- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5445
- نادىر
- 0
- يازما
- 378
ئۆسۈش
  8.9%
|
ھەممىسىلا شۇ نەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
شۇ كىچىكىنە نەپنى دەپ داڭلىق ئارتىسلار نامىنى بۇلغىدى (نېمىشقا دەمسىز ،ئۇلار ماختىغان نەرسە راس چىقمىغاندىن كىيىن بىرىنچى بۇلۇپ ئاغزىڭىزنى بۇزۇپ كىمنى تىللايسىز ؟شۇ ئارتىسنىدۇ؟ ...)
ئىلان ئىشلەش شېركەتلىرى كەسپىي ئەخلاق ۋە قانون دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ ،يەنە شۇ نەپ ئۇچۇن ئاپ-ئاشكارە يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ .(ئەمىلىيەتتە بىچارە خەلىقنىڭ يېنىدىكى تېنىنىڭ ساقلىغىنى ساقلاش ئۈچۈن ئايرىپ قويغان ئازغىنە پۇلىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالەتتە قاقتى- سوقتى قىلىۋاتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ لەنىتىگە قېلىۋاتىدۇ ....)
تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكىلەر مۇشۇ ساقتىلىق ۋە قانونسىزلىق ھەركەتلەرگە كەڭرى مەيدان ھازىرلاپ بېرىپ ،شۇ ئالدامچىلارغا شېرىك بولىۋاتىدۇ .
بىرىنچىدىن ، تېلۋىزىيە ئىستانسى بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە ئىستانسىلار دۆلەت بەلگىلىگەن بىر پىروگىرامما ئارلىغىغا قانچە مىنۇت ئېلان قىستۇرۇش كېرەك دېگەن بەلگىلىمىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئېلان ۋاقتىنى 2-3ھەسسە ئۇزارتىپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ كۆزىنى بوياپ ،خەلقنىڭ ۋاقتىنى خالىغانچە مۇنوپۇل قىلىۋېلىۋاتىدۇ...
ئىككىنچىدىن ،ئۇلار ئېلاننى بېرىشكە مەسئول ،لىكىن ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايۋاتىدۇ .نادان خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزى ۋە تىلى دەپ قارايدىغان ساددا ئاڭ مەۋجۇت ،ئەمىلىيەتتە ،ئۇلار پەقەت مەركىزى تېلىۋىشزىيە ئىستانسىنىڭلا يۈز پىرسەنت شۇنداق رولى بارلىغىنى نەدىن بىلسۇن .شۇڭا ،ئۇلار ئېلانلارنىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ سۆزى دەپ چۈشۈنۈپ قارغۇلارچە ئىشىنىپ نۇرغۇن زىيانلارنى تارتىۋاتىدۇ .زاۋۇت ،ئېلان شېركىتى ،تېلېۋىزىيە ئىستانسى ،گول خىرىدار دىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ئىچىدە باشتىكى ئۈچ تەرەپ مەڭگۈ نەپ ئالغۇچى ،يالغۇز خىرىدارلا زىيانلانغۇچى ياكى ساقتا مالنىڭ زىيىنىنى تارتقۇچى .
شۇڭا ،مۇبادا بىرەر ئېلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ داۋاسى چىقىپ قالسا ، چوقۇم تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭمۇ جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك...
|
|