- تىزىملاتقان
- 2012-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 207
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
69%
|
ئەنۋەرجان مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز، يازغان ماقالىڭىزنى ئەستادىل ۋە تەپسىلى ئوقۇپ چىقىتىم. ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىز. باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالى، مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سۇقىۋاتقان يۈرىكىڭىزگە، ئىزدىنىۋاتقان قەلبىڭىزگە، بەرىكەتلىك تەپەككۈر، پىكىرلىرىڭىزگە، ئىلھاملىرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن.
مەن سىزنىڭ ماقالىرىڭىزنى «شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلدىنمۇ ئوقۇپ تۇرىمەن.
مەنمۇ بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. سىز يازغاندەك «قارا يۇمۇر»لارنىڭ ھەر سائەتلىك گۇۋاھچىسى. ھەقىقەتەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىىمىزدا «يېغلاي دەپمۇ يېغلىيالمايمەن،كۈلەي دەپمۇ يا كۈلەلمەيمەن» دېگەندەك مۈجىمەل روھىي ھالەت ساقلىنىقلىق. بۇنىڭ مەنبەسى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يتەكچىلىكىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلىڭلار دېگەن ئىشىنى قىلماسلىقى.
بىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپ ئىنكاسىنى كۆرگەندە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە تۈزىتىپ تۇرىمىز. كۆپرەك كىتاپ ئوقۇپ بېرىشىنى، كۆپرەك يېزىپ بېرىشىنى، كۆپرەك سۆزلەپ تۇرۇشنى ، كۆپرەك ئاڭلاشىنى كۆپ قېتىم، كۆپ قىېتىم، كۆپ قېتىم جىكىلەپ تۇرىمىز. ھەر سائەتتە دېگەندەك. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلدىغانلار بەك ئاز. ئوقۇغۇچىلاردىن بەك كۆپ ئاغرىنىشقىمۇ ھەققىمىز يوق.
ئۆزىڭىز سۆزلىگەندەك ھەم ھەممىز بىلگەندەك مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان. كۈچەيتىمە قوش تىل سىنىپ، ئادەتتىكى قوش تىل سىنىپ، ئادەتتىكى ئاناتىل سىنىپ قاتارلىق... مۇشۇ خىل ئايرىۋىتىشلەر مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇشنىڭ قانۇنىيتىنى قالايمىقانلاشتۈرماقتا. بۇ دەرىجىگەئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپسىمۇ ، ئۆگىنىش بىسىممۇ دەرىجىسىگە قاراپ ئېغىرلىقتىن يەڭگىللككە قاراپ يۈزلەنگەن. چۈنكى ئۆگىنىش ئىددىيسى بار، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار 1-قاتاردىكى سىنىپلاردا، سانغىلا ئۈتۈپ بېرىدىغان، ئوقۇش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاخىرقى قاتاردا.
ئولار ھەممىسى ئۆز كۆڭلىدە تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئەڭ ئاسان دەرس، ئۆگەنمىسەممۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ماتىماتىكا، خەنزۇتىلى، فىزىكا، خىميە، بىئولۇگىيە دەرسلىرى خەنزۇتىلى يېزىقىدا، خەنزۇچە سۆزلىنىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىنمۇ تەس بولغان بو دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە بەكرەك كۈچايدۇ. تىلدىنمۇ، دىلىنىمۇ، قىممەت قارىشىدىنمۇ چاتاق چىققان ئوقۇغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس،ئەلۋەتتە.
ئۆز ئانا تىل تەپەككۇرىدىن ئايرىلغان ياكى شۇ خىل تىل تەپەككۇرى مۈجىمەللەشكەن ئىنساندا ساغلام تەپەككۇرنىڭ بولشىنى ناتايىن.تىل توسقۇنلىقى سەۋەبلىك تەپەككۇرى مۈجىمەللەشكەن ئىنساندا ئۆز قەۋمىنى،ۋەتىنىنى،ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى،ئېسىل ئۆرىپ-ئادىتىنى سۆيۈش ئۇنچىۋېلا كۈچلۈك بولمايدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا ئاۋال ئۆزىدىن،قەۋمىدىن ياتلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن غەيرى ئۆزلۈكتىكى مۇھەببەت-نەپرىتى نائىنىق بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
ئوقۇتۇشىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەھلىل،تەتقىق قىلىش شۇنداقلا مۇۋاپىق سىياسەت بەلگىلەشكە تۈرتكە بولۇش-بىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم بۇرچىمىزدۇر!
ساقلىنىپ قىلۋاتقان بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىزدىنەيلى، چۈنكى ئوتنىڭ ئىچىدە كويىۋاتقانلار بىز. سىز قاتارلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلۋاتقان، بىزگە مەشئەل بولىۋاتقانلارمۇ ئىزدىنىڭلار.
ھەقىچان بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ئوي-خىياللىرىڭىز بار بۇلۇشى مومكىن. بولسا مۇشۇ ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرىغا قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز ياكى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسىڭىز، ھەممىز بۇنىڭدىن نەپ ئالساق دېگەن ئۈمىدتىمەن. ھەر بىر مېھنەتكەشلىرىمىزنىڭ،مائارىپ سۆيەرلىرىمىزنىڭ تەڭ كۆيۈنىشىدە قارا يۇمۇرلىرىمىز كۈنسايىن ئازايغۇسى!!! |
|