىدەك ئامانەت،ئەگەر ئۇلار مۇھاپىزەت قىلىنمىسا، ھىرىسۇ-ھەۋەس، زۇلۇم-سىتەم، ئىسيان-غەۋغا قەسىرىدىن يەرگە چۈشۈپ كۇمپە يكۇم بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز.


تا ھىرىسۇ ھەۋەس خامىنى بەربات بولماس،
تا نەپسۇ ھاۋا قەسىرى بەربات بولماس،
تا زۇلۇم-سىتەم جانغا بىدادبولماس،
ئەل شاد بولماس، مەملىكەت ئاۋات بولماس…


    ئەمىر ئەلىشىر يولدا كېتىۋېتىپ،بەربىر قېرىغان پادىشاھ بىلەن كۈچ-غەيرەتكە تولغان شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈربويى بۇ سەلتەنەتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن چەككە رىيازەت، جاپا-مۇشاقەتلىرىنىڭ خۇددى قىززىق قۇمغا تامغان يامغۇر تامچىسىدەك بىنەپ كەتكەنلىكىدىن يۈرەك-باغرى ئېزىلدى. شائىر بالىلىقتىكى دوستىنىڭ كېيىنكى يىللارداجەڭگى-جىدەل ۋە ئەيشى-ئىشرەت قىلىشتىن باش تارتمىغانلىقىدىن نارازى ئىدى. تېخىمۇ پاجىئەلىك بولغىنى شۇكى، قېرىپ قالغان پادىشاھ ھەركۈنى ناماز پىشىندىن كېيىن ئۈچمەيدىغان بىرمۇكۈنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پەقەت ئۆزىنىڭ خۇي-پەيلىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرى ۋە بارلىق سىپاھلىرىغا غەيرى تەسىر كۆرسىتەتتى. بىر يۇتۇم مەي دۇنيانى بۇزىدۇغۇ، ئەمىرئەلىشىر «ئۇممەل خابائىس»بولغان مەيگە بىرىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بەكمۇ قورقاتتى.
    ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان مۇشۇسەلتەنەت ئاستانىسىنىڭ تۇپرىقىغا يىلتىز تارتتى. ھەر ۋاقىت دوستى ئولتۇرغان تەخىتنىڭ تېنىچلىقىنى كۆزلىدى. ئاتا-ئەۋلادى ئازكەم بىر ئەسىر مابەينىدە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن تۆمۈرىيلەر خانلىقىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشى يولىدا قوللىرىغا قېلىچ ئېلىشقىچەھەممىنى قىلدى. بۇ خىزمەتلىرىنىڭ بەدىلىگە پادىشاھلارمۇ ئۇلارغا كۆپ ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى، ئالىي مەرتىۋىلەرنى بەردى، بەزىدە تېخى ئۆز نەزىرىنىڭ چېتىدىمۇ قويدى، ئەممايەنە ھوزۇرىغا چاقىرىتتى.
   پادىشاھقا دوسىت بولغان كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ. ئوتتۇز يىلدىن بۇيان، بۇ دۈشمەنلەر ئۇنى يامان كۆرۈشتى، ئۇنىڭغاتۆھمەتلەرنى ئارتتى، بۆھتانلارنى چاپلاشتى، ئەمما ئۇ ھەرگىز پۇشايمان قىلمايتتى، چۈنكى پۇشايماننىڭ پايدىسى يوق. ياق!-ياق! ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ، ئۇ چەككەن رىيازەتلىرىدىن رازى. ئۇ ھەر ۋاقىت ككڭلىنى تەڭرىتائالا يولىدىن غاپىل، مۇسۇلمانلار دادىدىن خالى قىلمىدى،دوسىتلىرىنىڭ پىكىرىدىن ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىدىن بىپەرۋا بولمىدى.

    ھىجىرىيە 873-يىلى (مىلادى1469-يىلى) سۇلتان ئەبۇسەئىد مىرزا قاراباغدىكى جەڭ مەيدانىدا ھلاك بولدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا خۇراسان تەختىنى ئىگەللىۋالدى. شۇ چاغدا ئۇ ئەمىرئەلىشىرنىڭ نەزىرىدە بۇ تەخىتنى ئىگەللەشكە سۆزسىز ھەقلىق ئىدى. شۇچاغدا ئۇ سەمەرقەندتە،تېخىمۇ ئېنىقراقى خۇجا جالالىددىن فەزلۇللاھ ئەبۇلەيىس خانىقاسىدا تەرىقەت سۇلۇكى ئىلمىنى ئۈگۈنىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى ۋە ساخاۋەتلىك ئەمىر ئەخمەت ھاجىببەگنىڭ ھەمرالىقىدا ھىراتقائاتلاندى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ تەخىتكە ئولتۇرغانلىق شەرىپىگە «قەسىدەئىي خېلالىيە»نىيازدى. پادىشاھمۇ ئەمىر ئەلىشىرنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئالىي ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى. ئەمما تېخى پادىشاھلىق تەختى ئامانەت ئىدى، ماناشۇ ئامانەت تەختنى بەقارارقىلىش مەقسىتىدە مەملىكەتتە پادىشاھ بىلەن تەڭ تېنچلىق-ئاسايىشلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇ مەلۇم ۋاقىت قەلەمنى ئۇنۇتتى. تەخىت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ كۆرەش خېلى ئۇزۇن داۋام قىلدى. يالغۇز يادىكار مۇھەممەد مىرزىلا سۇلتان ئەبۇ سەئىدمىرز ىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدەتەخىتكە دەۋاگەرلىك قىلىپ ئازبولمىغان كاساپەتلەرنى يەتكۈزمىدىمۇ؟! ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مەھمۇد مىرزا، قارا قۇيۇنلۇلار ياردەم بەگەن ئەبۇبەكرى مىرزا بىلەن بولغان جەڭلەرچۇ؟ماناشۇ جەڭگى-جىدەللەر داۋامىدا ئۇ ھەمىيشە يا دوستىنىڭ قېشىدا، يا دارۇلسەلتەنەتنى قوغداشتا باش-قاش بولاتتى.

    مانا ئۇنىڭ چەككەن زەخمەتلىرىنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە مەملىكەتتە ئاسايىشلىق قارار تاپتى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ سەۋەبى بىلەن سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىغا ئەھلى ئىلىملەر ۋە بىنەزەر ئىنسانلار توپلاندى، مانائەمدى بۇ بىۋاپا جاھان بۈگۈنگە كېلىپ-پادىشاھمۇ، ئۆزىمۇ شەكەستە بولىدىغان ئوخشايدۇ.ئۇ دوستىنى ئادالەتلىك پادىشاھ بولۇشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى. زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك سەۋەبىدىن ئاۋات جايلار ۋەيران، قەسىر-سارايلار بايقۇشقا ماكان بولىدىغانلىقىنى تەكرار-تەكرارئېيتتى. پادىشاھلار زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك قىلىشقا كۆپرەك مايىل بولىدۇ، ناھەق قان تۆكۈش ئۇلارنىڭ ھۈنىرى… جېنى بار ئادەم ئۇنىڭدىن قورۇقسۇن. پادىشاھلارنىڭ ناماقۇللىقى ئۆزلىرىگە ياخشى كۆرۈنىدۇ، قارىنى ئاق دېسە، بۇنى ماقۇللىمىغان گۇناھكار، ئاقنى قارادېمىگەنلەرنىڭ بولسا، روزىغارى قارا بولىدۇ. پادىشاھلارغا توغرا سۆزنى ئېيىتقانلارنىڭ جېنى خەتەردە،ئىزگۈلۈككە ئۈندىگەننى قەتلئام كۈتىدۇ. ئەمما ئۇ دوسىت سۈپىتىدىمۇ، ۋەزىر سۈپىتىدىمۇيامان، ئىمانسىز بولسا پوخرانىڭ ھالىغا ۋاي.
    ئەسلىدە «ۋەزىر» دېگەن سۆز«ۋىزىر» يەنى «گۇناھ» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ۋەزىرلەر ئۆز ھۆكۈمدارىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن گۇناھتىن تەپ تارتمايدۇ. بىراق ئەمىر ئەلىشىر بولسا، ۋەزىرلىكنى ھۆكۈمدار يۈرگۈزگەن سىياسەت تۈپەيلىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلارنى بوينىغا ئېلىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش دەپ چۈشىنەتتى. ئەنە شۇ مەقسەت يولىدا ئەقىدىسىگە نەقىشلەنگەن «ئىنساپلىققا خۇدارەھمەت قىلسۇن» دېگەن سۆزنى سەلتەنەتكە بولغان ساداقىتىنىڭ شۇئارى قىلدى. ئەمما ئۇئەمدى قېرىدى، ھاردى، تالدى، تالجىقتى، تېلىقتى. ئەمدى ئۇ ئۆمۈر بويى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مۇبارەك ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىش پەيتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىگىنى ھېس قىلدى.
     ئەمىر ئەلىشىر روھى پاكىز،پاك-دىيانەتلىك كىشى ئىدى. گەرچە ئۇ قۇدرەتلىك بىر خانلىقنىڭ ۋەزىرلىگىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ئۇچمىدى، بەلكى تەرىقەتكەسادىق بولدى. سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا بىر قېتىم ئۇنىڭ پاكلىقى، تاھارەتسىز بىر قەدەم ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە «بۇھەزرەت دۇنياغا كېلىپ ھايات لىباسىنى كەيگەندىن بۇيان پىشىگەشەھۋەت چىركىنى يۇقتۇرمىغان، كىچىك پېئىللىق ۋە مەرتلىك تونىنىڭ ياقىسىدىكى لەئىل تۈگمىسىنى خۇتۇنلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە تۇتقۇز مىغان»، -دېگەنىدى.

    ئەمىر ئەلىشىر ياشلىقىدىن باشلاپ، ھەتتە ھىرات ۋە سەمەرقەند مەدرىسلىرىدە ئىلىم- ئىرپاندىن ساۋاق ئېلىۋاتقان چاغلىرىدىمۇ، ھەمىيشە دەرۋىشلەرنىڭ سۆھبىتىنى خالىدى، ھىدايەت يولىدا رەھنامىلىق قىلىۋاتقان ماشايىخلاردىن ئىلىم ئۈگەندى، بۇ پاك دىل كىشىلەر توپىغا ئىخلاس ۋە مۇردلىق قەدىمى بىلەن خىزمەت قىلدى. ئاستراباتتا يۈزبەرگەن ۋەقە تۈپەيلىدىن پادىشاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىغاچۈشكەن سوغۇقچىلىق سەۋەبىدىن ئوردىدىن چەتلەشتۈرۈلگەندىمۇ سەلتەنەت ئىشىدىن ئىتەك يىغىشتۇرۇپ،ئىبادەت ۋە رىيازەت ئەھلى بىلەن بىرگە بولۇش مەقسىتىدە راباتى سۇخەيىلدە ھوجرىغا بىكىنىپ ئېتكاپتا ئولتۇردى. ئەسلىدىمۇ ئۇ پانا يولىغا مايىل ئىدى. لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلاپادىشاھ ئۇنى يەنە ئور دىغا چاقىردى. ئەمىر ئەلىشىر دەسلەپ«مېنىڭ يولۇم پېقىرچىلىقتا»دەپ بۇنىڭغا ئۇ نىمىدى. ئاخىرى بىر كۈنى پادىشاھ پۈتۈن ئوردا ئەھلى ئالدىدا ئۇنىڭغا؛«سەلتەنەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سىزنىڭ رايىڭىزغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. كېلىڭ دوستۇم، تىنىمسىزقەلىمىڭىزدىن مەملىكەت تىنچ-ئامان بولسۇن»دېدى. ئەمىر ئەلىشر ئاخىرى«بىر سائەتلىك ئادالەت ئاتمىش يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل»دېگەن سۆزگە ئەمەل قىلىپ، پادىشاھنىڭ تەكلىپىگەماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولدى.

    ئۇ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت سەلتەنەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان بولسىمۇ، ئەمما پاك ۋە ئۇلۇغ تەڭرىنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىدى.ھېچقاچان، ھېچ بىر سۆزىدە دەرۋىشلەرنىڭ دىلىنى رەنجىتمىدى، ھەر بىر ئىشقا ئىخلاس ۋەئىمان بىلەن كىرىشتى. شۇ سەۋەپتىن سەلتەنەت ئىشلىرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش توغرىسىدا پادىشاھقا مەسلىھەت بەرگەندە ئىماننى ئوتتۇرىدا قوتۇپ سۆزلىدى. ياشلارغاتەڭرى ئىنايىتىدىن شەپقەت تىلىدى، دوستلارغا كەرەم، پىشقەدەملەرگە ئىززەت كۆرسىتىش مىزانىغا ھەمىيشە رىئايە قىلدى.

پادىشاھ ئۇنىڭغا كۆپلەپ يەر-سۇئىنئام قىلدى. ئەمما ئۇ باي بولۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈ پمۇ قويمىدى، بەلكى ئۆز مۈلكىدىن كىرگەن دارامەتنى ساۋاپلىق ئىشلار، مەدرىسلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مەرىپەتكە يىتەكلىگۈچى كىتاپلارنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىش، تالىپلارغا نەپىقە بېرىش، مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش ۋەھەتتا، زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ قالسا پادىشاھقا، لەشكەرلەرگە سەرىپ قىلدى. ئەمىر ئەلىشىرنىڭ شەخسىي مۈلكىدىن كىرىدىغان بىر كۈنلۈك دارامەت ئون سەككىزمىڭ شاخرۇخىي ئىدى، ئۇ ئەنەشۇدارامەتنىڭ ھەممىسىنى ساخاۋەت، ھىممەت ئېھسانىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى.

ئۇ ھەقتىن قورقۇشنى ھېچقاچان ئېسىدىن چىقارمىدى، بېشىغا ئېغىر مۇشاقەتلەر كەلگەندىمۇ سەۋىر-تاقەت، چىدام-غەيرەت بىلەن ئاللاھقا سېغىندى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇئەقىدىسى ئۈچۈن سوپى ماشايىخلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان، سۇلۈك يوللىرى كۆرسىتىلگەن«نەسائىمۇل مۇھەببەت»، «لىسانۇت تەيىر»ناملىق كىتاپلارنى يازدى.كېچە-كۈندۈز پوخرا-يۇ، دەرۋىشلەرنىڭ،غېرىب-مۇساپىرلارنىڭ غېمىنى يەپ، تۈرلۈك ناملاردىكى خانىقا، مەسچىت، رابات-سارايلارنى،ھاممام ۋە كۆۋرۈكلەرنى سالدۇردى. يالغۇز«خالىسىيە»خانىقاسىدىلا ھەركۈنى مىڭدىن ئارتۇق مىسكىنگە تاماق تار قىتىلدى، ھەر يىلى ئىككى مىڭغا يېقىن باش كىيىم، تون، كۆڭلەك-ئىشتان ۋە ئۆتۈك ئۈلەشتۈرۈلدى. بۇنداق ساخاۋەتلەردىن بەھرىمەن بولغانلار ناھايتى كۆپ ئىدى…

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ نىشاپورغا بارغاندا ماشايىخلار، جۈملىدىن ئۆزى چوقۇنىدىغان شەيخ پەردىدىن ئەتتارمازىرىنىڭ بارغانسېرى خارابىلىككە ئايلىنىپ كېتىۋا تقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بەك يېرىم بولدى ۋە دەرھال رېمونت قىلىشنى بۇيرىدى، شەيىخنىڭ قەبرە بېشىغا يېڭى بىر خانىقا سالدۇردى. ھىراتتىكى مەرغەنىي بېغىنىڭ ئىچىگە ئاجايىپ ھەشەمەتلىك بىر مەسچىت سالدۇرۇپ، شۇ زاماندىكى ئاتاقلىق قارىيلارنىڭ بىرى بولغان خوجا ھاپىز مۇھەممەد سۇلتانشاھنى بۇ مەسچىتكە ئىماملىققاتەيىنلىدى. ئۆزىمۇ بەش ۋاخ نامازنى مۇشۇ مەسچىتتە ئۆتەپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.

      كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەمىرئەلىشىر ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپلا، كۈندىلىك ئادىتىگە خىلاپ ھالدا مەسچىتتىن ئىتتىك چىقىپ، ھېچقانداق جايدا توختىماستىن، ئۇدۇل مېڭىپ، ھىراتلىقلار«ئۇنسىيە»دەپ ئاتىشىدىغان ئۆز ھويلىسىغا يىتىپ كەلدى ۋە ھويلا ئوتتۇرىسىدىكى بىنەپشىزارلىققا قاراپلا ئارقىسىغاياندى. كۆپچىلىك بۇنىڭدىن بەكمۇ ھەيران قېلىشتى. خۇجا ھاپىز مۇھەممەد سۇلتانشاھ ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا بىسەرەمجان بولۇپ كەتكەنلىگىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.«بايا نامازغا چىقىش ئۈچۈن ھويلامدىكى بىنەپشىزارلىقنىڭ يېنىدا تاھارەت ئالغانىدىم. ناماز سېپىدە تۇرغىنىمدا بىر چۆمىلىنىپ يەلكەمدە ئۆمىلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ چۆمۈلىنىڭ بايا تاھارەت ئالغان جايدا مۆرەمگە ئىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ناۋادا ئۇ چۈمىلە يەلكەمدىن چۈشۈپ كېتىپ، ئاياغ ئاستى بولۇپ ئازار يەپ ئامان قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۇۋىسىغا قايتىدىغان يولنى تاپالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇنىڭ ئۇۋالىغا قېلىشتىن قورۇقتۇم. شۇڭا مەن نامازنى ئۆتەپ بولۇپلا ھويلامدىكى تاھارەت ئالغان جايغا بېرىپ، چۈمىلىنى ئۇۋىسىنىڭ ئېغىزىغا چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە، ئۇۋالغا قېلىشتىن قۇتۇلدۇم.مانا ھازىر يەلكەمدىن چۈمىلە ئەمەس، بىر تاغ ئاغدۇرۇلغا ندەك يەڭگىللەپ قالدىم، خوجام»،-دېدى.

بۇگەپنى ئاڭلىغان خوجا قولىنى دۇئاغا، دىلىنى رەخمەت ئېيتىشقا ئاچتى…
ئەمىر ئەلىشىر مەرۋىدىن دارۇل سەلتەنەتكەقايتقاندا، يول بويى ئويلىغانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى. مەملىكەتتە بەدئوززامان مىرزىنىڭ ئىسيانىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئاسايىشلىق ئانچە ئۇزاق داۋام قىلمىدى، بەلكى بىريىغا يەتمەيلا ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىم سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ يەنەبىر ئوغلى-ئابدۇلمۇھسىن مىرزا توپىلاڭ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان ھۈسەيىن قوشۇن باشلاپ ئوغلىنىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن مەرۋىگەقاراپ يول ئالدى. بۇ ۋەقەدىن خېلى بۇرۇنلا ئەمىر ئەلىشىر پادىشاھقاقايتا-قايتا مۇراجەت قىلىپ، مۇقەددەس كەئىبىنى تاۋاپ قىلىش سەپىرىگە ئىجازەت ئالىشقامۇۋەپپەق بولغانىدى. بىراق بۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن سۇلتان قوشۇنلىرى دارۇلسەلتەنەتتىن يەنەبىر قېتىم چىقىپ كەتتى، ئەمىر ئەلىشىر بولسا، بۇ سەلتەنەتكە ئەمدى تېنىچلىقنىڭ مەڭگۈنىسىپ بولمايدىغانلىقىنى، پادىشاھنىڭ پايتەخختتىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان بۇ مۇبارەك سەپەرگە ئاتىلىنىشىنىڭ تېپىلماس پۇرسىتى ئىكەنلىگىنى ھېسقىلىپ، دەرھال يولغا چىقتى ۋە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن مەشھەدكە يىتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كارۋىنى شەھەرگە يېقىنلاشقاندا ئۇ يەنە بىر قېتىم پادىشاھدىن ھال-ئەھۋال سوراش، ئۇنىڭدىن قالسا، بۇ سەپەرگە بېرىلگەن ئىجازەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش نىيىتىدە تىۋىپ مەۋلانەئابدۇلھەينى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھوزۇرىغا-مەرۋىگە ئەۋەتتى. ئۆزى ئىمام رازىنىڭ مەقبەرىسى ئەتراپىدا پاناھلىنىپ يۈرىيدىغان كەمبەغىل، يىتىملەرگە تاماق ئۈلەشتۈرۈپبېرىش ئۈچۈن سېلىنغان غەلۋىرخانىدا قونۇپ، جاۋاب كۈتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي مەۋلانەئابدۇلھەي ئىسيانچى ئابۇلمۇھسىن مىرزا بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭيېنىدىن قايتىپ كەلدى ۋە ئەمىرگە پادىشاھنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇردى.

سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەمىر ئەلىشىرگە يازغان مەكتۇبى:
«سەلتەنەتنىڭ روھى، مەملىكەتنىڭ تايانچى، دىن ۋە دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى، دۆلەت ۋە مىللەت ساھىپلىرىنىڭ يىتەكلىگۈچىسى، خەيىرلىك بىينالارنىڭ مۇئەسسەسى، پاكىزى ئىشلارغا بۇيرۇلغان خاقانى دۆلەتنىڭ مەدەتكارى، سۇلتان ھەزرەتنىڭ يېقىنى نىزامىددىن ئەلىشىر جاناپلىرىغا ھىساپسىز كۆپ دۇئالار ۋە مەشۇق قوزغاتقۇچى سالاملارتوپلامى يەتكۈزىمىز، پەيزىلىك مۇلاقاتلار ئارزۇسى شەرق پايانى دائىرىسىدىن ئارتۇقتۇر.

روشەن كۆڭۈللىرىگە يىتىپ مەلۇم بولسۇنكى، جۈمە كۈنى-رەجەپ ئېيىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى ئۇلۇغ مەۋلانە ئابدۇلھەي كېلىپ،شەرەپلىك مىجەزلىرىنىڭ كەيپىياتى، ساق- سالامە تلىك ياخشى ھالەتلىرىنى يەتكۈزدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىش بىزنىڭ ھەددى ھىسا پسىز شادلىقىمىزغا سەۋەب بولدى. ئۇ يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلاكۆڭۈللىرىدە قارار تاپقان ھىجاز تەرەپكە ماڭغانلىقلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېغىزمۇ-ئېغىزكېلىپ تۇرغانىدى. ئەمما ئىشە نچىلىك كىشىلەردىن ئىشىتمىگىنىم ئۈچۈن ئىشەنگىلى بولمايتتى.لېكىن بىر قېتىملىق سۆھبە تتە خوجا ئەفزەلىددىن مۇھەممەدكە يېزىلغان مەكتۇپلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولدىكىم، بۇ كۈنلەردە ئۇ تىلەكلىرى مۇستەھكەملىنىپ ۋە يېڭىلىنىپ،سەپەرگە ئاتلىنىش خىياللىرى جەز ىمگە ئايلانغان.

    گەپ شۇنداقكى، ھەممىگە، بەلكى ئالەمگە ۋە ئالەم ئەھلىگە ئاشكارىدۇركى، ئول جاناپ بىلەن بىرلىك، ھەمجەھەتلىكتىن باغلىنىش ۋە باغلىنىش ئالاقىسى، ھەمنەپەسلىكتىن تا شۇ كۈنگىچە قايسى دەرىجىگە بېرىپ بارغانمىزۋە ئېلىپ بارىمىز. ھەمىيشە، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئول جاناپنىڭ شەرەپلىك رازىلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ مۇددىئا ۋە تەلەپلىرىمىزدىن ئۈستۈن بىلىپ، بۇ جەھەتنى مىسلىسىز دۆلەت دەلىللىرىدىن ساناغلىق ۋە سانايمىز. ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ قارشىسىدا ئول جاۋاپتىن دۆلەتخاھلىق ئەسەرلىرى،ئىخلاس، ياخشى پىكىرلىك ۋە يېقىنلىق كەبى خىسلەتلەر بارلىققا كەلگەن ۋە بارلىققا كېلىدۇ.بۇ قۇياشتىنمۇ روشەنراق بولغىنى ئۈچۈن تەپسىل بېرىشنىڭ پايدىسى يوق. ئۆزلىرى بىلىلىيكى،ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق تەكەللۇپ ۋە ئۆزىرچىلىك بولماي، ھەمىشە سۆز شۇنداق بولاتتىكى،ئۇ سەلتەنەت تايانچىنىڭ خاتىرىسىگە خەيىرخاھلىق ۋە ياخشى پىكىرلىك يولى بىلەن نېمىكى كەلسە، ئۇنى ئېيتىشقا توققۇز قېتىم رۇخسەت بېرىلگەنىدى. دائىم بىزنىڭ خاتىرىمىزگە نىمىكى كەلسە، مېھرىبانلىق يۈزىسىدىن ئىزھار قىلاتتۇق. بۇ ۋاقىتلاردا ھىجرەت قىلىشتىن ئىبارەت ساۋاپلىق ئىشقا ئاتلىنىش قارارىغا كەلگەنلىكلىرى كۆڭلىمىزگە قانچىۋالا ئېغىر كەلگەنلىكىگەقارىماي، ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا سىلىنىڭ مەنمۇنلۇقلىرىنى مەنپەتىمىزدىن ئۈستۈن قويىمىز. بىرىلگەن رۇخسەت ۋە ئىجازەتتىن قايتمايمىز. لېكىن كۆڭلىمىزگەكەلگەن ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشىمىزلازىم. روشەنكى، بۇ خۇسۇستا يولنىڭ تېنچلىقى شەرتتۇر.مەلۇم بولسۇنكىم، بۇ كۈنلەردە ئىراق زېمىنلىرى، جۈملىدىن باغداتنىڭ ئەھۋالى قانداق ئىكەنلىكى نامەلۇم. مىسىر ۋە شام زېمىنلىرىدىمۇ تۈرلۈك باش-باتاقلىقلارنىڭ بارلىقى ئىشتىلمەكتە. رىۋايەت شۇنداقتۇركى، ئەگەر يولنىڭ خەۋىپى كىشىنىڭ بىلىكى سەۋەپسىز تېلىپقالغۇدەك دەرىجىدە بولسا، يولغا چىقىش جايىز ئەمەس. ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە يولنىڭ خەۋىپلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىرەر پىكىر خاتىرىمىزگە كەلمىسە قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى ئۆزلىرىئېيتقاندەك، يولنىڭ ناتېنىچلىقى جەھەتتىن خەۋپ پەيدا بولغان بولسا، زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئاشۇ خەۋىپلىك جايدا كىشىنى قوغدايدىغان مۇلازىملار بولىشى كېرەك.
     يەنە گەپ شۇنداقكى، بۇقېتىمقى سەپەرلىرى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۆ مۈرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ.ئەگەر بىز يەنە يۈز كۆرۈشكەن بولساق، خەيىرلىشىش قائىد ىسى بىجاكەلتۈرۈلگەن بولسا ياخشى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مۇقەددىمىلەرنى يېز ىشىمىزدا شۇنداق ئەندىشىمىزمۇ باركى،مۇبادا مۇبارەك خاتىرىلىرىگە غۇبار چۈشۈپ، بۇ سۆزلەر دىكى غەرەزلەرنى بىلىمەن، دېگەن ئويغا كېلىپ قالالىمۇ؟ دۆلەت پاناھ ئالىلىرى بۇ خۇسۇستا بىرەر شۈبھە يادىلىرىغا كېلىپقالسا، بىتەكەللۇپ سۆزلەۋەرگەيلا، بىزنىڭمۇ بۇ توغرىسىدا بىرەر ئىش يادىمىزغا كەلسەئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىمىزلازىم، دەپ بىلىمىز.

   توغرا پىكىر قىلىش مەڭگۈ ئۆزئىختىيارلىرىدا ۋە ئىككى دۇنيانىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن قانداقلىكى بىر نېمە لازىم بولساتەقدىم قىلىپ تۇرۇلىدۇ. ئىككى دۇنيانىڭ سائادىتى يار بولسۇن. ۋەسسالام».
   ئەمىر ئەلىشىر مەكتۇپنى كۆرگەندىن كېيىن، سەپەرداش ھەمرالىرى ۋە مەشھەدشەھرىنىڭ ئۇلۇغلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇلارسەلتەنەتنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەجىگە بېرىش ئىشىنى كىچىكتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل شۇچاغدا مەۋلانە ئابدۇلھەي شاھزادە ئابۇلمۇھسىن مىرزىنىڭ ئاتىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈش ئۈچۈن ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئوتتۇرىدا ۋەكىل بولۇشنى شەرت قىلغانلىقى ئېيتتى. پادىشاھ بۇ گەپنى قەغەزگە يېزىپ ئەۋەتىشكە ئىشەنمەي مەۋلانىگە ئېيتىپ ئەۋەتكەنىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئەلىشىر مەرۋىگە قاراپ يولغا چىقتى، ئۇنىڭ كارۋىنى مەشھەد بىلەن مەرۋى ئارلىقىدىكى سەرخس كەنتىگە يىتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئىنسى دەرۋىش ئەلى ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى. ئەتىسى سۇلتان ھۈسەيىننىڭ بۇ يەرگە كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى، . پادىشاھ بىلەن شائىر بوزارغان تۆپەدېگەن جايغا تىكىلگەن شاھانە چېدىردا ئولتۇرۇپ ئۇزاق سۆھبەتلەشتى.پادىشاھ ئۆز مەكتۇبىدا دىيىلگەن گەپلەرنى تەكرالىدى. ئەمىر ئەلىشىر ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۈندىمەي ئاڭلىدى ۋە پادىشاھنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن:
- ئەلا ھەزرەت، سىلى بۇرۇن ماڭا، «ئەگەر پادىشاھلىقنىڭ ئىقشلىرى بىلەن شۇغۇ نلىنىشتىن قولۇمنى يىغالىسام شەيخ نەجمىددىن كۇبرا مازىرى ياكى خوجا ئابدۇللائەن سارىينىڭ مەقبەرىسىنىڭ جاتۇپ كىشى بولىمەن»دېگەن ئىدىلە.

- شۇنداق ئەلىشىربەگ. -دېدى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزا مەيۈسلەنگەن ھالدا.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكى گەپلىرىنىڭ دوستىنىڭ بۈگۈنگىچە ئۇنتۇپقالمىغا نلىقىغا، ئۇنىڭ ئەستەتۇتۇش قۇۋىتىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىگىگە كۆڭلىدە تەكرار-تەكرار ئاپىرىن ئوقۇماقتا ئىدى. پادىشاھ بىردىنلا سەگەكلەشتى ۋە ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ گېپىنىڭ داۋامىنى كۈتتى.
- ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزلەرنىڭ سىلىگە مۇيەسسەر بولىشى تەس. ئەمماشۇنداق نىيەتكە يىتىشنى ئارزۇ قىلغان مەھرىمىڭىزنىڭ ھىجاز سەپىرىگە چىقىشىغىمۇ رۇخسەت بەرمەيسىز. مەن سىزدىن نەچچە مەرتە رۇخسەت تىلىدىم، ھەتتا ئاخىرقى قېتىم سىزدىن يەنەرۇخسەت سوراشقا جۈرئەت قىلغىنىمدا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ماقۇل بولمىغانلىقىڭىزنى سەزگەن ئىدىم. شۇڭا بۇ قېتىم گەرچە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان بولساممۇ،لېكىن يەنە سىزنىڭ قېشىڭىزغا ئادەم ئەۋەتتىم، ئەمما سىز مەكتۇپ يېزىپ مېنى يولۇمدىن قايتۇر دىڭىز.

پادىشاھنىڭ سەل ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئەمىر ئەلىشىر «يەنە ماۋۇنىمۇ ئاڭلاڭ »دېگەندەك قولىنى كۆكسىگە ئالدى:
- بۇگەپلەرنى ئېيتىشتىكى مەقسىدىم ھەرگىزمۇ ئەلا ھەزرەتكە تەنە قىلىش ئەمەس. مەن ھەقىقەتەنمۇ سىزنىڭ مەكتۇبىڭىزدىكى مەقسەتلەرنى مېنىڭ سەپىرىمنى مەنئىي قىلىش دەپ ئويلۇمۇدۇم. مېنىڭ مەقسىدىممۇ ئۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم رۇخسەت تىلەش ئىدى.ئەگەر رۇخسەت بەرسىلە، ئۆزەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قالغان ھاياتىمنى خوجا ئابدۇللا ئەنسارىينىڭ مازار ئاستانىسىنى سۈپۈرۈشكە سەرىپ قىلسام. مېنى سەلتەنەت ئىشلىرىدىن خالىي قىلسىڭىز،مەنمۇ بۇنداق مەسئۇلىيەتتىن ئازاد بولسام. ئاھ…نەچارە، قېرىلىقمۇ خۇدانىڭ ئىنايىتى ئىكەن، مانا ئەمدى سۆڭەكلىرىم بوشىدى، كۆزلىرىم نۇرسىز، كۆڭلۈم پاراغەت ئىستەيدۇ…

- قېرىدىم، دېمەڭ ئەلىشىربەگ، -دېدى سۇلتان ھۈسەيىن.-مەندىن ئۈچ ياش كىچىكسىز. مەن قېرىدىم دىسەم بۇلار، ئەمما قاراڭ قولۇمدا قېلىچ، دۈشمەنلىرىم بىلەن چېپىشىپ يۈرىيمەن. سىز بولسىڭىز…
- قېرىدىم ئەلا ھەزرەت، -دېدى ئەمىر ئەلىشىر، -بۇرۇنقىدەك مادارىم قالمىدى،مۇشۇ ھىجاز سەپىرىنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى سەپەر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم.
- سىز مۇبادا خۇراساندا قالسىڭىز، سىزنىڭ ھەرقانداق ئىلتىماسىڭىزنى بىجىرىش مەن ئۈچۈن پەرھىز، -دېدى پادىشاھ.-چۈنكى سىز ھازىر بۇ مۈلۈكنى تاشلاپ كەتمەكچى بولىۋا تىسىز، ئۇنداق قىلماڭ، مېنى يالغۇز قويماڭ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەڭ. ياشلىقىڭىزدا،كۈچ غەيرىتىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چاغلاردا يېنىمدا بولدىڭىز، ئەمدى قېرىغاندا بىر-بىرىمىزنى تاشلىۋەتسەك قانداق بولىدۇ؟
سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا سۆھبەتتىن كېيىن، پېشقەدەم شائىرغا ياقىسى قارا قۇندۇز تېرىسىدىن تىكىلگەن ئالتۇن تۈگمىلىك زەرباب جۇۋا ۋە يەنە بىرنەچچە قۇر قىممەت باھالىق تونلارنى كىيگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئەلىشىربىر نەچچە كۈنگىچە ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇر ىسىدىكى ياراشتۇرۇش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، پادىشاھنىڭئىجازىتى بىلەن دارۇلسەلتە نەتكە قايتتى.

ئۇ شەيبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىداھىراتقا يىتىپ كەلدى. ۋەزىرى ئەزەم-مەلىكۇل شۇئەررانىڭ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرتاپقان پايتەخىت ئەھلىنىڭ خوشاللىقى ھىسا پسىزئىدى، تۈمەنلىگەن كىشىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىنتا ئۇنسىيەگىچە بولغا يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالغىلى چىققانىدى.
ئەمىر ئەلىشىر ھىراتقا قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ خوجا ئەنسارىي مازىرى ئالدىدىكى مەيداندا شەھەر ئۇلۇغلىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشقان چوڭ بىر يىغىن ئاچتى. يىغىندا ئۇ ھىراتنىڭ بارچە ئۇلۇغلىرىدىن، ئۆزىنىڭ بۇ قۇتلۇق دەرگاھنىڭ جارۇپكېشى بۇلۇ شتىن ئىبارەت مۆتىۋەر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقارۇخسەت قىلىپ، پاتىھە بېرىشنى ئۆتۈ ندى.«مەن بۇنىڭدىن كېيىن دەرۋىشلىك يولىدا ياشاشنى ئىختىيار قىلدىم»، -دېدى ئۇ. شۇ كۈندىكى مەجلىس شۇنداق ئۇلۇغ بىر مەجلىس بولدىكى، ھەتتاسەلتەنەت بېشىدىكى ئۇلۇغ ۋەزىرلەردىن بىرى بولغان مۇبارىزىددىن مۇھەممەد ۋەلى بەگكەئوخشاش كاتتا ئەمىرلەرمۇ مازاردىكى مەجلىسكە يىغىلغان ئۆلۇمالارنىڭ خزمىتىنى قىلىپ پايپىتەك بولۇشۇپ كېتىشتى. مېھمانلار ئۈچۈن يەتمىش قوي، يىگىرمە بەش ئات سويۇلدى. ئۆلىمالارنىڭ ئالدىغا دۈۋە-دۈۋە قەنت-گېزەك ۋە تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەر مول كەلتۈرۈلدى. مەجلىس ئاخىرى داناشا يىخلار ئەمىر ئەلىشىرگە پاتىھە بەردى.
     ئاشۇ مەجلىستىن ئۇزاق ئۆتمەي،ئەمىر ئەلىشىرنى دارۇلسەلتەنەتكە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى شىر ئوۋلاش ھەۋىسى بىلەن مازەندەران تەرەپكە كەتكەن پادىشاھتىن پەرمان كەلدى. پەرمان سەلتەنەت پايتەختىدە ھۆكۈم يۈرگۈزىۋاتقان ئەمىر ۋەلى بەگنىڭ نامىغا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن پات ئارىدا ھىرات ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىدىن زۆرۈر خىراجەت ئۈچۈن يۈزمىڭ دىنار ئۈندۈرۈش تەلەپ قىلىنغانىدى. ئەمىر ۋەلىبەگ پادىشاھ تەلەپ قىلغان بۇ مەبلەغنىڭ يېرىمىنى شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلاردىن يىغىپ،قالغان يېرىمىنى پايتەخىت ئاھالىسىنىڭ گەدىنىگە ئارتىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى.
ئەمما ۋەلى بەگ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەسلىھەتىسىز ھېچقانداق ئىشنى قىلمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ پىلانىنى شائىرغا دېدى.«بۇنداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنسىز سېلىق سېلىشنى ئالىي دەرىجىلىك ساھىبقىراننىڭ دۆلىتىگەمۇناسىپ كۆرمەيمەن».-دېدى ئەمىر ئەلىشىر ۋە شۇ كۈنىلا پادىشاھ خەلقتىن يىغىشنى تەلەپ قىلغان بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ دارامىتىدىن چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ساخاۋىتىدىن خەۋەر تاپقان شەھەر خەلقى ئارىسىدىكى ئۇلۇغ كىشىلەرنى ۋەكىل قىلىپ ئۇنىڭغا مىننەددارلىق بىلدۈرۈشكە ئەۋەتتى. شائىر ئۇلارنىڭ مىننە ددارلىقىنى قوبۇل قىلىپ.« ھەج سەپىرىنى نىيەت قىلىپ چىققان يولۇمدىن قايتۇرۇلدۇم، ئەمما بۇ يولدىن قايتۇرۇلغىنىم بىلەن ئىلىمگە خىزمەت قىلىش يولىدا دۇرمەن».-دېدى ۋە سۆزىنى بېيىت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:

خوش ئولكىم، ئاڭا لۇتف بىرلەخۇدا،
ئۇلۇسنىڭ قۇبۇلىنى قىلدى ئاتا…

     ئەمىر ئەلىشىر ئەنسارىي مازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر خانىقا سېلىش ئىشىنى باشلىدى، ئۇ قۇرۇلۇش ئورنىنى ئايلىنىپ گاھىداتۆت ئەتراپنىڭ پات ئارىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىد ىغانلىقىنى كۆزئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆز-ئۆزىدىن مەنمۇن بولسا، گاھى ھوجرىسىدا يالغۇز ئولتۇ رۇپ خوجىنىڭ جەلىمىگە مەنسۇپ«ئىلاھىينامە»ناملىق رىسالىنى ئوقۇيتتى ياكى «ۋە قپىيە »نى ئارىلاش بىلەن بەند بولاتتى. ئەمماسەلتەنەتتىكى ناتېنىچلىق ئۇلۇغ ۋە ساۋاپلىق ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ جارۇپ كەشكەئارام بەرمەيتتى. پادىشاھ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پايتە خىتتە بولالمايتتى، ئۇ ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرلىۋاتقان ئىسيانلارنى بېسقتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇ قورقۇپ قالغان، شۇ قورقۇنۇش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىگىمۇ شۈبھە بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى.كۈتمىگەندە ئۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئىنىسى دەرۋىش ئەلىنى بەلىخنىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئارقىدىنلا، ئاستىرابات ۋەقەسىدىن كېيىن دەرۋىشلىك تونىنى كىيىپ پىنھان ياشاۋاتقان تاغىسى مىرزە ھەيدەرنى«پادىشاھقا خىيانەت قىلدى»دەپ ئەيىپلەپ ئۆلۈمگە بۇيرىدى. يەنەقۇندۇز ھۆكۈمدارى خۇسرەۋ شاھنى ئاستىراباتقا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرىلغاندا سۇسلۇق قىلدىدېگەن گۇمان بىلەن ئۆلتۈرىۋەتتى. بۇ ئىشلار دىن خەۋەر تاپقان ئەمىر ئەلىشىر ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتەندى، مۇلازىملىرىنى ئەۋەتىپ ھەيدەر مىرزىنىڭ جەسىدىنى ئەكەلدۈرۈپ ماھى بولىقىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدۇردى.
      بۇ پاجىئەلىك ۋەقەلەر ئەمىرئەلىشىرنىڭ كۆڭلىدە تېخى تىنىپ ئۈلگۈرمىگەن ھەجگە بېرىش، پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئارزۇسىنى قايتىدىن ئويغاتتى. ئۇ يەنە سۇلتان ھۈسەيىن بايقاراغا مۇراجەت قىلىپ،ئىجازەت تىلىدى. پادىشاھ ئۇنى بۇنداق مۇراجەت قىلىشقا ئۈندىگەن سەۋەپلەرنى بىلىپ تۇرسىمۇ،ئەمما بەزىدە بىلمىگەنگە سېلىپ، بەزىدە ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرگەندەك قىلىپ، گاھىدا ئەنسارىيەگەكېلىپ ئۇنىڭ سەپەرگە چىقىشقا ئالدىرىماسلىقىنى ئىلتىماس قىلاتتى. بۇنداق ئەھۋال بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بۇ قېتىمقى قارارى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يىگەنلىكىدىن بولماستىن بەلكى، ئۇنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىدىن ئىكەنلىگىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى ۋە پات ئارىدا يول پەرمانى يېزىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئەمىر ئەلىشىر ئۆزىنىڭ يولغا چىقىشى ئۈچۈن يول پەرمانى يېزىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئەمما پادىشاھ «بىر ئاز سەۋرى قىلىڭ، زامان ناتېنچ، يوللارخەتەرلىك»دېگەندەك باھانىلەر نى كۆرسىتىپ يول پەرمانىنى بېرىشنى كېچكتۇرۈپ كېلىۋاتاتتى.
    ئەمىلىيەتتىمۇ، ھەقىقەتەن زامان ناتېنچ ئىدى. دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە- ماۋەرائۇننەھىردە كۆچمەن ئۆزبېكلەر خانىشاي بانخان ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قازىنىپ، بارغانچە كۈچىيىپ كېلىۋاتاتتى. بۇنداق رەقپلەرنىڭ ئالدىدا تۆمۈرىي ھۆكۈمدارلىرى مۇستەھكەم بىرلىششنىڭ ئورنىغا بىر-بىرىنىڭ گۆشىنى يىيىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. شۇڭا شاھزادە ئابۇلمۇھسىن مىرزا ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان چاركۆلدىكى جەڭدە يىڭىلىپ قالغاندىن بېرى سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ كۆڭلىمۇ ئالاقزادە ئىدى.
     ئەمىر ئەلىشىر شۇ كۈنلەردەساھىبقىران ئەمىر تۆمۈرنىڭ پايتەختى بولغان سەمەرقەندنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شاي بانخانبىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئەۋرىسى بابۇر مىرزا ھەققىدە نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىدى. سەمەرقەندتە تۇرغان چاغلىرىدا ئۆزىگە ناھايتى كۆپ ياخشىلىق قىلغان ئەھمەد ھاجىپبەگدەك دىيانەتلىك بىر كىشىنىڭ شۇ مىرزا تەرەپتە تۇرۇپ، بۇنىڭدىن بىرنەچچەمۇددەت بۇرۇن بولغان بىر قېتىملىق جەڭدە شېھىت بولۇپ كەتكەانلىگىنى بىلىپ قاتتىق ئۆكۈندى،ياش بابۇر مىرزىغا خۇدادىن كۆپلەپ ئىنايەتلەر تىلىدى. جۈملىدىن، بۇ ياش مىرزا يازغان تۈركىيانە بېيىتلار ئېغىز دىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، ئۇنىڭ قولىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغابولغان ئىخلاسى تېخىمۇ ئاشتى. غەزەل پىرى بولغان ئەمىر ئەلىشىر بۇ بېيتلاردىكى ياڭراقنىدا، مەغرۇرانە مەرتلىكنى سېزىپ ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇنىڭغا بولغان مېھرى تېخىمۇئۇرغۇپ، يېرىم كېچىگە ئولتۇرۇپ مىرزىغا مەكتۇپ يازدى ۋە ئۆزىنىڭ سادىق مەھرىمى ئارقىلىق بۇ مەكتۇپنى سەمەرقەندكە ئەۋەتتى. ئۇ بۇ مەكتۇپىنىڭ ئۆزئىگىسىنىڭ قولىغا تەگدىمۇ-تەگمىدىمۇبىلەلمىدى، ئەمما ئۇ ھەر قېتىم ئۇ ياش مىرزىنى خىيالىغا كەلتۈرگىنىدە يۈرىگخدە ئىللىقبىر سېزىم پەيدا بولاتتى.
    نىھايەت، شۇ يىلىقى باھارنىڭ ئاخىرلىرىدا قىشتا يېزىلغان يول پەرمانى ئۇنىڭ قولىغا تەگدى، پەرماننىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مانا مۇنداق ئىدى:
«ئەمىر ئەلىشىر سۇلتان ھۈسەيىن خانىدانىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەم سادىق دوستى،دائىمى سۆھبەددىشىدۇر. شۇ كۈنلەردە ئۇ كىشى ھەجگە بېرىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، پادىشاھتىن ئىجازەتلەرۇ رۇخسەت سورىغان. گەرچە ئەمىر بىر نەچچە قېتىم بۇ نىيىتىنى بىلدۈرۈپ ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ھەر قېتىم پۇخرالارنىڭ مەنپەتىگە باغلىق بولغان سەۋەپلەر كۆرسىتىلىپ،ئىلتىماس ئەمەلگە ئاشماي توختىتىپ قويۇلغانىدى. بۇ قېتىم ئەمىرنىڭ يۈزخاتىرىسىنى كۆزدەتۇتۇپ ئىجازەت بېرىلىپ، شۇنداق ھۆكۈم جارىي قىلىنغانكى، ئۇ كىشى ھەجگە بېرىش يولىداقايسى جايغا يىتىپ بارسا، ھەرقانداق يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئۇنى زور ئېھتىرام بىلەن كۈتىۋېلىپ، يولغا سېلىپ قويسۇن. خەتەرلىك مەنزىللەردە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىغايول كۆرسىتىپ، بىكەتتىن-بىكەتكە تىنچ ۋە ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ قويۇلسۇن. ھەممە ئەمىرلەر،دارۇگەرلەر، ئەئىيان ۋە ئەشرەپ، بارچە شاھزادىلەر ۋە ئومۇمىي ئاھالە بۇ ھۆكۈمنى ئىجراقىلىشتىن باش تارتمىسۇن.
ئۇشبۇ پەرمان پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن 90-يىلى زۇلقەددە ئېيىنىڭ 5-كۈنىدە يېز ىلدى»
      پەرمان قولغا تېگىش بىلەنلاباشلىنىپ كەتكەن تەييارلىق ئىشلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە توختاپ قالدى. چۈنكى ياز باشلانغانلىقتىن ھاۋا بارغانسېرى قىزىپ، ھارارەت كۈچىيىپ، بىپايان سەھرا-چۆللەردىن ئۆتىدىغان يولنىڭ جاپاسى ناھايتى مۈشكۈللىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سەپەر كۈزگىچەكېچىكتۈرۈلدى.
    تەقدىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن ۋەقەلەر يەنە قايتا تەكرارلىنىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ مۇ ھەررەم ئېيىنىڭ بېشىدىكى يازكۈنلىرىدە(100-يىلى ئىيۇلدا) پادىشاھنىڭ كىچىك ئوغلى مۇ ھەممەد ھۈسەيىن مىرزا ئاتىسىغاقارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ چىقتى. خېلىلا قېرىلىق يەتكەن پادىشاھ يەنە دارۇلسەلتەنەتنى تاشلاپ چىقىپ، ئاستىراباتتىكى شاھزادە ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى.
بۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئەمىر ئەلىشىرنى ھوزۇرىغا چاقىرتتۇردى. شائىر قۇبۇلخانىغا كىرىپ كەلگەندەپادىشاھ ئەمىر ۋەلىبەگ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.
- ئاستىراباتتا يەنە ئىسيان، -دېدى پادىشاھ، -يەنە پەرزەنت ئىسيانى…
- ئاستراباتمۇ، پەرزەنتىڭىزمۇ كۆزۈڭىزدىن يىراق، شۇڭا ئۇلار قورقۇشنى ئۇنۇتقان، -دېدى ئەمىر ۋەلىبەگ.
- ياق جانابى ۋەلىبەگ، ئۇلار ئاتا-بالىلىق مېھرىنى، ئاقىۋەتنى ئۇنۇتتى.-دېدىپادىشاھ

      ئۈچەيلەن ئۇزاق كېڭەشتى. پادىشاھ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ھەج قىلىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىپ يول پەرمانى بېرىپ بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا دارۇلسەلتەنەتنىڭ ئىختىيارىنى دوستى بىلەن ئەمىرۋەلىبەگە ئامانەت قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەمىر ئەلىشىر بۇنىڭغا جاۋابەن ھېچنېمەدېمىدى. پادىشاھ مەكتەپداش دوستىنىڭ كۆزلىرىگە ئىلاجىبار قارىماسلىققا تىرىشىپ قىسقىلاخوشلاشتى.
      دەسلەپكى كۈنلەردە ئەمىر ئەلىشىرتەدبىر كار ئەمىر ۋەلىبەگ بىلەن بىللە ئوردىدىكى كېڭە شلەرگە قاتناشتى، ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن قولى زادى ئىشقا بارمىدى. گەرچە پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى ئۇنىڭ يادىدا بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق تاقەت قىلغۇچىلىكى قالمىغانىدى. ئۇ ھىجاز سەپىرىنىڭ تەييارلىقىنى تېزلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ ھىراتتىن چىقىپ كەتكىنىگە ئىككى ھەپتە بۇلا-بولمايلا،مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇمۇ يولغا چىقتى. بىراق تەشۋىشلىك بىر خەۋەر شەھەردەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىققان كارۋاننىڭ ئالدىنى توسىدى. ئاتىسىنىڭ ئاستىرابات تەرەپكەكەتكەنلىگىنى سەلتەنەت تەختىنى ئىگەللىۋېلىشنىڭ تازا ئوبدان پۇرسىتى دەپ بىلگەن شاھزادەبەدئوززامان مىرزا ھىرا تقا قاراپ قوشۇن باشلاپ كىلىۋاتقانمىش. لەك-لەك نەۋكەرلەرنىڭ خۇراسان ئەھلىنىڭ بېشىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشكە چۈشكەن پېشقەدەم شائىريەنە ئارقىسىغا قايتتى. مۇبادا پايتەخىت بەدئوززامان مىرزىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالىدىغان بولسا، خەلقنىڭ كۈنىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.شۇڭا شەھەردىن چارشەنبە كۈنى چىقىپ كەتكەن شائىر پەيشەنبە كۈنى يەنە شەھەرگە قايتىپ كىردى.
     ئەتىسى جۈمە نامىزىدىن كېيىن،مەسچىدجامەدە ماشايىخ ۋە ئۆلىمالاردىن شەيخ جەلىلىددىن ئەبۇسەئىدنۇرانىي، شەيخۇلئىسلام سەيفىددىن ئەخمەد تەپتازانىي، شەيخ سوپى ئالىي، مەۋلانە مۇئەتدىدىن فەراخىي، مەۋلانەكامالىددىن كاسفىي، خۇجا ئمامىددىن ئابدۇلئەزىز ئابغەرىي، سەئىد ۋە نەقىدلەردىن ئەمىرقىۋامىددىن ھۈسەيىن مازەندەراني، ئەمىر جالالىددىن ئاتائۇللاھ ئەسىلىي، ئەمىر نىزامىددىنئابدۇقادىر ۋە ھىرات شەھرىنىڭ بىر مۇنچىلىغان ئەئىيانلىرى، ئەشرەپۇ-رەئىسلىرى ئەمىرئەلىشىرنى ئارىغا ئېلىۋالدى. بۇچاغدا ھىراتنى مۇداپىئە قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانئەمىر ۋەلى بەگمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا بار ئىدى.
- سىزنىڭ پەزىل-بەرىكىتىڭىز خۇراسان مۈلكىنىڭ دەخلىسىزلىگىنىڭ سەۋەبى،پۇخرالار خاتىرجەملىكىنىڭ ئاساسىدۇر، -دەپ يىراقتىن گەپ باشلىدى شەيخۇل ئىسلام.-بىزھەممىمىز سىزنىڭ مۇبارەك ھەج سەپىرىڭىزگە پاتىھە بەرگەنىدۇق. ئاللاھ مۆمىنلەرگە ھەجنىپەرھىز قىلغان. كىمىكى بۇنى ئىنكار قىلسا گۇناھى ئۆزىگىدۇر، بەس.«ئاللاھۇ تائالا بارچەئالەمدىن بىھاجەت»دىيلگەن، بىز بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىمىز. سىزنى يولدىن قالدۇرۇش گۇناھ.ئەممە سىزنىڭ ئازراق سەۋىر قىلىشىڭىزنى ئۆزىر بىلەن تىلەيمىز. رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇبارەك ھەدىسلىرىنىڭ بىرىدە«ۋىجداننىڭ ئەمرىگە قۇلاق سال! ئىزگۈلۈك شۇنداق نەرسىيكى، ئۇنىڭدىن قەلىپمۇ، ۋىجدانمۇ ئارام ئالىدۇ. گۇناھ ئىش شۇكى، ئۇنىڭدىن قەلب تېنىچلانمايدۇ، ۋىجدان ئازاپلىنىدۇ. كىشىلەر پەتىۋا بەرسىمۇ سەن ئۆز ۋىجدانىڭدىن پەتىۋاسورا!»دېيىلگەن. سەلتەنەت ۋە پۇخرالارنىڭ خاتىرجەملىك ھوقۇقى ئۈچۈن ۋىجدانىڭىزدىن مەككە ئارزۇسىنى بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈشكە پەتىۋا تىلىشىڭىزنى ئىلتىجا قىلىمىز.
- ھەزرەت رىسالەت«ساڭا ئامانەت قىلىنغان نەرسىنى ئىگىسىگە تاپشۇر، ساڭاخىيانەت قىلغان كىشىگە سەن خىيانەت قىلما»دېگەن ئىكەن، -دېدى ئەتىگەندىن بېرى شەھەرمۇدا پىئەسى ئۈچۈن بولىۋاتقان تەييارلىق ئىشلىرىغا باش-قاش بولۇپ، ۋاقىراپ-جاقىراپيۈرگە نلىكتىن ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغان ئەمىر ۋەلىبەگ، -ساھىبقىران سىز تۇرسىڭىز، دارۇلسەلتەنەتنى ماڭا ئامانەت قويۇشتى. سەۋىرقىلىڭ، پادىشاھ ھەزرەتلىرى قايتىپ كەلسۇن، ئامانىتىنى ئامان-ئېسەن قولىغا تاپشۇرايلى، ئاندىن مۇبارەك يولغا راۋان بولارسىز.
- ھازىر ھىرات ساھىبقىراننىڭ ۋۇجۇدىدىن خالىيدۇر، -دېدى ئەمىر ۋەلىبەگنىڭ بايىقى گەپلىرىنىڭ ئەمىر ئەلىشىرگە سەل قاتتىق كەتكەنلىگىنى، شائىرنىڭمۇ ناھايتى نازۇك تەبىئە تلىك كىشى ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان مەۋلانە كامالىددىن كاسفىي.
- ئەگەر پايتەخت سىزنىڭ پەيزىلىك نۇرىڭىزدىنمۇ مەھرۇم قالسا، شەھەردەپىتنە-پاسات، غەليان-غوغالار باشلىنىپ، سەلتەنەت تادارۇكى ئىمكانسىز قېلىشى مۇمكىن…
- ئۆزىڭىزمۇ پەملىگەنسىز، سەمەرقەند تەختى ئۆزبېك پادىشاھى شايبانخاننىڭ قولىغا ئۆتۈپتىمىش. ئەمدى ئۇنىڭ ئامۇ دەرياسىدىن نىيىتى بار دىيىشىدۇ. سىز نىيەت قىلغانمۇبارەك سەپەردە بېسىپ ئۆتىدىغان يوللارمۇ ناھايتى خەۋىپلىك ئىمىش. ئىراقۇ-شامدىمۇ،رۇمدىمۇ پەرىشانلىق. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى يۈزىسىدىن بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەج ۋاجىپ ئەمەس،-شەيخۇل ئىسلام «دېگەنلىرىم توغرىمۇ؟»دېگەندەك شەيخ نۇرانىيغا قارىدى. شەيخ نۇرانىي «شۇنداق»دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيغاندىن كېيىن، ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇر دى.-بىز پېقىرلارنىڭ ئىلتىجاسىغاقۇلاق سېلىڭ، بۇ يىل سەپەر قىلىش نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ.
- تېنىچلىقى بۇزۇلغان پۇخراغا باش بۇلۇڭ، -دېدى ئەمىر قىۋامىددىن مازەندەرانىي،-بۇ خەيىرلىك ئىشنىڭ ساۋابىنى يەتمىش قېتىم ھەجىگە بارغاندىن ئارتۇق كۆرۈڭ. ئاللاھ،ئۆزلىرى ئېيتقاندەك:
كىمىكى بىر كۆڭلى بۇزۇقنىڭ خاتىرىن شاد ئەيلىگەي،
ئانچە باركىم، كەبە ۋەيرانبولسا، ئاۋات ئەيلىگەي…
ئەمىر ئەلىشىر ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى جىممىدە تۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى، ئارىنى ئېغىر سۈكۈت باستى، ئۇ بېشىنى ئاستاكۆتۈرۈپ مەيۈس ئاۋازدا سۆزلىدى.
- ھەممىلىرىگە مەلۇمكى، ئۇزاقتىن بېرى مەككىگە بېرىش ئارزۇسىدىمەن.بۇ نىيەت ھەزرىتى مەخدۇمى نۇرانىي كەبىنى تاۋاپ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن باشلاپ كۆڭلۈمگەتېنىچلىق بەرمىدى…
شۇلارنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزئالىددا بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىللار ئاۋۋالقى ئۇستازى سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ئاشۇدەملەر قايتىدىن جانلانغاندەك بولدى. شۇ چاغدا ئەمىر ئەلىشىرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەرچۈشكەن چاغ ئىدى. يەنى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادىرى دەرۋىش ئەلى پاىدىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمدار بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق خۇداغا ئامانەت بولۇپ قالغانچاغ ئىدى. شۇچاغدا ئۇنىڭ بۇرادىرى دەرۋىش ئەلى بەلىختە ھاكىم ئىدى. ئۇ ئەگەر ئېغىزى كۆيمىسە چوغنىمۇ چاينىماي يۇتىدىغان ۋەزىر مەججىددىننىڭ ئەمىر ئەلىشىرگە قىلغان بەدنىيەتلەرچەھەددى-ھەركەتلىرىدىن نارازى بولۇپ، باش كۆتۈرۈپ چىققانىدى. ئەمما سۇلتان ھۈسەيىن بۇنىڭدىن ناھايتى قاتتىق غەزەپلەندى، بۇ غەزەپنىڭ ئۇكىغا قارىغاندا كۆپرەك ئاكىغا قارىتىلغانلىقىنى سېزىپ تۇرۇشقان ئوردىدىكى بەزى كىشىلەر، يەنى بىرىنچى بولۇپ ۋەزىر مەججىددىننىڭ ئۆزىئوت ئۈستىگە ياغ سەپكەندەك بۆھتانلارنى ياغدۇردى. ئۇلار ئوچۇقتىن-ئوچۇق؛«بۇ خىيانەتتەئەمىر ئەلىشىرنىڭ قولى بارلىقى ئېنىق، چۈنكى دەرۋىش ئەلى ئاغىسىنىڭ مەسلىھىتىسىز بۇنداق يولغا كىرىشكە پېتىنالمايتتى»دېدى. سۇلتان ھۈسەيىن ئىسيانچى ھاكىمنىڭ ئۈستىگە قوشۇن تارتىپ مېڭىشنىڭ ئالدىدىراق خوجا غىياسىددىننى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن تۆۋە تەلەپ قىلدى.دەرۋىش ئەلى ئاغىسى ئەمىر ئەلىشىر سۆزىگە كىرىپ تۆۋە قىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى.دەرۋىش ئەلىنى باشتا كەچۈرگەن پادىشاھ ئارىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇنى بەلىخ شەھرىگە قاماشنى بېرىپ-بېرىپ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ ئۆزىگە بۇيرىدى. تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان شائىر نەچچە قېتىم نىيەت نىقلغان بىر ئىشنى، يەنى سەلتەنەت ئىشلىرىدىن ئىتەك يىغىشتۇرۇپ،دەرۋىشلىك يولىدا پىنھان ياشاش ئويىنى ئۇستازى سېزىپ قالدى ۋە سورىدى:
- بىر گەپ ئىشىتتىم، سەۋەبى نېمە ئىرۇر؟
- ئىنسان جىنسىنىڭ سۆھبىتىدىن بەزدىم ھەزرەت، سەۋەبى شولدۇر، -دېدى ئەمىر ئەلىشىر.
جامى ئۇنىڭغا ئويچان كۆزلىرى بىلەن بىردەم قاراپ تۇردى-دە:
- سەن كىملەرنى ئىنسان دەپ ئويلىدىڭ، قېنى ئۇلارنى بىزگە كۆرسەتچۇ؟-دېدى.
شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئوردائىشلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلگىنى ئۈچۈن ئۇستازىمدىن تەنبىھ ئىشتىمەن، دەپ ئويلىغان ئەمىرئەلىشىر بۇ گەپنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولغانىدى. مانا شۇنىڭغا سەككىز يىلدىن ئاشتى، بىراق ئەمدى ئۇستازى ئۇنىڭ يېنىدا يوق، دوستى يوق. مانا بۇ سەككىز يىلدىن بېرى ئۇنىڭ دىلرىغبىتىنى تىڭشايدىغان ئىنسان يوق…
ئۇنىڭ بەزىدە ئەنە شۇنداق سۆزلەۋېتىپ بىردەم-بىردەم چوڭقۇر خىياللارغا چۆمۈپ قالىدىغانلىقىغا كۆنۈپ قالغان كىشىلەرداۋاملىق سۈكۈتنى ساقلاپ تۇرىۋېرىشتى. ئەمىر ئەلىشىر نىڭ بۇ ئادىتىنى ھىراتتىكى ھەممەئادەم بىلەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ شاگىرتى خاندەمىرنىڭ «ئە مىر بۇنداق دەملەردە بىزنى زېمىندەقالدۇرۇپ، ئاسماندىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ »دېگەن سۆزىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇرئىدى.
ئەمىر ئەلىشىرنى زېمىنگە قايتىپ چۈشكەنلىگىنى سەزگەن كىشىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى. شائىر سۆزىنى كەلگەن جايىدىن داۋاملاشتۇردى:
- ھەئە، بۇ نىيەت ھەزرىتى مەخدۇمى نۇران مۇبارەك سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ قەلبىمگە تېنىچلىق بەرمىدى. ئەمما ھەر نۆۋەت مۇشۇ مەقسەت تەرەپكە بېرىش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈشكە باشلىسام ساھىبقىران دەخلى بولىدۇ. شۇنداقتىمە مەن ھەر قېتىم بۇ دەخلىدىن رەنجىمەي بوينۇمنى ئەگدىم. بۇ قېتىم پادىشاھ ئۆزى يول پەرمانى بەردى، ئۆزىمىزمۇ سەپەر تەدارىكى ئۈچۈن ناھايتى جىق مەبلەغ سەرپ قىلدۇق…شۇنداق بولسىمۇ، «مۆمىنلەرنىڭ قەلبىگە شادلىق بېغىشلاش پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىبادىتىدىن خەيىرلىكتۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىپ، سىزلەردەك ئۇلۇغلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلۇرمىز ۋە پۇخرالارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن بۇ نۆۋەتمۇ ئۆزىمىزنى بۇ ئىستەكتىن قايتۇرىمىز.
    ئەتراپتىكىلەر خۇسەن بولۇشۇپ،دۇئا ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىشقا ئېغىزلىرىنى ئۇچلاشتى. كېيىن كۆپچىلىك پايتەخت مۇداپىئەسىنى قانداق ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئالدى بىلەن بەدئوززامان مىرزىنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچى ئەۋەتىش ماقۇل كۆرۈلدى.
   ئەتىسى ئەلچى يولغا سېلىندى.بەدئوززامان مىرزا ئەلچىگە: «ئەگەر ئاتىمىز سۇلتان ساھىبقىران بەلىخ ۋىلايىتى ۋە ئامۇدەرياسىدىن مورغاپقىچە بولغان جايلارنى مېنىڭ ئىلكىمگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە، نامىمىز خۇتبىگەقوشۇپ ئوقۇلسا، قولىمىزغا قېلىچ ئالمايمىز»، -دېدى. بۇ ئارىدا ناھايتى تېز يول يۈرگەن سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ دارۇلسەلتەنەتكە يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ئەمماپادىشاھنىڭ قوشۇنى بەدئوززامان مىرزىنىڭ قوشۇنلىرىدىن خېلىلا ئاز ئىدى. ۋۇجۇد ئۈچۈن ساغلام كۆڭۈل زۆرۈر بولغىنىدەك، مۈلۈك(دۆلەت) ئۈچۈن ھەم ساغلام پادىشاھ كېرەك. ئەمماھۈسەيىن باياقارا بولسا، كۈچ-قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋۇجۇدىدىكى ئەسلىدىن توق يىلىكىنىمەي ئىچىش بىلەن بالدۇرلا قۇرۇتقانىدى. گەرچە ئۇ بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئەمىر ئەلىشىربەگكە«تېخى قېلىچ چېپىشقا يارايمەن»دەپ ماختانغان بولسىمۇ ، ئەمما قېرىلىقنىڭ ھەم دېمى قاتتىق دېگەندەك، ئۆتكەن ۋاقىت بەربىر ئۆز ئىشىنى قىلغان، پادىشاھ ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئويناقلاپ تۇرىدىغان ئۇچقۇر تۇلپارغا مىنىپ جەڭ قىلىشقا يارىمايتتى، شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم ھىراتقىمۇتەختىراۋاندا كەلگەنىدى. مۇشۇ كۈنگىچە بەدئوززامان مىرزا ئۇنىڭغا قارشى نەچچە قېتىم باش كۆتەرگەن بولسا، سۇلتان ھۈسەيىن ھەر قېتىم ئوغلىنىڭ ئەدەپىنى ناھايتى ئوبدان باپلاپ بېرىپ كەلگەن، مانا ئەمدى ئاتىنىڭ قېرىلىقتىكى ئاجىزلىقىنى ئۆزىنىڭ يىگىتلىك كۈچ-قۇۋىتىدىن دەپ بىلىپ، ھىراتنىڭ دەرۋازىسىغىچە قو شۇن تارتىپ كېلىشكە جۈرئەت قىلدى. سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا نە پادىشاھلىق، نە سەركەردىلىك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قاراپ كەلگەن بۇ تۇنجى ئوغلىنى بۇنىڭدىن كېيىن قىلچنىڭ ھەيۋىسى بىلەن بويسۇندۇرالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ ئەمىر ئەلىشىرنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، بەدئوززامان تەلەپ قىلغان ۋىلايەتلەرنى شەرتسىز بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. سەلتەنەتنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئالغان بەدئوز زامان مىرزا ئەمدى پادىشاھ ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ نامىمۇئاتىسىنىڭ نامى بىلەن بىر قاتاردا خۇتبىدە يادلىنىشقا باشلىدى.
   بەدئوززامان مىرزىنىڭ ئىشى شۇنىڭ بىلەن بىرئاز بېسىققان بولدى. ئەمما كەنجى شاھزادە مۇھەممەد ھۈسەيىن مىرزىنىڭ غوغاسى تېخى تىنچىتىلمىغانىدى. ئاتىسىنىڭ چوڭ ئوغلىغا قىلغان مەرھىمىتىنى ئاجىرلىق دەپ چۈشەنگەن شاھزادە ئەقلىنى يوقاتقانىدى. ئەمىلىيەتتە ئالدىنقى قېتىم پادىشاھ پايتەخىتنىڭ غېمىدە ئۇنىڭ ئىسيانىنى تەلتۆكۈس بېسىقتۇرمايلا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئەمماھازىر ھىراتنى ئوڭۇشلۇق قوغداپ قالغان سۇلتان ھۈسەيىن يەنە ئاستراباتقا قاراپ قوشۇن باشلاپ ماڭدى. كەنجى شاھزادە ئاتىسىنىڭ ناھايتى قاتتىق قەھرى-غەزەپ بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئاغىسى بەدئوززامان مىرزىدىن ئالالمىغان ئەلىمىنىمۇ قوشۇپ ئۆزىدىن بىراقلائالماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، يۈرىگىگە قورقۇنۇچ چۈشتى. راسىت دېگەندەك بىرىنچى قېتىملىق توقۇنۇشۇشتىلا ئەھۋالىنىڭ چاتاق بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەن شاھزادە ئاتىسىنىڭ ھوزۇرىغائەلچى ئەۋەتىپ، تۆۋە قىلدى. بۇ سۈلھىينىڭ خەۋرىنى ئاڭلىغان ئەمىر ئەلىشىر خۇددى كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ كەتتى. كاشكى، بۇ بۇمەملىكەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىسيان بولۇپ قالسا،شۇنىڭ بىلەن بۇ سەلتەنەت قايتىدىن خاتىرجەملىككە ئېرىشسە. يوللار تىنچ، خەۋپ-خەتەرسىز،شەھەرلەر ئاۋات، جاھان توقچىلىق، پۇخرالار ئىناق-ئىتتىپاق بولسا…
قېرى شائىر ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بېرىقى ئارزۇسىنى ئويلىدى. ناھاتكى، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئارمانغا ئايلانسا؟ ئەمدى ئۇ ھەج سەپىرىگە چىقىشقا، ئۆزىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان تەن سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەككىگە بارىمىز دەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدتىزگىنىنى ئۇنىڭ ئىشىگىگە ئىلگەنلەر، ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇشقا تەييارلىنىپ يۈرۈشكەن پۇخرا-يۇ، بىچارىلەرنىڭ ھەج يولىغا كېتەرلىك خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇلارنى يولغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر نەچچە كۈنلەردىن كېيىن ھىرات شەھرىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىققان كارۋان نىشاپۇر يولىغا چۈشۈپ مەغرىپ تەرەپكە كەتتى.كارۋاننىڭ بېشىدا سىلىق يورغىلاپ كېتىۋاتقان ئىشەككە مىنىۋالغان خازان لەقەملىك قېرىدەرۋىش شەھەر دەرۋازىسىدىن چىققاندىن كېيىن، بىردىنلا توختاپ، ئىشەكتىن چۈشۈپ قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئەمىر ئەلىشىر ئۈچۈن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئاقىلىپ، يۈزىنى سىيپاپ ئىشىگىگەمىندى-دە، شائىرنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇبارەك سەپەرنىڭ ئىشقىدا يازغان بېيىتلىرىنى ئىشتىياق بىلەن پىچىرلىغىنىچە يولغا چۈشتى.


مېنى كىم، بۇ سەۋدا ئىنتىزارئەيلىدى،
ھەۋەس ئىلكىدە بىقارار ئەيلىدى.

نە ئىمكانكى، تاپقاي قارارۇسۇكۇن،
بىراۋكى، بۇ پىكىر ئەتكەيئانى زەبۇن.

ئۇرارمەن قەدەم تاكى بارغۇنچە،
كى، بولغا، مۇيەسسەر ماڭائۇشبۇكام.

ئەگەر بولسا بۇ يولدا ئۆمرۈمتەلەف،
چۇ بۇ يولدۇر ئول ھەم ئېرۇرشەرەف.

ۋەگەر بولسام ئۆز نامىمە بەررىمەند،
زىخى مۈلكى جاۋىدۇر بەخت بەلەند…


    كارۋاننى ئۇزۇتۇپ چىققان ئەمىرئەلىشىر شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى-يۇ، نېمە ئۈچۈندۇر تۇيۇقسىز ئارقىسىغا قايتتى. شۇتاپتائۇ گويا شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپلا كەتسە، ئۆزىنى توختىتالماي يۈگۈرگىنىچە كارۋانغاقوشۇلۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ روھى چۈشكەن ھالدا ئونسىيىگە قايتىپ كەلدى ۋە«ۋەقپىيە»نى ۋاراقلاپ، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل بايانلىرى يېز ىلغان قۇرلارنى شىۋىرلاپ ئوقۇشقاباشلىدى.«مانا ئەمدى ھاياتىم باھارىنىڭ گۈلشەنى خازانغا ئايلاندى ۋە بۇ گۈلشەندە ئېچىلغان يىگىتلىك گۈللىرى توزۇشقا باشلىدى. چاچ-ساقاللىرىم ئاقاردى، چىرايىم لالىسى سوغۇق نەپەسلەردىن سارغايدى…ئىككى ئارزۇ-ئىستىكىمدىن ئۆزگە ھەرقانداق نەرسىگە قاراڭغۇ كۆڭلۈمنىڭ پەردىسىنى ئاچالمىدىم، بۇ ئىككى گۈل غۇنچىسى جېنىمنىڭ گۈلشەنىدە ئېچىلمىدى. ئەمما ئۈمىدىم شولكى ۋە بۇ ئۈمىدىمنىڭ مىۋىسىدىن مۇرادىم شولكى، بۇ ئىككى مۇراد گۆھىرىنى ئارزۇ ئاسمىنىداتېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەتكەيمەن، بۇ ئارزۇ گۈللىرىنىڭ تىكىنى كۆڭلۈمدە سۇنغاي، بۇ مۇرادگۆھىرىنىڭ يېغىنى يېشىم قەترىسىدەك تۇپراققا تۆككەيمەن…بۇ مەزكۇر بولغان ئىككى ئارزۇنىڭ بىرى مۇبارەك سەپەردۇر…»
مۇشۇ قۇرلارغا كەلگەندە ئۇنىڭبوغۇزىغا شېغىل قاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، كۆزلىرى ئىختىيارسىز نەملەشتى. ئاھ، ئەمدىبۇ ئارزۇ ئارمانغا ئايلاندى.

ناۋايى، كەئىبە زىكرىن قويكى،بىر دەيرى فەنا ئىستەپ،
زاخابنا ۋادىيەل-مەقسەد، ۋاجەدناماخۇۋەن-مەقسۇد…

ئەلەملىك ئويلارغا پاتقانقېرى شائىر شەيخ مۆمىن شىرازىي توغرىسىدا يېزىلغان بىر رىۋايەتنى ئەسلىدى. ئىمىشكى،ئىسمايىل دابباس ئىسىملىك بىركىشى ھەج قىلىش نىيىتىدە يولغا چىقىپ، شىرازغا يىتىپ كەپتىمىش.ئۇ بىر مەسچىتكە كىرسە، شەيخ مۆمىن شىرازىي كۆڭلىكىنى ياماپ ئولتۇرغىدەكمىش. ئىسمايىلدابباس ئۇنىڭغا سالام بېرىپ ھال-ئەھۋال سورىغان ئىكەن، شەيخ مۆمىن.«قانداق نىيىتىڭبار؟»، -دەپ سوراپتۇ. ئىسمايىل دابباس «ھەج قىلىش نىيىتىم بار!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
شەيخ مۆمىن ئۇنىڭدىن يەنەسوراپتۇ، «ئاناڭ بارمۇ؟». «ئانام بار»-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىسمايىل دابباس. بۇ جاۋاپنى ئاڭلىغان شەيخ مۆمىن شىرازىي قولىدىكى كۆڭلەڭنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ، دەپتۇ«ئاناڭنىڭ ئالدىغا بار، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىل!»، ئەمما شەيخ مۆمىن شىرازى بۇ سۆزىنىڭ سۆھبەتدىشىغاتازا ياقمىغانلىقىنى سېزىپ، يەنە شۇنداق دەپتۇ؛« سۆزۈم ساڭا ياقمىدىمۇ ئىسمايىل دابباس!مەن بېشىم باشتاق، پۇتۇم يالاڭ ئاياق، بىرمۇ ھەمراسىز يەككە-يېگانە ھالدا ئەللىك قېتىم ھەج قىلىپ كەلدىم. مانا شۇ ھەجىلىرىمنىڭ ساۋابىنى ساڭا بېرەي، سەن ئاناڭنىڭ كۆڭۈل شادلىقىنى ماڭا بەر!»
ئەمىر ئەلىشىر بۇ رىۋايەتنى ھەر قېتىم يادلىغاندا يۈرىگى ھاياجاندىن قاتتىق دۈپۈلدەپ كېتەتتى، بۇقېتىممۇ ھەم شۇنداق بولدى.«بىچارە ئانام ھايات بولغان بولسا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كۆڭلىنى بىر خۇشال قىلىۋالغان بولسام ھە؟!»، -دەپ ئويلىدى ئۇ. ئەمما يەنە قانداقتۇر بىر ئوي ئۇنىڭ دىلىنى ۋاللىدە يۇرىتىۋەتتى. «ياق، ياق! مېنىڭ ئانام بار. ئانام ماڭا تىل ۋە دىل ئاتاقىلغان تۈركىي خەلقىمدۇر، كاشكى، شۇ ئۇلۇغ مىللىتىم، شۇ ئۇلۇغ خەلقىمنىڭ دىلىنى شاد قىلالىسام،ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلالىسام…»

تۈگىدى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

   خۇرشىد دەۋراننىڭ 2006-يىلىتاشكەنت «شەرق» نەشىرياتى مەتبەئە شىركىتى نەشىر قىلغان «بىبىخانىم قىسسىسى»ناملىق ئۆزبېكچە كىتاپتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.


ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

1

تېما

8

دوست

3452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 17:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ياخشى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپسىز، ئەمدى خۇرشىد دەۋراننىڭ ماۋۇ ماقالىسىنىمۇ بىر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باققان بولسىڭىز:
http://uz.fundamental-economic.uz/?page_id=365
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 18:16:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 17:38
بۇنى ياخشى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپسىز، ئەمدى خۇرشىد دەۋرانن ...

مەن ۋاقتىم چىقسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قوياي!

0

تېما

0

دوست

1299

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12649
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 19:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 18:16
مەن ۋاقتىم چىقسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قوياي!

6.2. Alisher Navoiy chig’toy millatiga mansubmi? ― degan savolga yuqorida ham javob bergan bolsak-da, yana takroran: ― Yo’q! Alisher Navoiy chig’toy millatiga mansub emas! Chunki, Chingisxonning ikkinchi o’g’li sharafiga Chig’atoy Ulusi, deb atalgan davlat tarixda mavjud bo’lgan va uning ba’zi bir fyqorolari o’zlarini chig’atoy elatiga mansub deb hisoblagan bo’lsalarda, lekin CHIG’ATOY MILLATI tarixda hech qachon bo’lmagan, deb javob berishimiz mumkin.

6.3. Alisher Navoiy uyg’ur millatiga mansubmi? ― degan savolga ham: Yo’q! Alisher Navoiy uyg’ur millatiga ham mansub emas! ― deb javob berishimiz mumkin. Chunki hozir Xitoyning Shinjon-Uyg’ur avtonom tumanida uyg’ur nomi bilan ataladigan aholi yashayotgan bo’lsa-da, lekin ular hali millat sifatida shakillanib ulgurmaganliklari uchun elat ko’rinishidagina mavjud holos, deyish mumkin.

Buni ustiga Alisher Navoiyning uyg’urligini da’vo qilgan rus millatiga mansub, lekin Tojikiston FAning akademigi sifatida yuqorida nomi tilga olingan, tarix soxtakorligini o’ziga kasb qilib olgan, tarix fanlari doktori Raxim Masovning ustozi bo’lganligi uchun Xurshid Davron ham asarlariga havolalar beradigan A.A.Semenov ham, men uni to’g’risida o’zimning rus tilida yozilgan “Rus xalqi ― eroniylikrdan, tojiklar esa ― ariylardan emas” [13], degan maqolamda ko’rsatib o’tganimdek ― bu ToshDYning asoschilaridan biri bo’lgan tarixchi olim, nafaqat O’zbekiston FAning haqiqiy a’zolari (akademiklari) safiga saylanmay uning muxbir a’zolari safida qolib ketganligi uchun. Balki O’zbekiston SSRning tergov organlari tomonidan o’tgan asrning 30-yillarida ta’qib qilinganligi uchun ham, biz o’zbeklarning yashirin dushmaniga aylanib, O’zbekiston va o’zbeklarning buyuk o’tmishini tarix sahifasidan mutlaqo o’chrib tashlab, Xurshid Davronga o’xshagan havaskor tarixchiga aylangan o’zbekistonliklarning qo’liga soxta tarixiy ma’lumotlarni tutqazib, ularni 1924 yildan ilgari o’zbek degan millat va o’zbek davlatlari bo’lmagan degan yolg’on gaplarni targ’ibotchilariga aylantirib qo’ygan. Va shuning uchun ham bu A.A.Semenovdek, Tojikistondagi o’z tarafdorlari tomonidan e’zozlanib, bu respublika Fanlar Akadamasining xaqiqiy a’zosi va 1954 yili, bu akademiyaga qarashli Tarix instityti direktori lavozimiga tayinlangan kimsa, o’zining Alisher Naviy va Husayin Boyqaroga bag’ishlangan kitobida [21], Mirzo Muhammad Haydarning, fors tilida yozilgan nusxasi O’zbekiston FAsi Sharqshunoslik institutida 1430-sonli inventar nomer bilan ham saqlanayotgan “Ta’rix-i Rashidi” [22], deb atalgan kitobiga havola keltirilgan holda: ― “Mirzo Haydar-dug’lat guvohlik qilishicha, Alisher, uyg’ur baxshlaridan, ya’niy temuriylar paytidagi an’anaga ko’ra ba’zi bir rasmiy xujjatlarni uyg’ur tilida yozib yurgan, mirzs va kotib bolgan uyg’urlardan, kelib chiqqan”, deb ko’rsatgan.

Biroq bu, o’zining kelib chiqishi to’g’risida, uning o’zi yozgan kitoblaridan ham kim ekanligini aniqlash qiyin bo’lganligi sababli: ― Rossiya Imperiyasi va sovet davri tarixchisi, akademik V.V.Bartold Boburning xolavachchsi, deb o’ylagan. Uning bu mashhur kitobiga izoh bergan tadqiqotchilar esa: ― u mo’g’illarning Mog’oliston va Qashg’ar tarixida muhim ro’l oynagan du’g’lat urig’dan yoki uyg’urlardan bo’lsa kerak, deb fikr bildirgan, lekin Xurshid Davron juda ham yaxshi biladigan Mirzo Muhammad Haydardek yozuvchining Alisher Navoiy to’g’risidagi fikrlarini ham A.A.Semenovga o’xshagan o’zbeklarning buyuk o’tmishini tarix sahifasidan o’chirib tashlashga bel bog’lagan vijdonsiz tarixchilar, sohtalashtirishgan deyshga etarli asoslar bor, desak mutlaqo xato bo’lmaydi.

Chunki Alisher Navoiy olamdan o’tganidan ikki yildan keyin dunyoga kelgan Mirzo Muhammad Haydar qalamiga mansub bo’lgan “Tarix-i Rasidi”ning rus tiliga tarjima qilinib “Vostochnaya literatura” (“Восточная литература”) saytida keltirilgan ikkinchi kitobida [22], muallif yozgan asil nusxasida yo’q bolgan “(Выделение в главу сделано по Л2 106а, Л3 81б, R 191)” degan izohnng 9-bobidagi Naviyga bag’ishlangan satrlarida: “U o’zining kelb chqshi jihatidan uyg’ur baxshilaridan edi. Uning otasini “kichkina baxshi” deb atar edilar”, degan so’zlardan so’ng, bu qo’shimcha, kitobning faqatgina  “Vostochnaya literatura”dagi nusxasida paydo bo’lganligini bildiruvchi: “(Добавлено по Л1 92а, Л2 114а, Л3 90б)”, degan so’zlar borligi, bu holat ham tarix sohtakorlarining qilmishi ekanligini ko’rsatadi, deb hisoblayman.

Aks holda uyg’urlar tarixi sohasida obro’li va yirik mutahassislardan biri bo’lgan, Sovet Ittifoqi FAning akademigi, tarix fanlari doktori S.E.Malov Alisher Navoiy BARLOS degan turkiy urug’dan ekanlgini isbotlashga harakat qilmagan va:

“Navoiyning boshqa tillar ichida kata grux bo’lib, bizning davrimizga qadar ham umir korib kelayotgan turk (o’zbek) tilida gaplashganligi har bir turkshunosga ma’lum. Naviy haqiqatdan ham, … o’zbek adabiy tili va adabiyotining sardori va asoschisi ekanligi har bir turkshunos uchun isbot talab qilmaydigan haqiqatdir. Navoiy, bizning zamonaviy tushunchalar nuqtaiy nazaridan ― o’zbek shoiri va mutafakkiridir”. Degan fikrlarni yozmagan bo’lar edi [23].

Haqiqatdan ham agar Alisher Navoiy Temuriylar ham kelib chiqqan Barlos urug’idan bo’lmaganda edi u, temuriylar mansub bo’lgan shu urug’dan bo’lmish Hurosan sultoni bo’lib o’tgan Husayin Boyqorodek ulug’ zot bilan yoshligidan birga o’smagan va shuning uchun ham uning eng yaqin do’sti, keyinchalik esa, uning amirlaridan biri va vaziri sifatlaridagi davlat arbobiga ham, aylanmagan bo’lar edi.

Yaqinda matbuot Bobur nomli jamoat fondi tashabbusi bilan Mirzo Muhammad Haydarning “Tarix-i Rashidi” degan asari o’zbek tiliga tarjima qilinib, nashir etilganligi to’g’risida axborot tarqatdi. Shuning uchun ham bu e’lon qilingan tarjimadan: Mirzo Muhammad Haydar haqiqatan ham A.A.Semyonov unga havola qilgan holda, demakki Xurshid Davron ham Alisher Navoiy to’g’risida yozgan fikrlar, to’g’rimi yoki noto’g’rimi? ― degan savolga aniqroq javob topsak ham ajab emas…

Shuning uchun ham ushbu maqolaning shu 6-bolimi oxirgi:

6.4. Alisher Navoiy o’zbek millatiga mansubmi? ― degan savolga: Albatta! Mirzo Muhammad Haydar, Tojikiston FAning akademigi A.A.Semyonov, shoir Xurshid Davron va uning Turkiyalik og’asi Temir Xo’jao’g’liga o’xshgan o’zbek millatiga mansub bo’lmagan kimsalar, Alisher Navoiy haqida nima deyishlaridan qatiy nazar, u o’zbek millatiga mansubdir, ― deb javob berishimiz va bu fikrni isbot etish imkoniyatiga egamiz.

Chunki, bu javob ayni haqiqat ekanligini isbotlab, bunga ishonchimiz komil bo’lishi uchun, biz urug’, elat va millat tushunchalariga yuqorida berilgan ta’riflar nuqtaiy nazaridan, men o’zimning 2011 yilning noyabrida MDH mamlakatlarining ko’plab internet-nashirlarida e’lon qilingan maqolamda [11], o’zbeklarni tashkil etuvchi 92 turkiy urug’larning o’zbek tilidagi ro’yxatini shu erda quyidagi ko’rinishda keltirib:

agar, alchin, argan, arlot, bagan, BARLOS, baxrn, buday, buyovut, buytay, buyurak, burqut, busloq, boston, g’arb, girey, do’rmon, jaljut, jaloir, jiyit, juyrat, juyut, julaji, jurat, jusulaji, yaj.k.r., kalivay, qangg’li, qari, qatay qattag’on, kenegas, kerayit, qiyot, qilechi, qiochoq, qirg’iz, qirq, qishliq, qolmoq, qorluq, koxat, qur, qurlovut, kuchi, qo’ng’irot, mang’it, masid, maxdi, merkat, ming, mitan, nayman, nukus, oglen, og’lon, oymivut, oyrat, olxonut, ong, ongochit, po’latchi, ramazon, saroy, simirchiq, soxtiyon, sulduz, tabin, tam, tama, tamgun, targ’il, tatar, tuvadak, turkman, tushlub, UYG’UR, uymut, uyshun, urmiq, o’jar, o’z, o’tarchi, hofiz, chaqmoq, chilkas, chmboy, shirin, shuburgon, shoran, yuz, yabu.

Uni o’rganib va taxlil qilib choqsak, BARLOS urug’i ham, hozir elat sifatida Xitoyning Shinjon-Uyg’ur avtonom tumanida mavjud bo’lgan UYG’URlar ham, ilgaritdan, o’zbek millati safiga kirishini, bilib olishimiz mumkin.

Endi bu ro’yxatni tahlil etar ekanmiz, o’zbeklarni tashkil qiluvchi 92 turkiy urug’lar safiga nafaqat BARLOS va QO’NG’IROTdek juda ham mashhur turkiy urug’lar va UYG’UR elatidan tashqari, xozirgi davrda elat va millatga aulanib, o’zlarining avtonom va mustaqil davlatlariga ham ega bolib ulgurgan: qozoq, qirg’iz va turkman millatlari; elat sifatida mavjud bolgan: qozon, ufa (boshqird) va qirim tatarlari, qoraqalpoqlar hamda qolmoqlar ham borligi uchun: ― Bunday holatni qanday baholash mumkin, nima, bu turkiy urug’lar endi o’zbek millati tarkibidan chiqib ketdimi? ― degan savol tug’ilishi ham mumkin.

Bu savolga esa:

7. Si Tszinpinning O’zbek svilizatsiyasi to’g’risidagi tezisi

va unga men o’zimning shu masalaga bag’ishlangan va boshqa maqolalarimda [8-11,13,16] bildirgan fikrlarim, tushuntiris va izohlarim to’liq javob bera oladi, degan fikrdaman.

Cunki men Si Tszinpinning O’zbek svilizatsiyasi to’g’risidagi tezisini o’zimning o’zbeklar va o’zbek davlatlarining kelib chiqishi tarixi to’g’risidagi nazariyalarim ham to’liq isbotlay olishi to’g’risida gapirar ekanman, bu svilizatsiya safiga yuqorida nomi tilga olingan turkiy urug’, elat va millatlarni o’z ichiga oladigan: O’zbekiston, Qirg’iziston, Qozog’iston, Tojikiston, Turkmaniston Respublikalari kabi mustaqil davlatlar; Rossiya Federatsiyasi tarkibiga kirgan Tatariston, Boshqirdiston va Kalmikiya Respublikalari; ilgari Ukraina Respublikasi tarkibiga kirgan Qirim (avtonom) Respublikasi; Xitoy Xalq Respublikasi tarkibiga kiruvchi Shinjon-Uyg’ur avtonom tumanidan tashqari, tarixga ingiliz bosqinchilarining xato fikrlari tufayli ― Buyuk Mog’ollar Imperiyasi, degan nom bilan kirib, aslida Temuriylardan bolgan buyuk o’zbek shoiri Zahiriddin Muhammad Bobur hukmdor sifatida asos solgan va XIX asrning o’rtalarigacha mavjud bo’lib Boburiylar tomonidan boshqarilgan, buyuk davlat ham, kiradi.

http://uz.fundamental-economic.uz/?page_id=365

مۇشۇ قۇرلىرى ئۇيغۇرلارنى بەكەرەك جەلۇپ قىلغۇدەك.

0

تېما

19

دوست

3974

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1149
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 02:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تارىخ ، ساقلاپ قويسا بۇلدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )