ساتقۇچى چۇقۇم كۆرۈڭ : نىمە ئۈچۈن كونا خېرىدارلار قېچىپ،يېڭى خېرىدارلارنى تۇتۇپ قالالمايمىز؟ كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر، مەن بولسام يېڭىدىن تور دۇكىنى ئاچقان دۇكاندار،گەرچە نام-ئابرويۇم يۇقىرى بولمىسىمۇ،ئەمماكۈندە دىگۈدەك ئىزدىنىپ تاۋارىم چۈشۈنۈشكە تىرىشتىم، بۇ جەرياندا ئاخىرى بىرقائىدىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم،بىر كونا خېرىدارنى پەرۋىش قىلماق بىر يېڭى خېرىدارغا كەتكەن چىقىمدىن خېلى بەكلا تۆۋەن بۇلىدىكەن. شۇڭلاشقا بارلىق ساتقۇچى دوسلارقاتتىق ئويلىنىشى كونا خېرىدارلارنى پەرۋىش قىلىش بىلەن بىرگە ، ئامالىنىڭ بارىچە يېڭى خېرىدارلارنى تۇتۇپ قېلىشقا قەدەم قۇيىشى زۆرۈر. بىز كونا خېرىدارلارنى قۇيۇپ بەرمەي تارتىپ تۇرغانسىرى، يەنە نىمىشقا كۆپلىگەن كونا خېرىدارلار تاش يۈرەكلىك بىلەن كىتىپ قالىدۇ؟سەۋەبى نەدە ؟
1:خېرىدار سىزنىىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ نامىنى ئىسىدە ساقلمايدۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ كۆرسىتىشىچە،تاۋارىمدا، مەلۇم بىر دۇكاندىن پەقەت بىرلا قېتىم تاۋارسېتىۋالغانلارنىڭ سانى ئۇمۇمى ساننىڭ 50% تىدىن ئېشىپ كەتكەن، دىمەك 50%تىن كۆپ خېرىدارلار شۇنداق ئاسانلا قولدىن كەتكەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى دۇكاندىن نارازى بولغان ئەمەس بەلكى دۇكاننىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەن.شۇڭلاشقا بىز دۇكىنىمىزغا باشقىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىدەك ئىسم تاللىشىمىزلازىم.
2:خېرىدار مال سېتىۋېلىش جەريانىدا شۇمالغا نىسبەتەن ياخشى چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن، خوشال بۇلالمىغان ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتنىڭ كۆرسىتىشىچە،ئىككى قېتىمدىن كۆپ مال سېتىۋالغانلارنىڭ سانى 10% ئەتراپىدا ئىكەن،بۇنداق خېرىدارلار كۆپ قېتىم مال سېتىۋېلىش جەريانىدا كۆڭلىدىكىدەك(خوش)بولمىغانلىق سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك يۇقۇلۇپ كىتىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن كۆپ،مەسلەن:مۇلازىمەت ئىنكاسى ئاستا، سۈپەت ناچار،ئىستىمال قىممىتىنىڭ يوتكىلىشىگە سەل قاراش،مال يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، ئورىلىشى كۆرۈمسىز، سېتىشتىنكىيىنكى مۇلازىمەت ياخشى ئەمەس... قاتارلىق سەۋەپلەر خېرىدارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئشەنچىسىنىڭ ناچار بۇلۇش ۋە دۇكانغا نىسبەتەن نارازى بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3:خېرىدارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى كۆپ، ماللارنىڭ ئالاھىدىلىكى يوق بۇ خىلدىكى خېرىدارلار ئاساسەن ئىككى قېتىمدىن كۆپ مال سېتىۋالغانلاردا كۆرۈلىدۇ،بۇلار 15% ئەتراپىدا.مەھسۇلات،مۇلازىمەت...لەردە ھىچبىر يورۇق نوقتا ۋە ئالاھىدىلىك بولمىغانلىق سەۋەبىدىن،ئوخشاش خىلدىكى ساتقۇچىلاردا پەرق ئىنتايىن چوڭ. شۇڭا بۇ خىلدىكى خېرىدارلار ھەرخىل دۇكاندىن مال كۇرۇپ سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلائوخشىمىغان مۇلازىمەتتىن بەھرلىنىش ۋە ئوخشىمىغان دۇكاندىن مال سېتىۋېلىشقائىنتىلىدۇ.
4:خېرىدارنىڭ باھاغا بولغان نارازىلىقى بۇنداق خېرىدالار ئۇمۇمى ساننىڭ 20%نىئىگەللەيدۇ. تاۋارىمدا باھا مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندىكى زۆرۈر ئامىل. مەھسۇلاتنىڭ باھاسى مەڭگۈ خېرىدارلارنىڭ مال تاللاپ سېتىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى.دۇكان خوجايىنلىرى 1-2 يۇەن پۇلنىمۇ ھەرگىز ئاز كۆرمەڭ،ئېھتىمال خېرىدارلىرىمىز ئاشۇ 1-2 يۇەن پۇلنى دەپ باشقا دۇكانغا كىتىپ قېلىشى مۇمكىن. 5:ئادەت خاراكتىرلىك ۋە ئىمپۇلس تىپلىق خېرىدارلار نەرسە سېتىۋېلىش خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ
نەرسە سېتىۋېلىش خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۇمۇمى ساننىڭ 5% تىنى ئىگەللەيدۇ. كۆپ ساندىكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نەرسە سېتىۋېلىش ھەركىتى ئادەت خاراكتىلىك ۋە ئىمپۇلس تىپلىق بۇلىدۇ،كۆپىنچىلىرىنىڭ ئادەت خاراكتىلىك سېتىۋېلىش بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم بىرمەزگىل ئۆتكەندى كىيىن ئۇ ئىستىمالىنى باشقا يۆنىلىشكە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ‹ئۆزۇڭنىمۇ،ئۆزگىنمۇ بىلسەڭ،يېڭىلمەسبۇلىسەن›
قوشۇمچە:ھازىر تورسودىسى بەك قىزىپ كىتىۋاتىدۇ،شۇڭامەزكۇر تېما پايدىلىنىش ئۈچۈن يېزىلدى.قېرىنداشلارغا تامچە كەبى ياردىمى تەگسە مەن شۇنىڭدىن رازى
مىنىڭ تاۋارىمدىكى تور دۇكان ئادېرسىم http://turan.tawarim.com/ قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن،رەھمەت
|