2015-يىل ئەنئەنىۋى تىجارەتنى ئۆزگەرتىش يىلى
بۇ يىل بارلىق ئەنئەنىۋى كارخانىلار دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر كىرزىس بولسا ، بۇ يىل سودا يوق ، بازار كاسات ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭ ئېنىق نىشانىنى تاپالماسلىق! ئۆزىنىڭ بازاردىكى ئورنىنى تاپالماسلىق،كۆپلىگەن كارخانىلار بۈگۈنكىدەك ئېنتىرنىت دەۋرىدە قانداق ئۆزگۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ.
كەلگۈسىگە قانداق يۈزلىنىش كېرەك؟پايدىسى ياخشى كارخانىلارنىڭ بېشى قاتماقتا، پايدا ئالالمىغان كارخانىلارنىڭ بېشى تېخىمۇ قاتماقتا.كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى، پايدىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەمەس بەلكىكەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىنىڭ ۋە ئېنىق نىشاننىڭ بولماسلىقى.
1.ئەنئەنىۋى تىجارەتنىڭ كۈچى قالمىدى
مەيلى قايسى ساھە بولسۇن، ئەنئەنىۋى تىجارەت تەرەققىيات‹كۈچ-قۇدرەت› تاپالمايدۇ، بۇ ئاساسلىىقى كاپىتال بازاردا ئىپادىلىندۇ. ئەگەر كارخانىڭىزنىڭ سودا شەكلى يەنىلا كونا يولدا بولسا،( ئىشلەپچىقىرىش ،پىششىقلاپ ئىشلەش، مەھسۇلات، سودىگەر چاقىرىش، ئېلان،ۋاكالەتچى) بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ يەنە كىلىپ ئەڭ چوڭ كارخانىلارنىڭ خاسلىقىنى يۇقاتقان ئاجىز چىقىش يولى بۇلۇپ قالدى، شۇڭلاشقا ھەممىسى كۆزىنى يۇمۇپلا قىلىشدۇ.بۇ ئارقىلىق يەنە بىر يىل جان باقالايسىز ، لىكىن قالغىنى ئاللاغا ئامانەت.
2.ئۆزگەرمەسلىك ئۈلۈمنى كۈتكەنلىك،ئۆزگۈرۈش ھايات قېلىش ئۈچۈن.
كارخانىلارغا نىسبەتەن سودا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئىككى خىل بۇلىدۇ. بىر خىلى: ئۆزگۈرۈشكە مەجبۇر بۇلۇش، بىر قىسىم مەسلىلەرگە يۇلۇقۇپ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالماي ياكى ئىستىمالچىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇش، بۇنداق ئۆزگۈرۈشنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى ھەم ئازاپلىق بۇلىدۇ، ئەمما ئوپراتسىيەدىن قورقىدىغانلار چۇقۇم ئۈلىدۇ.مەسلەن: نوكىيا شىركىتى (nokia) ۋە كوداك(kodak)شىركىتى جانلىق مىسال. يەنە بىر خىلى: ئالدىن پەرەز قىلىپ ئاكتىپ ئۆزگۈرۈش. كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيەنى پەرق ئېتىش ئىتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ، بۇنداق كارخانىلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ،مەسىلەن: ئەينى يىلى IBM شىركىتى PC مۇلازىمىتىنى لىيەنشىياڭغا سېتىپ بەرگەن، PC پۇلغا يارىمايدىغان ۋاقىتنىڭ ئالدىدىلا يۇقىرى باھاغا سېتىۋەتكەن، دىمەك، IBM مۇدەەتتىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ھەم ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان.ئەمما بۇ خىلدىكى كارخانىچىلار پۈتۈن دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
ھازىر PC مۇلازىمىتى پۇلغا يارىماس بوپ قالدى،
3.ئەنئەنىۋى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئېنتىرنىت تورىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى ۋە تورنىڭ ھەقسىزلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ياخشى ئەمەس
جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ يېشى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 40 ياشتىن يۇقىرى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يېشى 35ياشتى يۇقىرى، بۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىجارەت ساھەسىدە تەجىربىسى مول، ئەمما مەسلە شۇكى بۇلارنىڭ ئېنتىرنىت تورىغا بولغان چۈشەنچىسى ياخشى ئەمەس. 40 ياشتىن يۇقىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كارخانىلارنى باشقۇرىشى ،بەلكىم كەلگۈسى 3 يىلدا يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىشى مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقەنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ. بىر كارخانا ياكى بىر ئادەم نىمىدىن ئۇتۇق قازانغان بولسا، يەنە كۆپ چاغلاردا شۇنىڭدىن مەغلۇب بۇلىدۇ. ئەگەر خوجايىن بارلىق باشقۇرغۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئورنىغا بىر تۈركۈم ياشلارنى قۇبۇل قىلسا،شىركەتتە زۇر خەۋىپ ۋە ئۈزۈكلۈك شەكىلىنىدۇ ، بۇ خىل خەۋپنى كىم يوق دىيەلەيدۇ؟ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدا ئىنتىرنىت تەپەككۈرىنى قەتئىي چۈشەنمەيدۇ،يىڭى خىرىسلارغا ھەم تاقابىل تۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇنداق كارخانىچىلارنىڭ ئۆزگۈرىشى ھەم زىددىيەتلىك ھەم ئازاپلىق .
4.ئەنئەنىۋى كارخانىچىلارنىڭ تور سودىسىغا نىسبەتەن كاللىسىدا تەپسىلات (چۈشەنچە) يوق
ئېنتىرنىتقا بولغان بۇ ئۇيۇنغا نىسبەتەن ئەنئەنىۋى كارخانچىلار ئارسالدى بولماقتا، بۇلۇپمۇ كۆپلىگەن خوجاينلارنىڭ تېلفۇنىدا ئۈندىدار ۋە ۋېيبو يوق، ئۇلاردا بۇ نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەپەككۈرى يوق.ئۆزى بىلەن يېڭى شەيئىلەر ئوتتۇرسىنى بىر تام ئايرىپ تۇرغان.
5.تورنى پەقەت ۋە پەقەت تەشۋىقات قۇرالىلا دەپ قاراش
كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى كارخانا باشقۇرغۇچىلار ئېنتىرنىت تورىنى تەشۋىقات-ئېلانلا دەپ قارايدۇ. مەسلەن، تورغا ئاز تولا ئېلان بىرىش بىلەنلا چەكلىنىش،شىركەت تور بىكىتى ياكى تور دۇكىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قۇيۇپ،كۈڭۇل بۈلمەسلىك،ئەمەلىيەتتە تور سودىسى ياكى ئىنتىرنىت تەپەككۈرى ناھايىتى كەڭ دائىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،مەسلەن : توردا بىۋاستە سېتىش ، تور ماركىسى يارىتىش، شىركەت ئوبرازىنى توردا تىكلەش ، ماركانىڭ ھىكايىسىنى تور ئارقىلىق ھەقسىز كەڭ تارقىتىش، ياش كىچىك ئېستىمالچىلارنى ئۆزىگە قىزىقتۇرۇش ۋە شۇ چەمبىرەكنى داۋاملىق كىڭەيتىش ، ئېستىمالچىلىرىڭىز بىلەن يۈزمۇ-يۈز پىكىرلىشش ، خىرىدالارنىڭ نىمىگە قىزىقىپ ، نىمىدىن زىرىكۋاتقىنى بىلىپ تۇرۇش، ئىجدىمائىي جەمئىيەت مەسلىلىرىنى ماركىڭىزغا تور ئارقىلىق باغلاش، تور ئارقىلىق ماركىڭىز ياكى مەھسۇلاتىڭىزنى قىزدۇرۇش (炒作)، ئىچىتىش.تور ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدا پائالىيەت قىلىش ، تور ئارقىلىق سېتىش ، تەشۋىقات،ئېلان قاتارلىقلارنىڭ تەنەرخىنى تىجەش،بۇ مىساللار چۈشەندۈردىكى،ئېنتىرنىت بىر سودا يۇلى، ئەمما ئېنتىرنىت تەپەككۇرى بولسا بىر خىل يېڭى سودا شەكلى.مايۈننىڭ ئېيتقىنىدەك، ئەنئەنىۋى كارخانىلار ئىنتىرنىت شەكلىنى ئالدى بىلەن كۆرەلمەيدۇ،ئاندىن كۆزگە ئىلمايدۇ،ئاخىردا كىچىككەن بۇلىدۇ. كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى كارخانىلار ھازىر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن خەتەرلىك.
6.ئەنئەنىۋى سودا تەپەككۇرىنىڭ يىلتىزى مۇستەھكەم
ئەنئەنىۋى سودىدا، مەھسۇلات ئېلان سۈزىگە ۋە ئالاھىدە سېتىش كۆز قاراشنى تاۋلاشقا مۇھتاج، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەپەككۇر كۈچىگە ئايلاندى. ئەمما بىز شۇنى بايقايمىزكى، ئېلاننىڭ مەھسۇلاتنى سېتىشقا بولغان كۈچى بارغانسىرى ناچارلايدۇ، سىز شىياۋمى تېلفۇننىڭ ئېلانىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز يەنە ئالما تېفۇننىڭ ئېلاننى ئەسلىيەلەمسىز؟ ئەمما بۇ ئىىككى ماركا دۇنيادا داڭ قازاندى.
ئەمەلىيەتتە،ئېنتىرنىت تورىدا سېتىشمۇ خىلى جاپالىق، بىراق ئېنتىرنىت تەپەككۇر ئۇسۇلى بۇيىچە سودا شەكلىمىزنى ئۆزگەرتسەك زىيان تارتمايمىز. ئۇنداقتا ئېنتىرنىت تەپەككۇر ئۇسۇلى دىگەن نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ بارلىق مەنبەلەرنى بىر يەرگە يىغىپ (خېرىدارنىڭ ،دوستلىرىمىزنىڭ ،دۇشمىنىمىزنىڭ،خوشنىمىزنىڭ ئىشقىلىپ پايدىلانغۇدەكلا مەنبە ياكى ئۇچۇرنى بىر يەرگە يىغىشىمىز كېرەك) ، خېرىدارنىڭ نىشانى بىلەن بىردەك ئىچ قۇيۇن-تاش قۇيۇن بۇلۇش ، خېرىدار ئەرزان پۇلغا سۈپەتلىك مال ئېلىشنى ئۇيلايدۇ،سىز شۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياكى ماركىڭىزنى دەل شۇ خېىرىدار ئىزدەۋاتقان مال ياكى ماركا قىلىپ تۇنۇشتۇرالىسىڭىز، خېرىدارڭىز ھەم باشقىلارغا شۇنداق بۇ مەھسۇلات ئۇنداق ياخشى ،بۇنداق ياخشى دەپ باشقىلارغا تۇنۇشتۇرلىسىڭىز ۋە ئەڭ تۆۋەن تەنەرخ بىلەن غايەت زور خېرىدارنى سىزگە ئەگەشتۈرۈشىڭىز مانا بۇ ئېنتىرنىت تەپەككۈرى بولىدۇ.
.
8.بەش يىللىق ئىستىراتىگىيە پىلانى ئەھمىيىتىنى يۇقاتتى
بۇرۇنقى كارخانىلار 3 يىلدىن5 يىلغىچە ئىستىراتىگىيەلىك پىلان ئېلىپ بارغان، ئەمما ھازىر بۇنىڭ ھىچقانداق ئەمەلى ئەھمىيىتى بولمىدى ھەم قالمىدى، بۇ پەقەتلا ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق خالاس. شۇڭلاشقا كارخانىچىلار ئېنتىرنىتتا كۈنلۈك -ئايلىق ئۆزگۈرۈش ئاساسىدا ئۈنۈملۈك بولغان 6 ئايدىن بىر يىللىق ئىستىراتىگىيە ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ،مۇشۇنداق قىلغاندىلا كارخانىنىڭ تەرەققى قىلىپ،خېرىدارنىڭ كەينىدە قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئېنتىرنىت دەۋرىدە كارخانچىلار بارغانسىرى ھېرىپ-چارچايدۇچۈنكى داۋاملىق ئۈگۈنۈش كېرەك،ئەمما ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئەنئەنىۋى كارخانچىلارنىڭ خاتىرجەم كۈنلىرى ناھايتى تېزلا يوقۇلۇپ كىتىدۇ.بازار ۋە ئېستىمالچىلار شۇنداق تېرىشىپ ماڭالىغانلارغا مەنسۇپ.
9. سودا شەكلىنىڭ ئىجادى تەپەككۇرىنى چۈشەنمەسلىك
ئەنئەنىۋىي سودا كۆز قارىشى ئەمدى ئەسقاتمايدۇ،مۇنچە يەردە دۇكىنىم بار،ماركام مۇنداق داڭلىق دىگەن كارخانلارغا ئەمدى كۈن يوق،نوكىيانى ياخشى ئۇيلاڭ،سىزدە تىخى نوكىيانىڭ 10% چىلك مەبلەغ ۋە تىخنىكا يوق، ئېنتىرنىت دۇنياسى ئىنتايىن تەكشى، بۇرۇنقىدەك قالاق ھالەتتە رايۇن ۋە بازارغا بۆلۈنمەيدۇ. ئىستىمال توپى بىرلىك قىلىندۇ،ھىسيات ۋە تۇيغۇ ئاساس قىلىندۇ، بۇندىن كىيىنكى خېرىدارلار سىزنىڭ ماركىڭىزنى ياكى شىركىتىڭىزنىڭ ھىكايىسىنى توردىن ئىزدەپ تاپالىشى كېرەك ،بولمىسا سىز قانچە داڭلىق بولوڭ،ئىنتىرنىت دەۋرىدە ھىچكىم سىزنى تۇنۇمايدۇ،ئەنئەنىۋى كارخانىلار چۇقۇم ياخشى ئويلىنىشى لازىم،سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز زادى قانداق قىلىپ ئىستىمالچىلارنىڭ سىزگە ئىشىنىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن سىزنى تاللايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مەھسۇلاتىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدۇ؟
10. 2015-يىلى خوجايىنلارنىڭ سىناق يىلى
2014-يلى، توغرىسىنى ئېيتقاندا كىيىنكى يېرىم يىلدا شىنجاڭدىكى كۆپ ساندىكى ئەنئەنىۋى كارخانچىلار ئويغاندى، شۇنداقلا يەنە گاڭگىراشقا جىددىيلىشىشكە باشلىدى،ئەمما تىزلا ئۈگۈنۈشكە باشلىدى،بۇ يەردە ھىچكىمنىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى ئەمەسلىكىنى ،بەلكى بىر يەرگە كىلەلمەيۋاتقان ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇدى...، . بىر كارخانىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ 60%خوجايىنغا مەنسۈپ؛ بىر كارخانىنىڭ مەغلۇب بۇلىشىنىڭ 99% نى خوجايىنغا ئارتىشقا بۇلىدۇ.2015-يىلى ئۇيغۇر كارخانچىلىرى ئۈچۈن ئىمتىھان يىلى،پەرزىمچە بۇ يىل سودا ئۇيۇنى قايتا باشتىن شەكلىنىدۇ . دەۋىر شۇ ئاتالمىش ئەنئەنىۋى كارخانا چولپانلىرىنى رەھىمسىزلەرچە شاللاپ تاشلايدۇ،ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ چىققان يېڭىچە ھەتتا غەيرى سودا شەكلى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.ئېنتىرنىت دەۋرىدە، بارلىق كارخانىچىلار كەچۈرمىشىنى قۇيۇپ چۇقۇم ئۆزگۈرىشى لازىم،ئۆزگەرسىمۇ ئۆزگۈرىدۇ، ئۆزگەرمىسىمۇ ئۆزگۈرىدۇ،پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
تاۋارىم سودا تورى يازمىسى
www.tawarim.com
مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
|