- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1921
- نادىر
- 0
- يازما
- 104
ئۆسۈش
92.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-27 02:59
رەخمەت سىزگە ناسىن ئەپەندى:
يېشىم گەرچە 40قا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ(پەقەت 6ئايدىن كېيىنلا 40قا كىرىمەن)، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۆرۈپ كېلىۋاتقان ‹‹ئامېرىكا چۈشى››نى رىئاللىقىمدىكى ھايات كەچۈرمىشىمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. بۇ يازمىڭىز مېنىڭ شۇ يەرلەردە ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتنى ھازىرلاش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھىم بايانلار بىلەن تەمىن ئەتتى.
قانداق جىن چاپلاشتىكىن، ئابدۇللا ئابدۇرېيىم ئىجراسىدىكى ‹‹قىرىقتىن ئۆتكەندە) دېگەن ناخشىنى كۈندە بىر قېتىم ئاڭلىمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ. شۇ ناخشىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىش تۇيغۇسى بىلەن تەڭلا ئۆزۈمنى، ئەركەكلىكىمنى، مەسئۇلىيەتنى تونۇش تۇيغۇسى ئۆز-ئارا جەڭگە چۈشىدۇ. ئاخىرىدا يەنىلا كېيىنكى تۇيغۇم غالىپ كېلىپ باشقىدىنلا روھلىنىپ كېتىمەن.
نەق گەپكە كەلسەم مەن شۇ چۈشۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئېنگىلىز تىلى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ئەمما ھېچنىمە ئۆگىنەلمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئۆگەنگىنىم ئارانلا ئېنگىلىزچە ھەرىپلەر ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىرەر يۈزچە ئاددى سۆزلەر. نەچچە يىل بۇرۇن زۇلپىقار بارات ئۇزباش ئەپەندى ‹‹قانداق قىلغاندا ئېنگىلىز تىلىنى ياخشى ئۈگەنگىلى بولىدۇ؟›› ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان. ئەمما ئۇ چاغدا شۇ ماقالىنى شۇنداقلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن(نە ئامال دەيسىز، ‹‹ياشلىق -شاشلىق›› دېگەندەك ئۇيۇننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەننىڭ ئىشى بولمامدۇ). ھازىر شۇ ماقالىنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. شەھرىمىزدە بىر نەچچە تىل تەربىيىلەش مەركىزى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆتكەن دەرسى نۆل سەۋىيە بويىچە تەربىيىلەشتىن باشلانمايدىكەن، مەن قاتنىشىپ بېقىپ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىگەندىن كېيىن ۋاز كەچتىم. مەن دەيمەنغۇ نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ ئۈگەتسەڭلار بولمامدۇ دەپ. ئۇلار دەيدۇ: بالىلار دەسلەپكى نۆل سەۋىيەنى ئاللىقاچان ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتە ھازىرلاپ بولغان. شۇڭا ئۇلارغا بۇنى قايتا تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ.
گەپ دەل مۇشۇ يەردە. بىز ئوقۇغان دەۋىردە نەدىمۇ ئېنگىلىز تىلى دەرسلىكى بولسۇن! مۇشۇ سەۋەب ئالتىمىز (ھەممەيلەن يېشى 35تىن ئاشقانلار) شۇ تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە ئوقۇشتىن ۋاز كەچتۇق. نېمە قىلىمىز ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىپ دەيمەنغۇ. ئىسسىت دەيمەن، بىكارغىلا خېلى كۆپ ئوقۇش ھەققىنى بېرىۋەتتۇق، نە ئامال ئۇلار نەچچە ئايلىق ئوقۇش ھەققىنى بىراقلا ئېلىۋالىدىكەن ئەمەسمۇ.
شۇڭا سىزگە ھەم ئۆتۈنۈشۈم، ۋە تەكلىپىم بولۇپ قالسا:
‹‹قانداق قىلغاندا ئېنگىلىز تىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئەڭ ياخشى ئۈنۈم ياراتقۇدەك ھالەتتە ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟›› دېگەن ماۋزودا ئۆزىڭىزنىڭ يەكۈنلىگەن تەجرىبىڭىز ئاساسىدا بىر يازما بىلەن تەمىنلىسىڭىز. بۇ بەلكىم يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ سىزدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەردە، سىزنى زىيادە ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان ئىشقا مەجبۇرلىغان بولسام سەمىمىي ئۆزرە ئېيتىمەن. |
|