- تىزىملاتقان
- 2014-12-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 283
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  94.33%
|
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم!
مەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچە قىزىقمايدىغان ،تەبئىي پەندە نەتىىجەم ياخشى بولغاچ،ھېسابلاشنى بىلگەندەكلا تېز بىلۋالىمەن دەپ ئويلايدىغان ئىدىم،ئالىي مەكتەپكە بارغاندا بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇھەببەتكە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ يۇرگىنىنى كۆرەتتىم،شۇ مەزگىللەدە ئىشقى ئوتىدا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي، قىينىلىپ يۈرەتتىم، مەنمۇ ئوقۇپ باقتىم،بۇنىڭدا بىز دوستلاردىن،مۇئەللىمدىن ،جەمىيەتتىن ئاڭلاپ باقمىغان بىلىملەر باركەن ھە دەپ ئويلىدىم،شۇ ئاساستا تەتىلدە «ئانا يۇرت»رومانىنى ئوقۇپ چىقىپ شۇنداق ھاياجانلاندىم،باشلانغۇچتا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەپلا تۈزۈك چۈشەنچە بېرىلمىگەن ،بۇ تارىخ ئىشلاردىن خەۋەردار بولدۇم، ئارقىدىن «باي دادام نامرات دادام»دىگەن كىتابنى ئوقۇدۇم،ھەم ئوقۇشنىڭ خىزمەت تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى بىر بىلىملىك ئادەم بۇلۈش ئوقۇيدىغىنىمىزنى ھېس قىلدىم، بۇ كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا بەزى ماقالىلەردە ،دوستلارنىڭ ئاغزىدا «يەھۇدىلار كىتابنى بەك مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى ،كىتابقا تۇرىدىغانلىقىنى،بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدا كىتابقا ھەسەل سۈرتۈپ يالىتىدىغانلىقى »نى كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئىدىم ،ھەم بۇلارنىڭ كىتابنى بۇنچە قەدىرلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم!
«ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يۈز نەسىھىتى» دىگەن كىتابنى دوكتۇر ئۆزباش تەۋىسىيە قىلغان ئىدى ،مەن ئوقۇپ باقتىم ھەممىڭلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن!
كىتاب ئوقۇشنى ،سېتۋېلىشنى ،داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن!
ياخشى ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز قېرىندىشىم !
ئاللا خالىسا چوقۇم قىلالايمىز !ھەممە قېرىنداشلار بىرلىكتە تىرىشايلى!
|
|